تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەرمىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى قوغدايمەن

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مىللەت، دىن ئىشلىرى كومىتېتى (مىللەتلەر تىل–يېزىق خىزمىتى كومىتېتى)نىڭ كادىرى گۈلشەن ھاپىز

  شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. جۇڭگودەك بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىي ئۆزگىرىشى داۋامىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئېچىپ، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى.

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دىنىي ئەقىدىلەرنى ھە دەپ ئۆزگەرتىپ، بىدئەت تەلىمات ئويدۇرۇپ، تۈرلۈك ئۇسۇل ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈپ، ئاممىنى قۇترىتىپ ۋە قايمۇقتۇرۇپ، ‹‹مىللەت››، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، ئادەم قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىلىرى، ئۇلار تېخىمۇ ساختىپەز، تېخىمۇ ھىيلىگەر، ئۇلارنىڭ زىيىنى تېخىمۇ زور. ئۇلار خەلق ئالدىدىكى گۇناھكارلار، مىللىي مۇناپىقلار. ئۇلار كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چېقىپ، پارتىيەگە ئاسىيلىق قىلدى، خەلققە ئاسىيلىق قىلدى. ئۇلارنىڭ قىلمىش–ئەتمىشلىرى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ تەسىر يەتكۈزدى. ئۇلار پەسكەش، قۇۋ ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، بىزنىڭ دۇنيا قارىشىمىز، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىمىز ۋە قىممەت قارىشىمىزنى بۇرمىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، بىز قېرىنداشلارنى ئۇرۇش–تالاشقا سالدى، قېرىنداشلار ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلدى. ئەگەر بىز كۆزىمىزنى يەنە روشەنلەشتۈرمىسەك، ۋىجدانىنى يوقاتقان بۇ ئالۋاستىلارنى باتۇرلۇق بىلەن تارتىپ چىقمىساق، ئۇ ھالدا ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق، بەختلىك تۇرمۇشى ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ.

  دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، مېنىڭ ئىدىيەم ئۈزلۈكسىز پاكلاندى، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچە ۋە تونۇشقا ئىگە بولدۇم. مەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئېغىر زىيىنىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. دۆلەت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىش باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم، ئۇلارنى پاكىز قېزىش، پاكىز يوقىتىش تېخىمۇ بىپەرۋارلىق قىلىشقا بولمايدىغان بۇرچۇم. نۆۋەتتىكى ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلدە، مەن باتۇرلۇق بىلەن بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تاقەت قىلماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن.

  ئەكسىيەتچىل، ياۋۇز، جاھىل دۈشمەنگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش بىردەملىك شامال ئەمەس، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى يوقىتىش رەسمىيەت ئۈچۈنلا ئەمەس. بىز چوقۇم بايرىقىمىز روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرىنى ياخشى قوغدىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى قوغدىشىمىز كېرەك. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرسەكلا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئىس–تۈتەككە ئوخشاش يوقىلىپ، ئۆلۈكىنى قويىدىغان يەرمۇ چىقمايدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى