تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

«تۇغقىنىم مېنىڭ ئۆي جاھازلىرى دۇكىنى ئېچىشىمغا ياردەم بەردى»

     شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى داۋجۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9-ئاينىڭ 30-كۈنى يەكشەنبە، قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى جاڭ شۈ يەنە بىر قېتىم دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بۇ شەھەرنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسى بازار كەنتىدىكى ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئۆي جاھازلىرى دۇكىنىغا كەلدى، ئىنىسى ئابلىكىمجان ئۆمەرنىڭ ئۆي جاھازلىرى دۇكىنىنىڭ تىجارەت باشلىغىنىغا نەچچە ئاي بولغانىدى، جاڭ شۈ ئۆي جاھازلىرى دۇكىنىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىدىن ئىزچىل غەم يەپ كەلگەنىدى.   

    چۈشتىن كېيىن، جاڭ شۈ ئابلىكىمجان بىلەن بىللە كەنت ئاھالىسى ئابلا قارىنىڭ ئۆيىگە باردى. بۇ يىل 7-ئايدا، ئابلا 3000 يۈەن خەجلەپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئۆي جاھازلىرى دۇكىنىدىن ئون كىشىلىك بىر يۈرۈش سافا سېتىۋالغانىدى. ئىككى ئاي ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئابلىكىمجان كېلىشكىنى بويىچە ئابلانىڭ ئۆيىگە ئەھۋال ئۇقۇشقىلى باردى. ئابلا خۇشال ھالدا: «سافا ناھايىتى ياخشى چىقتى، ئولتۇرسا بەك راھەت، ھازىرغىچە سۈپىتىدە ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىدى» دېدى. ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئۆي جاھازلىرى دۇكىنى پۈتۈن يېزا بويىچە بىردىنبىر ئۆي جاھازلىرى دۇكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيگە يېقىن، ئۆي جاھازلىرىنىڭ باھاسى قەشقەر شەھىرىدىكىدىن ئەرزان، يەنە تېخى ئۆيگە ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، ئابلا كۈزلۈك ھوسۇلنى يىغىۋالغاندىن كېيىن قولىغا پۇل كىرسە، يەنە ئابلىكىمجاندىن تاماق ئۈستىلى ۋە كارىۋات سېتىۋېلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى.
     25 ياشلىق ئابلىكىمجان ئىلگىرى يىل بويى جېجياڭ، جياڭسۇ قاتارلىق جايلاردا ئىشلەمچىلىك قىلىپ، بىر ئاز پۇل يىغقاندىن كېيىن، بۇلتۇر 8-ئايدا يۇرتىغا قايتىپ، ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولدى. ئىچكىرى ئۆلكىدە ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقاندا، ئابلىكىمجان دائىم ئاتا-ئانىسىدىن تۇغقىنى جاڭ شۈنىڭ تەرىپىنى ئاڭلايتتى. ئىشلەمچىلىكتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئابلىكىمجان ئاتا-ئانىسىغا جاڭ شۈ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۆيىگە ھېيت ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىشنى ئېيتتى ھەم يەنە ئانىسىنى ئېلىپ شەھەرگە كىرىپ كۆپ قېتىم جاڭ شۈنى يوقلىدى. جاڭ شۈ كەنتتە تۇرغان مەزگىلدە، ئابلىكىمجان يەنە پۇتۇڭخۇا بىلىشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جاڭ شۈگە تەرجىمان بولۇپ بەردى، جاڭ شۈ ئىچكىرىدىن قايتىپ كەلگەن بۇ ئىنىسىنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالغانىدى.
    ئابلىكىمجان بىر ئۆي جاھازلىرى دۇكىنى ئېچىشنى ئىزچىل ئويلىشىپ كەلگەنىدى، بۇ يىل 5-ئايدا، ئۇ بۇ ئويىنى جاڭ شۈگە ئېيتقاندا، جاڭ شۈ بەكلا قوللىدى، ئۇ ئىنىسىغا بازار كەنتىدىكى بازاردىن دۇكان ئالاقىلىشىپ بېرىپلا قالماي، يەنە ئائىلىسىنىڭ يىغقان پۇلىدىن 100 مىڭ يۈەن چىقىرىپ، ئىنىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مەبلىغى قىلىشىغا بەردى. «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئۆي جاھازلىرى دۇكىنى» دېگەن بۇ دۇكان نامىنى جاڭ شۈ ئىنىسى بىلەن بىرگە قويدى. ئابلىكىمجان كىشىلەرگە: «تۇغقىنىم جاڭ شۈ ئاكام مېنىڭ ئۆي جاھازلىرى دۇكىنى ئېچىشىمغا ياردەم بەردى» دەپ ماختىناتتى. ئۆي جاھازلىرى دۇكىنى ئابلىكىمجاننىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى دېھقانلارغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.
    مۇخبىر بازار كەنتىدىكى بازارغا جايلاشقان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئۆي جاھازلىرى دۇكىنىغا كىرىپ، دۇكان ئىچىنىڭ ھەرخىل پاسوندىكى ئۆي جاھازلىرىغا لىق تولغانلىقىنى كۆردى. قىسقىغىنا نەچچە ئايدا، ئەتراپتىكى دېھقانلار 35 مىڭ يۈەنلىك ئۆي جاھازلىرىنى سېتىۋالغان بولۇپ، ئابلىكىمجان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئابلا سېتىۋالغان ئاشۇ خىل سۇس سېرىق رەڭلىك سافا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىۋاتىدۇ، ئۇ دېھقانلارنىڭ ئەمىن ئۆيىگە قويۇلسا يارىشىپلا قالماي، يەنە ناھايىتى چىداملىق، شۇڭا كەنت ئاھالىلىرى بەك ياقتۇرىدۇ.
    ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئۆي جاھازلىرى دۇكىنىنىڭ ئىستىقبالى ئۈستىدە توختالغاندا، جاڭ شۈ بىلەن ئابلىكىمجان ئاكا-ئۇكا تولۇق ئىشەنچ بىلەن: 11-ئاي كەلسە، دېھقانلار پاختىسىنى سېتىپ بولىدۇ، سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلارمۇ يۇرتقا قايتىدۇ، ئۆي جاھازلىرى دۇكىنىنىڭ تىجارىتى چوقۇم تېخىمۇ ياخشىلىنىپ كېتىدۇ! دېدى.                                                   

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى