تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلاش: ئائىلىنى، دۆلەتنى كۆڭلىگە پۈكۈش قالتىس ئىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ شاۋگۇڭ

  مورىلىرىدىن ئىس چىقىپ تۇرغان دېھقانلار ھويلىسىدىن ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك كۆرۈنىدىغان قورۇ–سارايلارغىچە، ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان شەھەر كوچىلىرىدىن بىپايان كەتكەن دېڭىز–قۇرۇقلۇق ئالدىنقى سەپ قاراۋۇلخانىسى، چېگراسىغىچە... يېڭى جۇڭگونىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىگە 69 يىل بولغان پەيتتە، ۋەتىنىمىزنىڭ جاي–جايلىرىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقلار تاڭ نۇرىدا ئاستا–ئاستا كۆتۈرۈلدى، ئائىلە بىلەن دۆلەت پىكىرداش، تىلەكداش بولۇش ئىستىكى ئىشەنچ بىلەن مۇجەسسەملىنىپ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى.

  ئائىلە بىلەن دۆلەت زىچ باغلانغان، ھەربىر چىقىرىلغان دۆلەت بايرىقىنىڭ كەينىدە ئائىلە بىلەن دۆلەتنىڭ بىر–بىرىگە بېقىنىدىغانلىقى، شەرەپتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغانلىقىغا ئائىت ھېكايىلەر بار. خۇاڭخەي دېڭىزىدىكى ئالدىنقى سەپ قاراۋۇلخانىسى بولغان كەيشەن ئارىلىدا، مەملىكەتلىك ‹‹دەۋر نەمۇنىچىسى››، ئارالنى قوغدىغۇچى قەھرىمان ۋاڭ جىسەينىڭ يەسىرەسى ۋاڭ شىخۇا ئېرىنىڭ ‹‹ئارالنى ئاخىرقى تىنىقىمغىچە قوغدايمەن!›› دېگەن ۋەدىسىنى، تېخىمۇ مۇھىمى ‹‹كىچىك ئائىلىنى چوڭ ئائىلىگە سىڭدۈرگەندىلا، ئارزۇغا يەتكىلى ۋە شەرەپ قۇچقىلى بولىدۇ›› دېگەن ئېتىقادىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئارالدا 33–قېتىملىق دۆلەت بايرىمى كۈنى دۆلەت بايرىقى چىقاردى.

  ئورنى يۇقىرى بولمىسىمۇ دۆلەتنىڭ غېمىنى يېيىشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشتىن مېھىر–مۇھەببەتنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئائىلە، دۆلەت مېھىر–مۇھەببىتى ئەزەلدىن ئېغىزدىكى شوئار ئەمەس، بەلكى شەخس بىلەن دۆلەتنىڭ زىچ باغلانغان ئەندىزىسى ۋە قىياپىتىدۇر. دۆلەتنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان يىللاردا، ئائىلە، دۆلەت مېھىر–مۇھەببىتى ئېغىر كۈلپەت ئېڭىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىنى تېزلەتتى؛ گۈللىنىشكە قاراپ يۈرۈش قىلغان يېڭى دەۋردە، ئائىلە، دۆلەت مېھىر–مۇھەببىتى كۈچلۈك مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلدى. مەيلى كۈلپەت ئېڭى ياكى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش بولسۇن، ئائىلە، دۆلەت مېھىر–مۇھەببىتىدە شەخسنىڭ ئىستىقبالى بىلەن دۆلەتنىڭ تەقدىرىنىڭ چەمبەرچاس باغلانغانلىقى، ئائىلە مېھرى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ بىر گەۋدىلىشىپ يۇغۇرۇلۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقى نامايان بولىدۇ.

  مەسئۇلىيىتىنى بىلگەن ئەركەك ئۇنى ئادا قىلىشقا كىرىشىدۇ؛ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ئەركەك ئۇنى باشقا ئېلىپ چىقىدۇ. ئائىلە، دۆلەت مېھىر–مۇھەببىتى ئوخشىمىغان ئىش ئورۇنلىرىدا تۆھپە قوشۇش، خىزمەت كۆرسىتىشكە ئىرادە باغلىغان جاسارەت ۋە قەتئىيلىكتە ئىپادىلىنىدۇ. كىشىلەر ۋاڭ جىسەينىڭ ئارالنى قوغداشتا قەتئىي چىڭ تۇرغانلىقىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى، خۇاڭ چۈن قاتارلىق كېمىسازلىق خادىملىرىنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولغانلىقىدىن تەسىرلەندى، بۇ ئەمەلىيەتتە ۋەتەننى سۆيۈپ ئۆزىنى بېغىشلىغان يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ روھىيىتىدىكى ئورتاقلىق. ۋاڭ جىسەي، خۇاڭ چۈنگە ئوخشاش كۈرەش قىلغۇچىلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلىگەچكە، ئائىلە، دۆلەتكە چوڭقۇر مېھىر–مۇھەببەت باغلىغاچقا، مەنىۋى ماكانغا، كۈرەش يۆنىلىشىگە ئىگە بولدى، ھاياتىنى ئۆزگىچە جۇلالاندۇردى.

  ئائىلە، دۆلەتنى كۆڭلىگە پۈكۈش قالتىس ئىش. شانلىق ھايات بىر–بىرلەپ روياپقا چىقىدۇ، قالتىس نەتىجە يارىتىشتا، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت يېڭى دەۋر قەلبىگە ۋەتەننى پۈككەن، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە تېخىمۇ كۆپ كۈرەش قىلغۇچىلارنى چاقىرىدۇ؛ ئۇلۇغۋار ئىشلار ئائىلىنى، دۆلەتنى قەلبىگە پۈككەن ھەر بىر ئىرادىلىك كىشىنى ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، ھاياتىنى جۇلالاندۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشتا ھەر بىر كىشى ئۆزىگە خاس قالتىس سەھىپىلەرنى پۈتۈپ چىقالايدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 10–ئاينىڭ 2–كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.