تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى جان تىكىپ قوغداشقا قەسەم قىلىمەن

ئۈرۈمچى شەھىرى تۇدۇڭخابا رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس سەيپىدىن ئېزىز

  يېڭى جۇڭگودا تۇغۇلۇپ، قىزىل بايراق ئاستىدا چوڭ بولغان، 20–ئەسىرنىڭ 60–يىللىرىدا تۇغۇلغان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭدا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولدۇم: ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش كۈنسايىن يۈكسەلدى، پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ھەر مىللەت ئامما جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چىن قەلبىدىن قىزغىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۇلۇغ ۋەتەننى چىن قەلبىدىن قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قەلبىدىن كۈچلۈك ئېتىراپ قىلىدىغان بولدى.

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنىڭ گۈللىنىپ يۈكسىلىشىنى، ئىتتىپاق–مۇقىم بولۇشىنى كۆرۈشنى خالىمىدى، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشنى كۆرۈشنى خالىمىدى، ئۇلار شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ‹‹مىللەت›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشىغا قارا كۆلەڭگە چۈشۈردى. بولۇپمۇ، كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بولدى، ئۇلار كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقتى، ئۇلار ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىسى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول. بۇ مۇناپىقلار باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ بۆلگۈنچىلىكى، بۇزغۇنچىلىقى ئالدىدا، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ سۇيىقەستلىك ھىيلە–مىكىرلىرى ئالدىدا، بىز چوقۇم سىياسىي مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، كاللىمىزنى باشتىن–ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ قۇتراتقۇلۇقى، كۈشكۈرتۈشىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇشىمىز، چوڭ ھەق–چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن–ئاخىر تونۇشتا مۈجمەل بولماسلىقنى، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماسلىقنى، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىشىمىز، ھەرقانداق شەخس، ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق شەكىلدە شىنجاڭنىڭ ھەرقانداق بىر غېرىچ زېمىنىنىمۇ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشىگە ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك.

  مەن قەتئىي ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كەم–كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى جان تىكىپ قوغداشقا قەسەم قىلىمەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ۋە گۈزەل كەلگۈسىنى جان تىكىپ قوغداشقا قەسەم قىلىمەن.

  مەن ئۆزۈمنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى، كەڭ سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى قەتئىي، كەسكىن ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇشقا تەشكىللەيمەن، سەپەرۋەر قىلىمەن. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيمەن، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىمەن، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى