تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پىلاندىن بازارغىچە بولغان ئۇلۇغ ئەمەلىيەت

——سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ 40 يىللىق تەجرىبىسىدىن ئىلھام ئېلىش خاتىرىسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ئەن بېي

  بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەمەلىيىتىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى——

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، بازارلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى زور نىسبەتتە ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى روشەن ياخشىلاش، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

  سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىدە چىڭ تۇرغاندا ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرگەندە، جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مۇستەھكەم، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

  نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتىكى ئۇلۇغ بۆسۈش

  بۇ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ يىللىق پىلان جەدۋىلى، ھەر يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ. نېپىزغىنا ئۈچ ۋاراق قەغەزگە ئەينى يىللاردىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ كۆزلىمە كۆرسەتكۈچى تۈر بويىچە تىزىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە، سانى كۆپ بولمىغان چەكلەش خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچلەر خەلق تۇرمۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش ساھەسىگە مەركەزلەشكەن.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ بىر خىزمەتچىسى مۇنداق دېدى: ھازىر نېپىزغىنا بىر نەچچە بەتلا كېلىدۇ. پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدە، سېختىكى بىر تال كىچىك گايكىغىچە ھەممىسى پىلانلىق ئىشلەپچىقىرىش سانىغا كىرگۈزۈلەتتى، ئەينى چاغدا ئىشخانىلاردا تۈرلۈك پىلان تورۇسقىچە دۆۋىلىنىپ كېتەتتى.

  بىر پارچە يىللىق پىلان جەدۋىلىدە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ پىلانلىق ئىگىلىكتىن بازار ئىگىلىكىگە قەدەم قويۇش جەريانىدىكى 40 يىللىق جاپالىق ئىزدىنىشى نامايان بولۇپ تۇراتتى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ بازار سۇبيېكتى 500 مىڭغا يەتمەيدىغان ھالەتتىن كۆپىيىپ، ھازىر 100 مىليوندىن كۆپرەككە يېتىپ، 200 نەچچە ھەسسە ئاشتى؛

  رىقابەتلىك ساھە بىلەن ھالقا باھا ئاساسىي جەھەتتىن قويۇۋېتىلدى، بازار ئارقىلىق تەڭشىلىدىغان باھا نىسبىتى 1978–يىلىدىكى %3تىن ئېشىپ %98كە يېقىنلاشتى؛

  ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىشى تەخمىنەن %9.5 بولدى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 200 نەچچە ھەسسە ئاشتى، ياسىمىچىلىق ئومۇمىي مىقدارى ئۇدا نەچچە يىل دۇنيادا مۇقىم بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، بازارنىڭ تەمىنلەش–ئېھتىياج ۋەزىيىتىدە تۈپ ئۆزگىرىش بولدى، تاۋار قىس بولۇش ۋە نورمىلىق تەمىنلەش دەۋرى كەلمەسكە كەتتى...

  دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ‹‹بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، كۆپ خىل ئىگىلىك تەركىبى ئورتاق راۋاجلاندى، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولى دەسلەپكى قەدەمدە گەۋدىلەندى.››

  نەزەرىيە ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ، شۇنداقلا ئەمەلىيەتنىڭ يول باشچىسى. 40 يىلدىن بۇيان، دەل نەزەرىيەدە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ھەرىكىتى چوڭقۇر ئىز قالدۇردى——

  يۈكسەك مەركەزلەشكەن پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىن ‹‹پىلانلىق ئىگىلىكنى ئاساس، بازار ئارقىلىق تەڭشەشنى قوشۇمچە قىلىش››، ‹‹پىلانلىق تاۋار ئىگىلىكى››نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغىچە، ئاندىن پارتىيە 14–قۇرۇلتىيىدا ‹‹سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى››نىڭ ئورنىتىلىشىغىچە؛

  بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى رولىغا بولغان تونۇش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، بازار بايلىق تەقسىملەشتە قوشۇمچە رول ئويناشتىن ‹‹ئاساسلىق رول ئويناشقىچە››، ئاندىن ‹‹ھەل قىلغۇچ رول ئويناشقىچە››؛

  بۇ جەرياندا، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق قىلىپ توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا بولغان تونۇشمۇ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى...

  پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى ‹‹بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رولغا ئىگە قىلىش، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش›› دېگەن بۇ باياندا، پارتىيە 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3–ئومۇمىي يىغىنى ئاخباراتىدىكى ‹‹ۋە›› دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ‹‹پەش›› ئالماشتۇرۇلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ ۋېيمىن مۇنداق دېدى: بىر تىنىش بەلگىسىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش ئىرادىسى ۋە مەيدانىنى يەنىمۇ ئېنىق نامايان قىلدى. بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رولغا ئىگە قىلىش سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىنى كۆرسىتىپ بەردى، جۇڭگونىڭ بىر قاتار رېئال مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ نېگىزىنى تۇتقا قىلدى.

  ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى قايتا بەرپا قىلىش

  بېيجىڭ، دۆلەت مۇزېيى.

  تيەنجىن بىنخەي يېڭى رايونىدىن كەلتۈرۈلگەن 109 مەمۇرىي تەستىق تامغىسى مەڭگۈلۈك پېچەتلەندى. ئىلگىرى، ھەر بىر تامغا بازار يولىدىكى ‹‹چازا›› بولۇپ، كارخانا بىلەن بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەھكەم چۈشەپ قويغانىدى.

  ھوقۇقنى قەپەزگە سولىغاندىلا، بازارنىڭ تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.

  بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رولغا ئىگە قىلىپ، بازار سىستېمىسى مۇكەممەل بولماسلىق، ھۆكۈمەت كۆپ ئارىلىشىۋېلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دەل جايىدا بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش؛

  ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلمىي بولغان ماكرولۇق تەڭشەش–تىزگىنلەشنى، ئۈنۈملۈك بولغان ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىشنى تەكىتلەپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تۈزۈلمە ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش——

      پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئۇل خاراكتېرلىك ئىسلاھات تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ‹‹ئاساسىي قۇرۇلما››لىق ئاساسىي رامكىسى ئاساسەن تۇرغۇزۇلدى. كۆپ يىل كېڭىشىلگەن بەزى ئىسلاھات تېمىلىرى ئارقا–ئارقىدىن ھەل قىلىندى، كۆپ يىل ھەل قىلىنمىغان، خېلى ئۇزاققىچە بۆسۈش ھاسىل قىلىنمىغان قىيىن مەسىلىلەردە تەدرىجىي بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.

  پاسسىپ تىزىملىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بازار توسۇقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يوقىتىش؛ سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش؛ باھا ئىسلاھاتى ۋە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا مۇھىم، زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، بازار رىقابىتىنى تېخىمۇ ئادىل، تەرتىپلىك قىلىش؛ تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، ئۆسۈم نىسبىتى، پېرېۋوت نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىدا يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىنى تېز قۇرۇش... بىر يۈرۈش ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇردى.

       جۇڭگودا، ھازىر كۈنىگە 18 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا قۇرۇلۇۋاتىدۇ. ئۆتكەن بەش يىلدا، بازار سۇبيېكتى %80كە يېقىن كۆپەيدى.

  تېز بارلىققا كېلىۋاتقان بازار سۇبيېكتلىرى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىگە ئايلاندى. ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى دەل سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى ھەم ئۇنىڭ ئىقتىسادنىڭ زور تەرەققىياتى ۋە تىپنىڭ زور ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىدۇر.

  سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش

  زور كۈچ بىلەن مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قاتتىق قوغداپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلار ئۈچۈن بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىش... پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلىدا، بىر قاتار پۇختا تەدبىرلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ئېنىق، قەدىمىنى تېخىمۇ پۇختا قىلدى.

  ئىسلاھات داۋاملىشىپ ئوتتۇرا ئېقىنغا كېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى ۋە چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىردى، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى غاجاش تەس بولغان ‹‹قاتتىق سۆڭەك››تۇر. تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىدىن قانۇن بويىچە باراۋەر پايدىلىنىشى، بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ ئامىل بازىرى قۇرۇلۇشىنىڭ نىسبەتەن ئارقىدا قېلىشى ئەمگەكچى، تېرىلغۇ يەر، مەبلەغ، تېخنىكا، ئۇچۇر قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئەركىن يۈرۈشۈشىنى چەكلەيدىغان ئاساسلىق توسۇقنىڭ بىرىگە ئايلاندى؛ مونوپول ساھەلەر ئىسلاھاتىدا داۋاملىق كۈچەشكە توغرا كېلىدۇ؛ ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش–تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش يەنىلا مۇھىم، زور تېما ھېسابلىنىدۇ...

  پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۈلۈك ھوقۇقى ئۈنۈملۈك قوزغىتىلىدىغان، ئامىللار ئەركىن يۈرۈشىدىغان، باھا ئىنكاسى جانلىق، رىقابەت ئادىل–تەرتىپلىك بولىدىغان، كارخانىلارنىڭ ياخشىلىرى تاللىنىپ، ناچارلىرى شاللىنىدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىشتىن سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈشكىچە، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ يولى تېخىمۇ ئېنىق بولدى.

  بۇ يىل 6–ئاينىڭ ئاخىرى، 2018–يىل نۇسخىسىدىكى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى سىرتقا ئېلان قىلىنىپ، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ بانكا، ئاكسىيە، ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقى، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى، تۆمۈريول غول يول تورى قۇرۇلۇشى، زەنجىرسىمان ماي قاچىلاش پونكىتى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا قاتنىشىشىدىكى بىرقاتار چەكلىمىلەر بىكار قىلىندى.

  ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيانقى قىممەتلىك تەجرىبىلەر ئاساسىدا، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى داۋاملىق دۇنيا بىلەن چوڭقۇر ھەمتۈرتكە بولۇش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىدۇ.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە نۇقتىلىق، قىيىن ساھەلەرنىڭ ئىسلاھات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەسقاتىدىغان ۋە ئۈنۈملۈك بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىمىز ۋە ئوتتۇرىغا قويىمىز. ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دەل جايىدا كۈچەپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىغا بىرلەشتۈرۈپ ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز. مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئىختىساسلىقلار، يەر قاتارلىق ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ سەپلەش ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى تىجارەت مېخانىزمى، توك تەقسىملەش–سېتىش ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولىمىز. دۆلەت كارخانىلىرى، دۆلەت مۈلكى ئىسلاھاتىنىڭ نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز.

  يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىش پىلانى تۈزۈپ بولۇندى. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇلۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلى ئۈزلۈكسىز ئېچىلىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10–ئاينىڭ 4–كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.