تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي، ئۈزۈل–كېسىل يوقىتىمەن

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش سانائەت رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرسۇنجان ئەلى

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بولمىسا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، جەمئىيەت مۇقىم بولمىسا، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنىڭ، بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر بىلىمەن. نۆۋەتتە، شىنجاڭ يەنىلا ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، بىزنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرىشىمىز ئۇزاق مەزگىللىك، مۇرەككەپ، ئۆتكۈر بولۇپ، بەزىدە ھەتتا ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ. بىز جەزمەن مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن – ئاخىر چىڭىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن–ئاخىر ساقلاپ، دۈشمەنگە قارشى كۈرەشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىشىمىز كېرەك.

  مەن يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى كەم–كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي، كەسكىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئاتىمەن. ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىلىكىمنى ئۈزلۈكسىز تاۋلاپ، ئىستىلىمنى ياخشىلاپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى خىزمەتتە ئىنچىكە، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاكتىپلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، چوڭ ھەق–چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن–ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، سۆزۈم بىلەن ھەرىكىتىمنى، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي، كەسكىن، ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىمەن.

  مەن باشتىن–ئاخىر سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي مەيداننى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، باشتىن–ئاخىر سىياسىيدا قەتئىي ۋەتەنپەرۋەرلەردىن، ئىجىتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغدايدىغان ئەمەلىيەتچىلەردىن بولىمەن. ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، ئاكتىپ كۈچ ئارقىلىق ئەتراپىمدىكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، كاللىسىنى سەگەك تۇتۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە يامرىشىنى قەتئىي توسۇشقا پائال يېتەكلەيمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەيمەن.

  مەن تەنتەنىلىك ھالدا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى:

  بۇنىڭدىن كېيىن ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا ئىستىلىمنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشىلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىمەن؛ مىخ قېقىش روھى بىلەن مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمەن؛ چوڭ ھەق–چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن–ئاخىر تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن؛ باشتىن–ئاخىر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي، كەسكىن كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى