تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يوپۇقسىز كېۋەز تېرىش تېخنىكىسى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى

سۈپەت ‹‹قوش 30›› ئۆلچىمىگە يەتتى، بالدۇر ئېچىلىش ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك بولدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ يېقىندا جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان 2018 – يىللىق يوپۇقسىز تېرىلغان كېۋەزنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: يوپۇقسىز تېرىلىدىغان كېۋەزنىڭ سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش تەتقىقات تۈرىنىڭ ‹‹جۇڭگو كېۋىزى 619›› يېڭى سورتى بۇلتۇر شايار ناھىيەسىدە يوپۇقسىز تېرىش سىنىقىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن بۇيان، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى يۈ شۇشۈن ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ ئۈزلۈكسىز سىناق قىلىشى نەتىجىسىدە، يوپۇقسىز كېۋەز تېرىش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆسۈپ، يوپۇقسىز كېۋەز تېرىش تېخنىكىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشكەن.

  يۈ شۇشۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل تەجرىبە ئېتىزىدىن تېرىلگەن پاختىنىڭ تالاسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئېلاستىكلىقلىقى ‹‹قوش 30›› ئۆلچىمىگە يېتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ماس كەلدى، يوپۇقسىز تېرىلغان كېۋەزنىڭ بالدۇر ئېچىلىش، شورغا، تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا چىداملىق بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ گەۋدىلەندى، تەتقىقات كوللېكتىپىمىز تەجرىبە جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەرگە ئاساسەن، يوپۇقسىز تېرىلىدىغان كېۋەز سورتىنى تېخىمۇ ياخشىلىماقچى.

  ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 30 مىليون مودىن ئاشقان بولۇپ، يوپۇق يېپىپ تېرىش نىسبىتى %100 كە يېتىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئاپتونوم رايونىمىزدا يوپۇق يېپىپ تېرىش تېخنىكىسى كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشتۇرۇلغاندىن بۇيان، پاختا ھوسۇلى زور دەرىجىدە ئېشىش بىلەن بىللە، سولياۋ يوپۇقتىن بۇلغىنىش كۈنسېرى ئېغىرلاشتى، تۇپراقتىكى قالدۇق سولياۋ يوپۇق تۇپراق قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپ، تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە پاختىنىڭ تاۋارلىق خۇسۇسىيىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى.

  يۈ شۇشۈن مۇنداق دېدى: بىز كېۋەز سورتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق سولياۋ يوپۇقتىن بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىمىز، ھازىرقى يوپۇق يېپىپ كېۋەز تېرىش ئۇسۇلى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەلىپىگە ماس كەلمەيدۇ، يوپۇقسىز تېرىشقا ماس كېلىدىغان كېۋەز سورتىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭىچە تېرىش، پەرۋىش قىلىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدىكى ئەھمىيىتى زور.

  بۇ دەل ئاكادېمىك يۈ شۇشۈن ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ مۇھىم خىزمىتى، يۈ شۇشۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى ‹‹جۇڭگو كېۋىزى 619››نى يوپۇقسىز تېرىش بوران، تۆۋەن تېمپېراتۇرا قاتارلىق پايدىسىز ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، پاختىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى يەنىلا 320 كىلوگىرامغا يەتتى، بۇ، ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، تولۇقلاپ تېرىلغاندىن كېيىنكى ‹‹جۇڭگو كېۋىزى 619››نىڭ بالدۇر ئېچىلىش ئالاھىدىلىكى روشەن بولۇپ، ھوسۇلى يوپۇق يېپىپ تولۇقلاپ تېرىلغان ئادەتتىكى كېۋەز سورتىنىڭ ھوسۇلى بىلەن تەخمىنەن %5لا پەرقلىنىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، پايدىسىز ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە ئاشكارىلانغان مەسىلىلەر تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. يۈ شۇشۈن مۇنداق دېدى: ‹‹يوپۇقسىز تېرىلىدىغان كېۋەزنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق بولۇش ئالاھىدىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ››. ھازىر تەتقىقات كوللېكتىپىمىز شىنجاڭنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىدايدىغان ۋە يۇقىرى ھوسۇل بېرىدىغان ئالاھىدىلىكىنى ‹‹جۇڭگو كېۋىزى 619››غا يۆتكەپ، كېۋەزنىڭ باش ئەتىياز، كەچ كۈزدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە ئوتتۇرا مەزگىلدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا غۇنچىسى ۋە غوزىسىنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھوسۇلىنىڭ مۇقىم، يۇقىرى، سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  يۈ شۇشۈن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز تۇپراق، ماشىنىلاشتۇرۇش، يېتىشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادى قاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىلەن بىرلىكتە يوپۇقسىز كېۋەز تېرىشنىڭ مۇكەممەل سىستېمىسى ۋە ئۆلچىمىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، يوپۇقسىز كېۋەز تېرىش كۆلىمىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىش ئۈچۈن تەجرىبە توپلايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى