تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئۆزىگە تايىنىشلا ئەڭ ئىشەنچلىك!

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى لىجىڭ

  جۇڭگو تەرەققىي قىلىمەن دەيدىكەن، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا جۇڭگو 1–ئېغىر تىپتىكى ماشىنىسازلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بۇ سالمىقى بار تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئۆزىگە تايىنىش نۆۋەتتىكى خەلقئارا رىقابەت ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى. دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتى كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش دەۋرىيلىكى زور دەرىجىدە قىسقاردى، باشقىلار ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى قوش قوللاپ ئۆتۈنۈپ بەرمەيدۇ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، يادرولۇق تېخنىكا، يادرولۇق ماھارەتنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتقاندىلا، دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغىلى بولىدۇ. ھازىر خەلقئارادا يەككە تەرەپلىمىلىك، سودا قورۇقچىلىقى كۈچەيمەكتە، چەت ئەللەرگە ھەددىدىن زىيادە تايانغاندا تەرەققىيات ئاساسىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇپلا قالماي، يەنە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگىمۇ خەۋپ يەتكۈزىدۇ. ئۆزىگە تايىنىش تارىخنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلىتىمىزنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشى، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشىدىكى مۇقەررەر تاللاش.

  ئىشەنچلىك بولۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشتىكى مەنىۋى گېنى. قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەي تەرەققىي قىلىپ، ئوڭۇشسىز ئەھۋالدىمۇ ھاياتلىققا ئىنتىلىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىقتىدارى، تەبىئىي تالانتى. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتى بىر مەھەل قالاقلىق، بوزەك بولۇشتەك قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، ‹‹جۇڭگونىڭ ئەخلاق نەزەرىيەسىنى ئاساس قىلىش، غەربنىڭ پەن–تېخنىكا ماھارىتىنى قوللىنىش››، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ھەققىدە ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشتىن ئەزەلدىن ۋاز كەچمىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بارلىق خەلققە باشلامچىلىق قىلىپ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ‹‹ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ››تىن ‹‹دېڭىز ئەجدىھاسى›› ناملىق چۆككۈنىڭ دېڭىزغا چۈشۈرۈلۈشى، ‹‹چاڭئې›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئاينى چارلىشىغىچە... ئارقا – ئارقىدىن مۆجىزىلەرنى ياراتتى. بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ ‹‹ئۆزىگە تايىنىشلا ئەڭ ئىشەنچلىك›› دېيىشى چوڭ سۆزلىگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇ نەچچە ئون يىللىق قەتئىي ئىرادە، مەڭگۈ ۋاز كەچمەيدىغان تىرىشىپ ئىزدىنىش ئاساسىدا، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قۇم يىغىلسا تاغ بولۇر، دېگەن قاراش بويىچە ئاز–ئازدىن جۇغلىغان تەجرىبىلىرى ئاساسىدا ئېيتىلغان سۆز.

  ئۆزىگە تايىنىشتا، ئاچقۇچلۇق ساھە، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. نامرات، ئاجىزلىقتىن دۇنيادىكى 2–چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلانغىچە، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ–چوڭ ئىشلارنى قىلىشتەك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى بولغاچقىلا، ‹‹كۆپ ياققان ئوت كۆككە تۇتىشار›› دېگەندەك ئوبيېكتىپ ئۈنۈم كۆرۈلۈپ، دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن چوڭ ئىش ۋۇجۇدقا كەلدى. شۇڭا، كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىياتتا مەيلى سىياسەت، مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى جەھەتلەردە بولسۇن، ھەممىسىدە يادرولۇق ساھە، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا، نۇقتىلىق تۈرلەرگە مايىللىشىپ، چوڭ ئىشلارنى قىلىش، ياخشى ئىشلارنى قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئۆزىگە تايىنىشتا، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تۇتقىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى چەكلەۋاتقان تۈزۈلمە–مېخانىزم توسۇقىنى تىرىشىپ بۇزۇپ تاشلاپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك. ھەم مۇھىم، زورلىرىنى تۇتۇش، يۇقىرى پەللىدىكىلىرىنى تۇتۇش، ئاساسنى تۇتۇش، ھەم ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئەل ئارىسىدىكى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە ماھىر بولغان كاللىنى ئازاد قىلىش كېرەك. يادرولۇق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش يولىدا، ئالىملارنىڭ ‹‹دېگىنىنى ھېساب قىلىپ››، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز روياپقا چىقىرىش كېرەك.

  ‹‹قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، ئەمەلىي ئىش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ››، ئىشەنچلىك بولۇش ئاخىرىدا قابىلىيەتلىك بولۇش، ئىش قىلالايدىغان بولۇشقا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى كېرەك. ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، دۆلەتنىڭ تەقدىرى ھەممە كىشىگە مۇناسىۋەتلىك، دەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۈزلۈكسىز يول ئاچقاندىلا، ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلغاندىلا، دۆلەتنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى، كۈچ قوشۇپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10–ئاينىڭ 4–كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى