تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدايلى

گۇما ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار تەپتىش بۆلۈمىدىن سەنەۋەرگۈل مەمەت

  نۆۋەتتە، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كىشىنى روھلاندۇرىدىغان يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان، شەھەر، يېزىلاردا زور ئۆزگىرىش بولغان، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلاشقان يېپيېڭى ۋەزىيەت نامايان بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە مۇرەككەپ، مۈشكۈل بولغان بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش ۋەزىپىسىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز.

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ھە دەپ دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاپ، بىدئەت تەلىمات ئويدۇرۇپ، ھەر خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئىدېئولوگىيە، ئىقتىسادىي تۈزۈم، قانۇن ئۆلچىمى، مەدەنىيەت-سەنئەت، ئەدەپ-ئەخلاق، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق تەرەپلەردە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈپ، ئاممىنى ھەر تەرەپتىن چىرىتتى، كۈشكۈرتتى ۋە قايمۇقتۇردى، ھەتتا قارا قولىنى مەكتەپلەرگە سوزۇپ، ئامالنىڭ بارىچە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن پايدىلىنىپ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلەپ، چىرىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنىڭ ئەڭ چوڭ خەۋپىگە ئايلاندى.

  2016-يىلىنىڭ ئاخىرى، مەن گۇما ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى چوڭ ئائىلىسىگە قوشۇلدۇم. تەپتىش كادىر ساقچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جىنايەتچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش جەريانىدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە ئېغىر خەۋپىنى تونۇپ يەتتىم، شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىگە باشلامچىلىق بىلەن ئاتلىنىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىشتىكى قەيسەر جەڭچى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغدىشىم كېرەك. زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرلارغا قاتتىق مۇشت بىلەن زەربە بېرىش كېرەك، قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىمىنى ساقلاپ، ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە، ئەڭ كەسكىن ھەرىكەت، ئەڭ كۈچلۈك ۋاسىتە ئارقىلىق زەربە بېرىپ، قەتئىي تاقەت قىلماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇش شەرت.

  ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، يۇرت-ماكانىمىزنىڭ ئەمىنلىكىنى قوغداش بىز ھەر بىر كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى. مەن باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، پوزىتسىيەمنى ئېنىق ئىپادىلەپ، چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن-ئاخىر تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن. دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن جان-دىلىم ۋە بار كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ قانۇننى چۈشەندۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، ئاممىغا پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى، دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى قەتئىي توسۇشىغا ياردەم بېرىمەن. مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پائال ئاتلىنىپ، ئىناق، مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنى ئورتاق قوغداپ، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى