تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

يۇمشاق، قاتتىق ماتېرىياللارنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ «تېزلىتىش كۇنۇپكىسى» بېسىلدى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ كەندۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يۇمشاق، قاتتىق ماتېرىياللارنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ «تېزلىتىش كۇنۇپكىسى» بېسىلىپ، «فونتانسىمان» ئېشىش ھالىتى بارلىققا كەلدى. بوغدا كۆلىدىن قاناسقىچە، تۇرپان بۇيلۇقتىن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگىچە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر ئۈزۈلمەي كېلىپ، ھەممىلا جاي ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولۇشتەك مەنزىرە بارلىققا كەلدى.
    ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، شىنجاڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 105 مىليون ئادەم(قېتىم) بولۇپ، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 171 مىليارد 942 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ھەر ئىككى كۆرسەتكۈچ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن %40 ئاشقان. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى قىزىپ كەتكەن!
    مۇقىملىق «پايدىسى» نى سىجىل تارقىتىش

    ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقى مۇقىم، ۋەزىيەت كونترول قىلغىلى بولىدىغان، يۈزلىنىشى ياخشى بولدى، ھەر مىللەت ئامما ۋە كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
    10-ئايدىكى ئۈرۈمچىنىڭ كۈز كېچىسى سالقىن بولسىمۇ، ئۈرۈمچى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ كەچلىك بازىرى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەن بولۇپ، تۈرلۈك مەززىلىك يېمەكلىكلەرنى تېتىپ كۆرىدىغان ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولغانىدى. 8-ئايدا رەسمىي تىجارەت باشلانغاندىن بۇيان، چوڭ بازار كۈندە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى ئەڭ كۆپ بولغاندا 300 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يەتتى.

    يېقىندا، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىغا بېرىش باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتىگە قاتناشقان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بەس-بەستە: شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، دۇنيا خەلقىنى شىنجاڭ توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىمىز، دېيىشتى.

    7-ئايدا، ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››نىڭ مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى جەنۇبىي شىنجاڭدا نەق مەيداندا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، ‹‹شارائىتىڭىز يار بەرسە، شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلىڭ›› تېمىسىدا ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىپ، نەق مەيداندىكى تەسىراتى ئارقىلىق مەملىكەت، ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا شىنجاڭنىڭ ياخشى جاي ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ھەم جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋاقىت چىقىرالايدىغان، ئىقتىسادى يار بېرىدىغان ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭنى يېقىنقى مەزگىللىك سەپەر مەنزىلى قىلىشنى ئويلىشىپ بېقىش تەكلىپى بەردى.
    يېقىندا مافېڭۋو ساياھەت تورى بىلەن جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى بىرلىكتە قۇرغان ‹‹ئەركىن چوڭ سانلىق مەلۇماتلار بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى›› ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ مەنزىلگاھ قىلىنغان ساياھەت قىزغىنلىقىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %251كە يەتكەن.
    سىياسەت راۋان، ئەل ئىناق. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقى مۇقىملىق ‹‹پايدىسى››نىڭ سىجىل تارقىتىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنىڭ ئەڭ ياخشى نامايەندىسى.
    ھەممە تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىش، يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش
    ساياھەتچىلىكنىڭ باغلىنىشچانلىقى يۇقىرى، قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ، تۈرتكىلىك خاراكتېرى كۈچلۈك، كۆپەيتكۈچى ئېففېكتى چوڭ، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى يۇقىرى، ئۇ ‹‹بىر كەسىپنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق كۆپ كەسىپنى جانلاندۇرۇش›› رولىغا ئىگە. ئىلمىي يىرىك پىلان ساياھەتچىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچىسى ۋە باشلامچىسى، ساياھەتچىلىكنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ ئاساسى.
    شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىستېمىلىق، يۇغۇرۇلۇشچانلىق، نوپۇزلۇق بولۇش تەلىپى بويىچە، يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹كۆپ خىل پىلاننى بىرلەشتۈرۈش››نى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ساياھەت ئامىللىرىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگىچە سىڭدۈردى.
    ئالتاي ۋىلايىتى «بىر گەۋدىلىك لايىھەلەش، پەرقلىق تەرەققىيات»تا چىڭ تۇرۇپ، «پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى يىرىك پىلانى»نى تۈزۈشنى تاماملاپ، «ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلىش، 1-كەسىپكە تۈرتكە بولۇش، 2-كەسىپكە تىرەك بولۇش» تەرەققىيات تەپەككۇرىنى تۇرغۇزدى.
    سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى گۇرۇپپا باشلىقى بولغان ساياھەتچىلىك خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ساياھىتىگە مەبلەغ سېلىش شىركىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، 1 مىليارد يۈەنلىك مەدەنىيەت ساياھىتىگە مەبلەغ سېلىش فوندى تەسىس قىلىپ، سىياسەت ياردىمى، مەبلەغ كاپالىتى، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەممە تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى.

    ......
    بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ‹‹كۆپ خىل كەسىپ ساياھەتچىلىكنى گۈللەندۈرىدىغان، ساياھەت ھەممە كەسىپنى ئىلگىرى سۈرىدىغان›› ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە، جايلار، تارماقلار، كەسىپلەرنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش، قوللاش، تۈرتكە بولۇش ئاكتىپلىقى مىسلىسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىش سالمىقى مىسلىسىز ئاشماقتا.
    ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش
    بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ماركېتىڭنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىن باش بولۇپ ئومۇمىي ئىشلارنى تۇتۇش، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، ھەرقايسى تەرەپلەر قاتنىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ ماركېتىڭ ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن تەشۋىقات سۇپىسى ۋە بىرلىشىپ سېتىشنى تېزلىتىش مېخانىزمىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورنىتىپ، ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى داڭلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ سىرتقا تەشۋىق قىلىپ، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ساياھەت ئوبرازىنى ئىنچىكە ھەم ئېنىق بېكىتىپ، ‹‹شىنجاڭ ياخشى جاي›› دېگەن ئومۇمىي ئوبرازنى تىكلىدى.
    جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر ھەم ساياھەت كارخانىلىرى ماركېتىڭ ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ماركېتىڭ تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش بولۇش بىلەن ئايرىشنى بىرلەشتۈرۈش، مەركەزلىك كۈچەش، قاتلاملىرى ئېنىق بولۇش، رايون ئىچى-سىرتى ھەمتۈرتكە بولۇشتەك ساياھەت ماركېتىڭ ۋەزىيىتىنى تېزدىن شەكىللەندۈردى.
    بۇ يىل 1-ئايدا، 12-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسىپلىرى سودا كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ساياھەت كارخانىلىرى بىرلىكتە مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى(تېز پويىز) ئىتتىپاقى قۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى شىنجاڭغا مەخسۇس پويىز سالغان نەچچە يۈز ساياھەت كوپىراتىپىنى يىغىپ، ئەزالار ئارىسىدا كەسىپ جەھەتتە ئۆزئارا ماسلىشىش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
    3-ئايدا، ئۈرۈمچى، سانجى، تۇرپاندىن ئىبارەت ئۈچ جاي بىرلىكتە «تىيانشان تېغىنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش·شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسى» ساياھەت بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ بازارغا سېلىپ، رايون ھەمكارلىقى مېخانىزمىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭ جەھەتتىن يۇغۇرۇلغان بۈيۈك ئىتتىپاق شەكىللەندۈرۈپ، ئۈچ جاينىڭ ساياھىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ماركېتىڭنى كېڭەيتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ھەمتۈرتكە ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى.
    رايون ھەمكارلىقى ئۈرۈمچى-سانجى-تۇرپاننىڭ رايون ئومۇمىي رىقابەت كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 26 مىليون 922 مىڭ 200 ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.53 ئاشتى؛ ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 33 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.55 ئاشتى؛ 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، تۇرپان شەھىرى جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 6 مىليون 966 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، ساياھەت ئۇنىۋېرسال چىقىمى 6 مىليارد 505 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %31.6 ۋە %45.72 ئاشتى؛ 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، سانجى ئوبلاستى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 14 مىليون 100 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37 ئاشتى، ساياھەت ئىستېمالى 23 مىليارد 970 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42 ئاشتى.
    قاراماي، تارباغاتاي، ئىلى، بايىنغولىن، ئاقسۇ قاتارلىق بەش ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن تەشكىللەنگەن ‹‹شىنجاڭ · مايتاغ-كۇچا تاشيولى ساياھەت ماركېتىڭ ئىتتىپاقى›› ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى قاتارلىق كۆپ تارماقنىڭ ماسلاشتۇرۇشى، يېتەكچىلىكىدە، ماركا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مەھسۇلات ئېچىش، پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇش، ئومۇمىي ماركېتىڭ قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق مايتاغ-كۇچا تاشيولى ساياھەت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاشيول ساياھىتىنىڭ سۈپىتى ۋە تاشيول ئائىلە ئاپتوموبىلى ساياھىتىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.
    ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش نۇرغۇن ئادەم ئېقىمى، مال ئېقىمى، مەبلەغ ئېقىمى ۋە ئۇچۇر ئېقىمى ئېلىپ كېلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى