تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

تۇغقىنى لى ئاكىنىڭ قىزغىن ياردەم بېرىشى بىلەن ئايزىگۈلنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرى جاڭ لىچىڭ

  ‹‹سۆيىمەن سېنى جۇڭگو، سۆيىمەن سېنى جۇڭگو، سۆيىمەن سېنىڭ باھار شامىلىدىكى مايسىلىرىڭنى، سۆيىمەن سېنىڭ كۈزدىكى ئالتۇن باشاقلىرىڭنى....›› 10–ئاينىڭ 1–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ماناس ناھىيەسى ماناس بازىرىنىڭ لۇنەن كەنتىدىكى ئايزىگۈل ئالىمجاننىڭ قورۇسىدىن شادىيانە ناخشا ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

  پاكىز، رەتلىك ھويلىغا قويۇلغان ئىككى ئۇزۇن ئۈستەلگە مېۋە، ساڭزا، توخۇ قوردىقى قاتارلىق نازۇنېمەتلەر لىق تىزىلغان بولۇپ، ئۇرۇق–تۇغقان، دوست بۇرادەرلەر بىللە ئولتۇرۇپ جەم بولۇش تامىقىغا ئېغىز تېگىۋاتاتتى، سورۇن بايرام خۇشاللىقىغا ۋە ئىللىقلىققا تولغانىدى.

  كىچىك ھويلىغا ئايزىگۈلنىڭ ياشانغان ئاتا–ئانىسى، ئوماق ئوغلى ۋە قىزى، شۇنداقلا ئايزىگۈل كىمنى كۆرسە ماختاپ بېرىدىغان لى شىنخەي ئاكىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر جەم بولغانىدى. ھەممەيلەن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، ‹‹سۆيىمەن سېنى جۇڭگو›› دېگەن ناخشىنى ھېسسىياتلىق ئېيتىۋاتاتتى، شادىيانە ناخشا، كۈلكە ئاۋازى ھويلىنى قاپلىغانىدى.

  بۇ قېتىمقى دۆلەت بايرىمى ئايزىگۈل ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك بولدى. دۆلەت بايرىمى كېلىش ئالدىدا، ئايزىگۈل تۆۋەن كاپالەتتىن چېكىنىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى. ئۇنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى، ماناس ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى لى شىنخەي بۇ كىچىككىنە تەبرىكلەش مۇراسىمىنى ئالاھىدە ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  لى شىنخەي مۇنداق دېدى: سىڭلىم ئايزىگۈل تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆۋەن كاپالەتنى قايتۇرۇۋېتىپ، جاپالىق ئىگىلىك تىكلەشكە تايىنىپ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى، بۇنىڭدىن مەن بەك خۇش بولدۇم. ‹‹1–ئۆكتەبىر››دە جەم بولۇپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە ئورتاق مىننەتدارلىق بىلدۈردۇق.

  ئايزىگۈل مۇنداق دېدى: مەن بەك ھاياجانلىنىۋاتىمەن، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ يۆلىشى، لى ئاكىنىڭ چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىشى بىلەن، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ ياخشى كۈنگە ئېرىشتىم. كۆپچىلىككە ئائىلىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئايزىگۈل ئىككى يىل بۇرۇن چۈشكەن ئائىلە سۈرىتىنى كۆرسەتتى. سۈرەتتە ئۇنىڭ كۆزلىرى نۇرسىز بولۇپ، كىيىملىرى كونا ئىدى؛ ھازىر ئۇ قىسقا چاچ قويغان، ئىش كىيىمى كىيگەن، ئىشچان ھەم چاققان ئايالغا ئايلانغانىدى. ئايزىگۈل گەپ ئارىلىقىدا ماختىنىپ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى يىلدىن كۆپ ۋاقىتتا مەندە چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. بۇ، كىيىنىش، ياسىنىش جەھەتتىكىلا ئۆزگىرىش بولۇپ قالماي، ئاساسلىقى روھىي جەھەتتىكى ئۆزگىرىشتۇر.

  لى شىنخەي مۇنداق دېدى: 2016–يىلى مەن ئايزىگۈل بىلەن تۇغقانلاشتىم، ئۇ چاغدا ئۇ كەم سۆز ئىدى، باشقىلار بىلەن ئانچە پاراڭلىشىپ كەتمەيتتى. ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشتە، ئەقلىي جەھەتتە يۆلەش بىلەن ئىرادە جەھەتتە يۆلەشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى، ئۇن، ياغ، گۈرۈچ ئاپىرىپ بېرىش بىلەنلا مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، ئايزىگۈلگە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى دائىم چۈشەندۈردۈم، ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى توغرىسىدىكى تىپىك ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردىم ھەم توردا مەھسۇلات سېتىش تەجرىبىسى بار دوستلىرىم ئارقىلىق ئايزىگۈلنىڭ توردا مەھسۇلات سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ياردەم بەردىم.

  ئىزچىل يېتەكلەش، بىرمۇبىر چۈشەندۈرۈش نەتىجىسىدە، ئايزىگۈلنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئىشەنچى ئاشتى. لى شىنخەي ئۇنىڭ توردا مەھسۇلات سېتىش ماھارىتى ۋە ئالاقىدار مەھسۇلاتلار ھەققىدىكى ساۋاتلارنى تېزدىن ئىگىلىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 3000 يۈەن چىقىرىپ، ئايزىگۈلنى ئۈرۈمچىگە مەخسۇس تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتتى، ئۇنى ئىمتىھان بېرىپ ساغلاملىق پەرۋىشكارى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئېلىشقا رىغبەتلەندۈردى. بۇلتۇر 5–ئايدا، ئايزىگۈل ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىشنى باشلاپ، ھەر ئايدا نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى، ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ ناھىيە بازىرىدا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە دۇكىنى ئاچتى، بۇ يىل 3–ئايدا دۇكاننى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئەمەلىي سېتىش دۇكىنى قىلىپ ئېچىپ، سودىسىنى بارغانسېرى جانلاندۇردى.

  ئايزىگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر توردا ۋە ئەمەلىي سېتىش دۇكىنىدا مەھسۇلات سېتىشتىن ئايدا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمەن. ھازىر مەن لى ئاكىنىڭ ئەينى چاغدا ماڭا دېگەن سۆزىنى ھەقىقىي چۈشەندىم، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزغاندىلا، مۇستەقىل بولغىلى بولىدىكەن، مۇستەقىل بولغاندىلا، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشكىلى بولىدىكەن...

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى