تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جان–دىلىم ۋە بار كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بۈپاتىمە مەمەتئۇرايىم

  پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ۋە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ۋە قەلبنى ئىللىتىش قۇرۇلۇشلىرى شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى.

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىزنىڭ خاتىرجەم، ئىتتىپاق ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىمىزنى كۆرۈشنى خالىمىدى. ئۇلار ‹‹مىللەت›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، ھە دەپ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، دىنىي تەلۋىلىككە كۈشكۈرتتى؛ ئۇلار سەپسەتە، بىمەنە گەپ–سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ ئاممىنى ئالداپ، ئادەم قېلىپىدىن چىققان پاجىئەلىك زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، بىگۇناھ جانغا تەلۋىلەرچە زىيانكەشلىك قىلدى. ھىيلىگەر، قۇۋ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن ئاستىرتىن بىرلىشىۋېلىپ، ئېغىز–بۇرۇن يالىشىپ، تىلىنى بىر قىلىۋېلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولدى، ئۇلار ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىسى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان زەھەرلىك ئۆسمىگە ئايلاندى. ئۇلارغا قاتتىق زەربە بەرمىسەك ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، شىنجاڭدا ئەمىنلىك بولمايدۇ.

  قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيەگە سادىق بولىمەن. يۈكسەك بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يادروغا سادىق بولۇش، يادرونى ھىمايە قىلىش، يادرونى قوغداش ئىدىيە ئاڭلىقلىقىم ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمەن، ھەقىقىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا باشتىن–ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن، ئۆزۈمنىڭ پارتىيە ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىمنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇماي، قەتئىي ھالدا پارتىيەگە سادىق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جان–دىلىم ۋە بار كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن.

  قەتئىي، كەسكىن ھالدا باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭگاھ ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىمەن، ئومۇملۇققا ئەھمىيەت بېرىمەن، ئىنتىزامغا ئەھمىيەت بېرىمەن، باشتىن–ئاخىر كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، خەۋپ ئېڭى، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، باشتىن–ئاخىر قەتئىي سىياسىي سەزگۈرلۈكۈم ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ساقلاپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››نى قەتئىي تۈگىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جان–دىلىم ۋە بار كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن.

  قەتئىي، كەسكىن ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى توسۇيدىغان ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەيمەن. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، ئامما ياقتۇرىدىغان سۆزلەر ئارقىلىق پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى چىن دىلىم، چىن مېھرىم بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جان–دىلىم ۋە بار كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن.

  قەتئىي، كەسكىن ھالدا مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكىنى تولۇق تونۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشۇمنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىققىتىمنى باش نىشانغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بوشاڭلىق، بىخۇدلۇق، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى قەتئىي تۈگىتىپ، بىر دەقىقىمۇ بوشاڭلىق قىلماي، بىر دەقىقىمۇ بوشاشتۇرماي، يۈكسەك سەگەك بولۇپ، يۈكسەك ئېھتىيات قىلىپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، دائىم ھوشيار بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي زەربە بېرىمەن. يۈكسەك ئاڭلىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا كۆپرەك نەپ يەتكۈزۈپ، ھەقىقىي تۇتىدىغان ئەمەلىي كۈچ، دادىل تۇتىدىغان جاسارەت، ماھىرلىق بىلەن تۇتىدىغان قابىلىيەت، دائىم تۇتىدىغان چىدامچانلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشكە قويۇپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ھەقىقىي ئېرىشتۈرۈپ، ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرىمەن. ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش، ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى قەلبىمگە پۈكۈپ، قولۇمدا چىڭ تۇتۇپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جان–دىلىم ۋە بار كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى