تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى سەككىز ئايدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات ناھىيەلەر 72 مىڭ نامرات كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلىدى

يىللىق نىشان–ۋەزىپىنى %180 ئورۇندىدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: ‹‹بۇ ھېلىلا سويغان قوي، گۆشى ناھايىتى يېڭى!›› 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، قاراقاش ناھىيەسى قەلبداشلار مەھەللىسىنىڭ ئالدىدىكى ۋەنفېڭ چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ بەلگىلەنگەن قوي گۆشى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدىكى قاسساپ ئىبراھىم بەكرى خېرىدارلارغا قىزغىنلىق بىلەن تونۇشتۇرۇۋاتاتتى. ئىبراھىم بەكرى مۇنداق دېدى: ئىشىكىم ئالدىدىلا ئىشلەپ، ئايدا 2000 يۈەن مائاش ئالىمەن، گۆشنى كۆپ ساتسام، يەنە پايدا ئايرىپ بېرىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، ناھايىتى تېزلا نامراتلىقتىن قۇتۇلالايمەن.

  32 ياشلىق ئىبراھىم بەكرى قاراقاش ناھىيەسى توخۇلا يېزىسىنىڭ باش گۇرا كەنتىدىن بولۇپ، ئائىلىسىدە جان سانى كۆپ، يەر ئاز بولغانلىقتىن، غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتاتتى، ئۇ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى. بۇ يىل 8-ئايدا، شىنجاڭ ۋەنفېڭ چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەلىك شۆبە شىركىتى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرى ۋە يېزىلىرىدا قوي گۆشى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، شۇ جايدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەرنى ئالدىن تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى، ئىبراھىم بەكرى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەلەيلىكلەرنىڭ بىرى.

  شىنجاڭ ۋەنفېڭ چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قاراقاش ناھىيەلىك شۆبە شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاڭ چىڭ مۇنداق دېدى: بىز يېقىنقى مەزگىلدە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرى، يېزىلىرى تەۋەسىدە 100 بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى قۇرۇشنى پىلانلىدۇق، كەلگۈسىدە يەنە دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىنى 1000غا يەتكۈزىمىز. ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نامرات ئاھالىنى ئالدىن ئويلىشىش پىرىنسىپى ئاساسىدا، ھەربىر بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىغا ئىككىدىن ئادەم تەكلىپ قىلىپ، نامرات ئائىلىلەردىكى 2000 ئەمگەكچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز.

  جەنۇبىي شىنجاڭدا، ئىبراھىم بەكرىگە ئوخشاش نامرات ئائىلىلەردىكى يەنە نۇرغۇن ئەمگەكچى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن نەپ ئېلىپ، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىنى چىڭىتتى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات ناھىيەلەردە نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەش خىزمىتىنى باشلىغان، 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 72 مىڭ ئەمگەكچى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان-ۋەزىپە %180 ئورۇندالغان.

  نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەر ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئائىلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان بولدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق يولى ھېسابلىنىدۇ. بىر تەرەپتىن، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹نامراتلارنى يۆلەش سېخى››، ‹‹ھەمراھ زاۋۇت›› قۇرۇش ئارقىلىق، نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەرنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى، باج – ھەقنى كېمەيتىش – كەچۈرۈم قىلىش، ئورۇن ئىجارىسىنى كېمەيتىش – كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق يۆلەش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كىچىك دۇكان، كىچىك ئاشپۇزۇل، كىچىك ھۈنەرۋەنخانا، كىچىك رېمونتخانا قاتارلىقلارنى راۋاجلاندۇرۇپ، بىر قىسىم ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ‹‹بىز شىنجاڭ ئىچىدە رايون ھالقىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىچىك، مىكرو ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق <ئالتە بىر تۈركۈم> يول ئارقىلىق، نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەش خىزمىتىنى تەشكىللىك ئىشلەش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردۇق.›› ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭۋۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇقىملىقىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ يۆلەش خىزمىتىنى چوڭقۇر، پۇختا، ئەمەلىي ئىشلەپ، يېزا ئەمگەكچىلىرىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە باشقۇرۇش – مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ‹‹بىر تۈركۈمىنى يۆتكەپ، بىر تۈركۈمىنى رويخەتكە ئېلىش، بىر تۈركۈمىنى ئىش ئورنىغا چىقىرىپ، بىر تۈركۈمىنى رويخەتكە ئېلىش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي ئىسىم بويىچە باشقۇرۇشنى ناھىيە، يېزا، كەنت، ئائىلە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈردى.

  لى خۇڭۋۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت كەسپى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت يىرىك پىلانى(2018 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە)››غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى قىلىپ، ئالدى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات ناھىيەلەردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەرنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات ناھىيەلەردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەردىن 10 مىڭ كىشىنى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى