تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

بىر جۈپ لاتا خەي ئارقىسىدىكى ھېكايە

شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرى گۇڭ يۇڭ

  ‹‹رەھمەت، چېپە ئاپا، بۇ بىر جۈپ لاتا خەينى ئالاھىدە قەدىرلەيمەن››. 9–ئاينىڭ 21–كۈنى ليۇ چېڭ باغراش ناھىيەسى چېكىننۇر يېزىسىنىڭ خارنودېن نۇر كەنتىدىكى موڭغۇل كەنت ئاھالىسى چېپەنىڭ قولىدىن بىر جۈپ چەمى قېلىن لاتا خەينى ئالدى، ليۇ چېڭ قولدا بىر يىڭنە، بىر يىپتىن تىكىلگەن لاتا خەينى سىلاپ، كۆڭلى بىردىنلا ئىللىدى.

  بىر چەتتە تۇرغان چېپەنىڭ ئېرى ماگې ليۇ چېڭغا مۇنداق دېدى: بالام، بۇ لاتا خەينى كىيىپ راھەت ھېس قىلغان بولساڭ، چېپە ئاپاڭ يەنە بىر جۈپ تىكىپ بەرسۇن.

  ماگې ھەر قېتىم تۇغقىنى ليۇ چېڭنى تىلغا ئالغاندا تولىمۇ ھاياجانلىناتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: ليۇ چېڭ بوش ۋاقتى بولسىلا ئىككىمىزنى يوقلاپ تۇرىدۇ، ئۇ ئۆزىمىزنىڭ ئوغلىغا ئوخشاش. ئائىلىمىزنىڭ چوڭ – كىچىك ئىشلىرى بولسىلا دەرھال كېلىپ ياردەملىشىدۇ.

  66 ياشلىق ماگېنىڭ ئىككى ئوغلى بار، ئۇلار ئايرىم–ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى ۋە كورلىدا خىزمەت قىلغاچقا، ئۆيىدە ماگې ئەر – خوتۇنلا قالغانىدى. 2017–يىلى 1–ئايدا، باغراش ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ليۇ چېڭ ئۇلار بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى.

  ‹‹ئوغلىمىز يېنىمىزدا ئەمەس، ليۇ چېڭ بولمىسا، ئەينى چاغدا قانداق قىلىشىمىزنى بىلمەيتتۇق...›› بۇ يىل 5–ئاينىڭ 26–كۈنىدىكى ئىشنى ئەسلىگەندە، چېپەنىڭ يۈرىكى ھازىرمۇ جىغىلدايدۇ.

  شۇ كۈنى سەھەر سائەت 5 لەردە، ماگې چۆچۈپ ئويغىنىپ، بۇرنىنىڭ قانىغانلىقى ھەم بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ، شۇئان خوتۇنى چېپەنى ئويغاتقان. چېپە دەرھال ليۇ چېڭغا تېلېفون قىلغان. ليۇ چېڭ ماگېنىڭ ئۆيىگە تېزلا يېتىپ كېلىپ، ئۇلارنى باغراش ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارغان.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دوختۇر ماگېغا يۇقىرى قان بېسىمى سەۋەبلىك بۇرۇن بوشلۇقى ئارتېرىيەسى يېرىلىپ كەتكەن دەپ دىياگنوز قويغان. دوختۇر: ھېلىمۇ ۋاقتىدا كەپسىلەر، بولمىسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى، دېگەن.

  ماگې شۇ كۈندىكى ئىشنى ئەسلەپ، كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا: كېيىن بىز يەنە بىڭتۈەن 2–شىسى يەنجى دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلدۇق، ليۇ چېڭ دوختۇرخانىدا يېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىپ بەردى، بىزگە تاكى ئەتىگەندە خىزمەتكە چىقىش ۋاقتى توشقىچە ھەمراھ بولۇپ ئاندىن قايتىپ كەتتى، لېكىن بىزدىن خاتىرجەم بولالماي بىردەمدىلا قايتىپ كەلدى، دېدى. شۇ كۈنى ليۇ چېڭ چۈش بولغىچە ماگېغا ھەمراھ بولۇپ، ماگېدا چوڭ چاتاق يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن كەنتكە قايتىپ كەتكەن.

  ماگېنىڭ ئۈرۈمچىدىن كەلگەن چوڭ ئوغلى سانجارا مۇنداق دېدى: بىز ئاتا–ئانىمىزدىن يىراقتا بولغاچقا، ھالىدىن خەۋەر ئالالمايمىز، تەلىيىمىزگە ليۇ چېڭ ئىنىمىز بولۇپ قاپتۇ. بۇلتۇر دادام ئۆپكىسى ياللۇغلىنىپ قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەندە، دەسلەپتە ئادەتتىكى زۇكام ئوخشايدۇ، دەپ قاراپ ئوكۇل ئۇرغۇزغان، دورا يېگەن بولسىمۇ، كېسىلى ياخشىلانماي، بارغانسېرى ئېغىرلاپ كېتىپتۇ، تەلىيىمىزگە ليۇ چېڭ ئۆيىمىزگە دادامنى يوقلاپ كەلگەندە ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ، دادامنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىپتۇ.

  چېپە مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە، ئىككىمىز ئۆيدە بەك زېرىكىشلىك ھېس قىلىمىز. ليۇ چېڭ بىز بىلەن تۇغقانلاشقاندىن بۇيان، ئۈچ – تۆت كۈندە بىر قېتىم كېلىپ بىز بىلەن مۇڭدىشىدۇ، ئۆي ئىشلىرى ۋە ئېتىز ئىشلىرىمىزغا ياردەملىشىدۇ، ھەر قېتىم بىزگە ياردەملەشكەندە، تولىمۇ سۆيۈنۈپ كېتىمىز. ليۇ چېڭ كەنتىمىزگە كەلگەن ئىككى يىلدىن بۇيان ئورۇقلاپ قارىداپ كەتتى، خىزمىتى بەك ئالدىراش بولغاچقا، نەچچە جۈپ لاتا خەينى يىرتىپ بولدى، لاتا خەي بەك راھەت بولغاچقا، ئۇنىڭغا بىر جۈپ تىكىپ بەردىم.

  ليۇ چېڭ تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: چېپە ئاپام دائىم ماڭا ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ بېرىدۇ، مېنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرىدۇ، ھەر قېتىم ئائىلەمنى سېغىنغاندا، چېپە ئاپام، ماگې دادام بىلەن مۇڭدىشىمەن، ئۇلار ئۆز ئاتا–ئانامدەكلا بولۇپ قالدى، ئۇلارنىڭ ئۆيىنى ئۆز ئۆيۈمدەكلا كۆرىمەن. بۇ بىر جۈپ لاتا خەينى كىيىشكە كۆزۈم قىيمىدى، ئۇنى مەڭگۈ خاتىرە قىلىپ ساقلايمەن، چۈنكى بۇ بىر جۈپ لاتا خەيگە گۈزەللىك ۋە مېھىر – مۇھەببەت سىڭگەن، بۇ لاتا خەي مېنى تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى