تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

خالىدا بىلەن شياڭ يۈچيۇڭنىڭ ئاچا–سىڭىللىق مېھرى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

  ‹‹ئەتكەنچاينىڭ مەززىلىك ھىدى تارالدى، تەقدىرىمىزگە پۈتۈلگەچكە ئۇچراشتۇق، بەختىمىز بولغاچقا تونۇشتۇق؛ ئانارگۈل قەيەردە ئېچىلىدۇ دەپ سورىماڭ، سىچۈەن بىلەن شىنجاڭنىڭ ئارىلىقى قانچىلىك يىراق دەپمۇ سورىماڭ، بۇ يەردە ئۇچراشتۇق، تەقدىر، شېئىرىي تۇيغۇ تۇغقانلاشقانلىقىمىزنىڭ مېۋىسى...›› 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىللىق كىچىك ھۇجرىدا، خالىدا بېرىك قولىدىكى دومبىراغا تەڭكەش قىلىپ ھاياجان بىلەن ناخشا ئېيتىۋاتاتتى، يېنىدا ئولتۇرغان خەنزۇ ئاچىسى شياڭ يۈچيۇڭنىڭ كۆزلىرى ئاللىبۇرۇن نەملەنگەنىدى.

  بۇ يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك پارتكوم ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە بۇرۇلتوقاي بازىرى شەھەر ئايلانما غەربىي يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى خالىدا مەھەللە ئاھالىسى شياڭ يۈچيۇڭ بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇلار ئاچا-سىڭىل بولدى.

  خالىدا بوش ۋاقتى بولسىلا، شياڭ يۈچيۇڭغا قازاقلارنىڭ ئۆزگىچە تائاملىرىنى ئالغاچ كېلەتتى ھەم ئېتىش ئۇسۇلىنى قولمۇ قول ئۆگىتەتتى. بىر كۈنى خالىدا قىزىققان ھالدا شياڭ يۈچيۇڭدىن: ئاچا، سىز نېمىشقا قازاق تىلىنى ئۆگىنىسىز؟ ئالاھىدە سەۋەب بارمۇ؟ دەپ سورىدى. شياڭ يۈچيۇڭ ئەستايىدىل ھالدا مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇق گەپ ئەمەس، قازاقلار ئاددىي-ساددا، ئاق كۆڭۈل، قىزغىن، مېھماندوست، قازاق تىلىنى ئۆگىنىشىم قازاق مىللىتىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىپ، ئۆزئارا سىردىشىپ، ھەقىقىي دوستلاردىن بولۇشىمىز ئۈچۈندۇر.

  بۇ گەپنى ئاڭلىغان خالىدا تەسىرلەنگىنىدىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي، شياڭ يۈچيۇڭنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى.

  شۇنىڭدىن كېيىن، خالىدا شياڭ يۈچيۇڭ بىلەن ھەممە گەپنى دېيىشىدىغان، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىدىغان ياخشى ئاچا-سىڭىللاردىن بولۇپ قالدى. بەزىدە خالىدا قورۇدىكى ئاھالىلەرنى يىغىپ بىنا كېڭىشى ئېچىپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى يەتكۈزەتتى، شياڭ يۈچيۇڭ بىر چەتتە ياشانغانلارغا گېزىت ئوقۇپ بېرەتتى. شياڭ يۈچيۇڭ مۇنداق دېدى: سىڭلىم خالىدانىڭ تەسىرلەندۈرۈشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، بارغانسېرى كىتاب ۋە گېزىت ئوقۇشقا ئامراق بولۇپ قالدىم، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى ۋە ئەتراپىمدىكى ئىشلاردىن ھەرۋاقىت خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىغان بولدۇم. ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشنى خالايدىغان بولۇپ قالدىم.

  بىر كۈنى خالىدا بىلەن شياڭ يۈچيۇڭ ئۆيدە بىللە مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەرنى كۆرۈۋاتقاندا، شياڭ يۈچيۇڭ تۇيۇقسىزلا سىرلىق ھالدا: سىزگە ئېسىل بىر نەرسەمنى كۆرسىتەي، دېگىنىچە، ئىشكاپتىن ئۆزىنىڭ نۇرغۇن كەشتە بۇيۇمىنى ئېلىپ كۆرسەتتى، بەزىلىرىگە دومبىرا، كىگىز ئۆينىڭ كۆرۈنۈشى كەشتىلەنگەنىدى... يەنە بىر قېتىم ئاچىسىدىن ھەيران قالغان خالىدا ئىختىيارسىز ھالدا: بەك ياخشى كەشتىلەپسىز!، دېدى.

  قايتقاندىن كېيىن، شياڭ يۈچيۇڭنىڭ ئىشكاپىدىكى كەشتە بۇيۇملىرى خالىدانىڭ خىيالىدىن كەتمىدى. شياڭ يۈچيۇڭ ئادەتتە تېجەشلىك بولغاچقا، كەشتە بۇيۇملىرىنى رامكىلاشقا پۇل خەجلەشكە كۆزى قىيمايتتى. خالىدا توساتتىن ‹‹ئاچامغا ياردەم قىلىپ كەشتە بۇيۇملىرىنى رامكىلاپ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ئاچام ئىشلىگەن كەشتە بۇيۇملىرىنى تەشۋىق قىلسام ھەم تونۇشتۇرسام، ئاچامغا قوشۇمچە كىرىم قىلىپ بېرەلىشىم مۇمكىن›› دېگەن ئويغا كەلدى. قىلىمەن دېگىنىنى چوقۇم قىلىدىغان خالىدا دەرھال بۇرۇلتوقاي ناھىيە بازىرىدىكى كەشتە بۇيۇملىرى دۇكىنىغا بېرىپ، ئاچىسىنىڭ كەشتە بۇيۇملىرىنى ياخشى رامكىلاتقۇزدى؛ ئارقىدىن يەنە كەشتە بۇيۇملىرىنى ئەستايىدىل تۈرگە ئايرىپ، نام قويۇپ، سۈرەتكە تارتىپ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە تونۇشتۇردى.

  شياڭ يۈچيۇڭ تاللا بازىرىنىڭ پۇل يىغقۇچىسى بولۇپ، بىر كۈن ئۆرە تۇرغاچقا، ئىككى پۇتى ئىششىپ كېتەتتى، بەزىدە كەچتە ئاغرىپ كەتكەنلىكتىن ئۇخلىيالمايتتى، خالىدا بۇنى كۆرۈپ تۇرغاچقا، ئىچ ئاغرىتىپ، بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ مۇۋاپىق خىزمەت تېپىپ بېرىش ئۈستىدە ئىزدەندى. ئۆتكەن ئايدا، خالىدا شۇ جايدىكى شېكەر زاۋۇتىدىكى خىزمەتنىڭ شياڭ يۈچيۇڭغا مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ، شۇ ھامان ئالاقىدار مەسئۇل كىشى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەھۋال ئىگىلىدى ھەم شياڭ يۈچيۇڭنى تونۇشتۇردى. يۈزتۇرا ئىمتىھان ئارقىلىق شياڭ يۈچيۇڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا شېكەر زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى بولدى. شياڭ يۈچيۇڭنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئاچا – سىڭىل ئىككىيلەن خۇشاللىقىدىن چىڭ قۇچاقلاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى