تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئۇچقاندەك ئىلگىرىلە، جۇڭگۇەنسۈن!

——باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنى باشلاپ جۇڭگۇەنسۈنگە بېرىپ كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى چېن فاڭ، گې بومىڭ، ياڭ نا،خۇ جې

  پۇرسەتكە ئازراقلا سەل قارىساق قولدىن كېتىدۇ، ئۇنى تۇتالىساق پۇرسەت، تۇتالمىساق خىرىس بولىدۇ.

  بەش يىل ئىلگىرى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشى جۇڭنەنخەيدىن چىقىپ، ‹‹دەرسخانا››نى جۇڭگۇەنسۈنگە يۆتكىگەنىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگۇەنسۈندىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتۈپ مۇنداق دېگەنىدى: كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگۇەنسۈن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىشقا ئاتلىنىشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  بەش يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ۋە دۆلەتلىك ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگۇەنسۈننىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇڭگۇەنسۈنگە چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلدى.

  سىياسەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنىڭ باشلامچىسى، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بۆشۈكى

  ——بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگۇەنسۈننىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى قايتىدىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەش ئىقتىدارى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدى

  170 پەن–تېخنىكا كارخانىسىنىڭ 340 تۈرلۈك ئەڭ يېڭى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى جۇڭگۇەنسۈن دۆلەتلىك ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونىنىڭ كۆرگەزمە مەركىزىگە قويۇلغانىدى...

  بەش يىل ئىلگىرى، بۇ يەردە توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ئۈسكۈنىلىرى، ئېنېرگىيە تېجەش–مۇھىت ئاسراش، بىيو ۋە ساغلاملىق قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان. بەش يىلدىن بۇيان، بۇ يەر تۆت قېتىم ئۆزگەرتىلىپ، يېپيېڭى قىياپەتكە كىردى.

  كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ مۇدىرى لياڭ ئەيمىن مۇنداق دېدى: كۆرگەزمە مەركىزى دۇنيانىڭ بېيجىڭنىڭ پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى كۆرىدىغان كۆزنىكى. بۇ يەردە نەتىجىلەر كۆرگەزمە قىلىنىش بىلەن بىللە، يەنە تەجرىبىلەر خۇلاسىلىنىدۇ، ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملىنىدۇ.

  ‹‹باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش›› جۇڭگۇەنسۈننىڭ ئۆزىگە خاس خىسلىتى، تارىختا بۇ يەردە بىر قانچە ‹‹تۇنجى›› بارلىققا كەلگەن: دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى پۇقراۋى پەن–تېخنىكا كارخانىسى، تۇنجى شەكىلسىز مۈلكى تىزىمغا ئالدۇرۇلغان كاپىتالىنىڭ %100ىنى ئىگىلىگەن كارخانا، تۇنجى چەكلىك شېرىكچىلىكتىكى مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتى، تۇنجى ھۆكۈمەت يېتەكلەش فوندى، تۇنجى پەن–تېخنىكا رايونىنىڭ يەرلىك نىزامى.

  جۇڭگۇەنسۈن پەن–تېخنىكا رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جەي لىشىن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگۇەنسۈن باشتىن–ئاخىر پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈلمە–مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ‹‹يول چارلىغۇچى››سىغا ئايلاندى.

  بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگۇەنسۈن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردى. ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش بويىچە ‹‹ئۈچ ھوقۇق›› ئىسلاھاتى، چېگرا سىرتىدا پېرىۋوت قوشۇۋېلىشنى باشقۇرۇش، سېلىنما–قەرز ھەمتۈرتكىسى، ‹‹خەلقئارا ئىختىساسلىقلار 20 ماددىسى›› قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇپ، پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە پەن–تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەت سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

  ئۇۋا ياساپ سۇمۇرغ جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ ئەقىل كىرگۈزۈش. خەيديەن رايونى جۇڭگۇەنسۈن ئىگىلىك تىكلەش كوچىسىغا جايلاشقان ‹‹چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت كۆزنىكى›› دەل ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىدىكى كونكرېت تەدبىر بولۇپ، چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلارنى كارخانىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، قانۇن مۇلازىمىتى، مەبلەغ سېلىش–يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار قوللاش بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان.

  چىڭخۇا داشۆنى پۈتكۈزگەن يەمەنلىك ئەھمەد 2017–يىلىنىڭ ئاخىرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى ئارقىلىق ناھايىتى تېزلا جۇڭگونىڭ ‹‹يېشىل كارتا››سىنى ئالدى.

  ئەھمەد ئەسلەپ: ‹‹يېشىل كارتا››نى ئېلىپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم، يەنە تېخى خىزمەتداشلىرىم بىلەن ئالقانلىرىمىزنى تەگكۈزۈشۈپ تەبرىكلەشتۇق، دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئىزچىل جۇڭگۇەنسۈندە ئىگىلىك تىكلەپ، سۈنئىي ئەقىل ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، ئەرەبچە ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى يوللاش سۇپىسى ياسىدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگۇەنسۈندە ئەھمەدكە ئوخشاش چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلار 10 مىڭغا يېقىنلاشتى.

  جۇڭگو كادىرلار ئىلمىي تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋۇ جياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بېيجىڭ نۇقتىدا سىناق قىلغان چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلارنىڭ چېگرادىن كىرىش–چىقىش يېڭى سىياسىتى ئىجادچانلىققا ئىگە بولۇپ، پۈتۈن دۇنياغا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىختىساسلىقلىرىنى توپلاش سىگنالى تارقاتتى، بۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارالىق ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

  يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگۇەنسۈندە نۇقتىدا سىناق قىلىنغان 20 نەچچە تۈرلۈك سىياسەت پۈتۈن مەملىكەتكە ئومۇملاشتۇرۇلدى ياكى ئۇنى باشقا دۆلەتلەر ئۆرنەك قىلدى، بەزى پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسەتلىرى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى›› قاتارلىق قانۇن–نىزاملارغا كىرگۈزۈلدى.

  2018–يىلى 1–ئايدا، خەيديەن رايونى ‹‹جۇڭگۇەنسۈن ئىلىم–پەن شەھەرچىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىر››نى ئېلان قىلدى، بۇ تەدبىر دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈش، يېڭى تىپتىكى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سۇپىسى باشلامچى بولۇش، پەن–تېخنىكا بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك پىلان ۋە پەن–تېخنىكىلىق شەھەر قۇرۇش، پەن–تېخنىكىلىق ھۆكۈمەت بەرپا قىلىش، پەن–تېخنىكىلىق پۇقرالارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك ھەرىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتىكى ‹‹ئاغرىق نۇقتا›› ۋە ‹‹توسۇق نۇقتا››نى راۋانلاشتۇرۇشقا ياردەم بەردى. يېڭىلىق يارىتىش شەھەرچىسىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگۇەنسۈننىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى.

  چاڭپىڭ رايونىغا جايلاشقان كەلگۈسى ئىلىم–پەن شەھەرچىسى ئىلگىرى مەركەز كارخانىلىرىدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى ئىدى، مەركەز كارخانىلىرىمۇ كەلگۈسى ئىلىم–پەن شەھەرچىسىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەۋزەل بايلىققا ئايلانغانىدى. بەش يىلدىن بۇيان، مەركەز كارخانىلىرى بايلىقنى جانلاندۇرۇش، ئېچىش لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى، قۇرۇلۇش قىلىش قىزغىنلىقىنى ئەۋج ئالدۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، مەركەز كارخانىلىرى ئالىي مەكتەپ، پۇقراۋى كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە بۇ يەردە ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ھەم يېقىلغۇ باتارېيەسى، يادرو ئېنېرگىيەسى ماتېرىيالى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە بەش ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇردى.

  ئىسلاھات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، بارغانسېرى كۆپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئامىللىرى بۇ يەرگە توپلىنىپ، ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا، كاپىتال ‹‹يېڭى ئۈچ ئاتلىق ھارۋا››نى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن باركۈچى بىلەن تىرىشتى.

  ئىسلاھات ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى جانلاندۇردى، ئالدىنقى قاتاردىكى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى جۇڭگۇەنسۈننىڭ ياخشى يېڭىلىق يارىتىش كەسىپ ھالىتىدە خۇددى بۇلاق سۈيىدەك ئۈزۈلمەي بارلىققا كەلدى.

  —— ئۇل پەن تەتقىقات ساھەسىنى نىشانلاپ، جۇڭگۇەنسۈنلۈكلەر بۆسۈش ھاسىل قىلماقتا. ئۆسمىنى داۋالاشتىكى يېڭى دورىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سۇپىسى، كىۋانتلىق مەخپىي خەۋەرلىشىشتىكى ئالاقىدار تېخنىكا قاتارلىقلار بۇ يەردە روياپقا چىقتى؛

  —— ‹‹گالنى بوغۇدىغان›› ساھەنى نىشانلاپ، جۇڭگۇەنسۈنلىكلەر تىرىشماقتا. لۇڭشىن ئۆزىكى ھەممىباب 3A3000 CPU، زىگۇاڭ جەنرۈي كۆچمە ئەقلىي خەۋەرلىشىش ئۆزىكى، خەنۋۇجى سودىدا قوللىنىلىدىغان چوڭقۇر ئۆگىنىپ بىر تەرەپ قىلغۇچ قاتارلىقلار بۇ يەردە بارلىققا كەلدى؛

  —— ئالدىنقى قاتارغا يېتەكچىلىك قىلىش يۆنىلىشىنى نىشانلاپ، جۇڭگۇەنسۈنلۈكلەر يول چارلىماقتا. داتاڭنىڭ 5G ئۆلچىمى، بەيدۇنىڭ شوپۇرسىز ھەيدەش سۇپىسى، بەيجى شېنجوۋنىڭ يەككە كىلونلۇق ئانتىتېلا راكقا قارشى دورىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىنقىلاب خاراكتېرلىك پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرى ئارقا–ئارقىدىن بارلىققا كەلدى.

  بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ‹‹پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خەرىتىسى››گە قارايدىغان بولساق، جۇڭگۇەنسۈننىڭ ‹‹بىر رايون، 16 باغچە›› ئورۇنلاشتۇرمىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركەزلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇسلۇبىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا. نۆۋەتتە، جۇڭگۇەنسۈندىكى كارخانىلارنىڭ ئۈنۈملۈك كەشپىيات پاتېنت سانى 80 مىڭدىن ئېشىپ، 2013–يىلىدىكىنىڭ 2.8 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى؛ جەمئىي 7858 تۈرلۈك ئۆلچەمنى يېتەكچىلىك قىلىپ تۈزۈپ ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، خەلقئارالىق ئۆلچەم 330 بولۇپ، 2013–يىلىدىكىنىڭ 2.5 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى.

  تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدە، لىيادې گۇرۇھى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەتقىق قىلىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، LED ئېكرانىنىڭ ‹‹پىكسېل ئارىلىقى››نى 2.9 مىللىمېتىردىن 1 مىللىمېتىر دائىرىگە تۆۋەنلىتىپ، ئېكراننى نەزەرىيە جەھەتتە ‹‹چەكسىز چوڭايتىش››نى ئىشقا ئاشۇردى. بەش يىلدىن بۇيان، گۇرۇھنىڭ بازار قىممىتى 30 ھەسسە ئۆرلىدى، تىجارەت كىرىمى 11 ھەسسە ئاشتى، ساپ پايدىسى 20 ھەسسە ئاشتى، LED ئېكرانى مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى بازار ئىگىلەش نىسبىتى %14كە يەتتى.

  لىيادې گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى لى جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگۇەنسۈننىڭ باشقا جايلاردىن پەرقلىنىدىغان بىر قانچە ئەۋزەللىكى بار، بىرىنچى، مۇستەھكەم ئىختىساسلىقلار ئاساسىغا، ئىككىنچى، مول ئۇچۇر مىقدارىغا، ئۈچىنچى، مەركەزلەشكەن تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش بايلىقىغا ئىگە. جۇڭگۇەنسۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئېكولوگىيەسىدە روھ، مەدەنىيەت، گېن بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز.

  كەسىپ ئىسلاھاتىنىڭ ئىتتىرگۈچىسى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى موتورى

  ——بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگۇەنسۈننىڭ پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچى سىجىل ئۇرغۇدى، ئىستراتېگىيەلىك تىرەك كۈچى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدى

  بارماق ئىزىنى سېلىشتۇرۇشنى تولۇق ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان ‹‹يېڭى بىر ئەۋلاد بارماق ئىزىنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى››، مولېكۇلىنىڭ تەقلىدى ئېنىقلىق دەرىجىسى بىلەن ئۈنۈمىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان ‹‹مولېكۇلا دىنامىكىسى تەقلىد سۇپىسى››... بېيجىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات تەتقىقات يۇرتى قۇرۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان مول نەتىجىگە ئېرىشتى.

  بېيجىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ئې ۋېينەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەتقىقات يۇرتىمىز ‹‹داشۆ+كارخانا بولمىغان پۇقراۋى ئورۇن+كارخانا›› تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت كاپىتالنى ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، كۆپ تەرەپ ماسلىشىپ پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان ‹‹بېيجىڭ ئەندىزىسى››نى شەكىللەندۈردى.

  جەي لىشىن مۇنداق دېدى: بىز باشتىن–ئاخىر يۇقىرى پەن–تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئەڭ يادرولۇق ۋەزىپە قىلدۇق.

  2016–يىلى 9–ئايدا، گوۋۇيۈەن ‹‹بېيجىڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئومۇمىي لايىھەسى››نى تارقىتىپ، ‹‹ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش›› ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتتى، بىرىنچى قەدەم: 2017–يىلىغا بارغاندا، پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچى ۋە ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۈپىتىدە يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېچىۋېتىپ يېڭىلىق يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىپ ئىگىلىك تىكلەش ئېكولوگىيەسى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، بېيجىڭ مەملىكەتلىك پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىدا دەسلەپكى كۆلەم شەكىللەندۈرۈش.

  مەيلى PC دەۋرى، ئالاقە تورى دەۋرى، كۆچمە ئالاقە تورى دەۋرى ياكى سۈنئىي ئەقىل دەۋرى بولسۇن، جۇڭگۇەنسۈن ئىزچىل دۆلىتىمىزنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىنىڭ تەرەققىيات دولقۇنىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

  بىر تۈرلۈك تېخنىكا قانداق قىلىپ ‹‹ئىلمىي ماقالە››دىن ‹‹تۇرمۇش››قا سىڭىپ كىردى؟ جۇڭگۇەنسۈن پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش شىفىرىغا ئىگە بولماقتا. بىر كىۋادرات سانتىمېتىرلىق ئۆزەك سېنزورغا ئورنىتىلغاندىن كېيىن، ئون كىلومېتىر دائىرىدىكى يېنىشچان گازنىڭ قويۇقلۇقىدىكى مىكرو ئۆزگىرىشنى سېزىپ، ئوت ئاپىتى يۈزبەرگەن ھامان سىگنال تارقىتىدۇ. بۇ تېخنىكا نەتىجىسىنى تەتقىق قىلىپ ئاچقۇچى جۇڭگۇەنسۈندىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا كارخانىسى بېيجىڭ شېڭجې پەن–تېخنىكا چەكلىك شىركىتى. بۇ تېخنىكىنىڭ تەسەۋۋۇردىن ئەمەلىيەتكە ئايلىنىشىغا ئۈچ يىل ۋاقىت كەتتى، بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئۈسكۈنە جۇڭگۇەنسۈن دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونىدىكى كۆرگەزمە مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ‹‹شىركىتىمىزدىكى %70تىن كۆپرەك كىشى تەتقىق قىلىپ ئاچقۇچى خادىملاردۇر.›› شىركەتنى قۇرغۇچى جاۋ ۋۇياڭ مۇنداق دېدى: ئىگىلىك تىكلەش كوللېكتىپى %90 چىقىمنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا ئاجرىتىپ، ئون نەچچە تۈردە پاتېنتقا ئېرىشتى. شېڭجېغا ئوخشاش ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا كارخانىلىرى جۇڭگۇەنسۈندىكى ھەرقايسى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىلىرىغا ئورۇنلاشتى، ئۇلار ‹‹قاتتىق پەن–تېخنىكا››نى ئىگىلەپ، مۇۋاپىق سودا ئەندىزىسىگە تايىنىپ، ئالاقىدار تېخنىكىنى تېزدىن بازارغا سالدى ھەم سىجىل يېڭىلىق يارىتىدىغان ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈردى.

  ئىلگىرى جۇڭگۇەنسۈندىكى تۆت چوڭ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش بازىرىنىڭ بىرى بولغان دىڭخاۋ سارىيىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، بۈگۈنكى كۈندە، پەن–تېخنىكا تۇيغۇسىغا ئىگە يېتىشتۈرۈش ئاپپاراتلىرى مائوس، ئوپتىكىلىق دىسكا ساتىدىغان ‹‹كىچىك يايما››لارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. نۆۋەتتە، جۇڭگۇەنسۈندە 200دىن ئارتۇق پەن–تېخنىكا كارخانىسى يېتىشتۈرۈش بازىسى، 1490دىن ئارتۇق ئىگىلىك تىكلەش، مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتى، 500دىن ئارتۇق جەمئىيەت ئىتتىپاقى قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلار پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولماقتا.

  2018–يىلى 1–ئايدىن 7–ئايغىچە، جۇڭگۇەنسۈندە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يېڭىدىن 92 پەن–تېخنىكا كارخانىسى قۇرۇلدى. 2017–يىلى جۇڭگۇەنسۈن ئۈلگە رايونىدا جەمئىي پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش ئۈلگە مىسالىدىن 2584 قېتىم يۈز بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يېقىن نىسبەتنى ئىگىلەپ، يەر شارىدىكى تەۋەككۈل مەبلەغ سېلىش ئەڭ جانلانغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  3Dلىق باسما مېتال تېخنىكىسىنى ‹‹ئەمەلىي قوللىنىشقا بولامدۇ–يوق؟ باشقا ساھەلەرگە مۇلازىمەت قىلدۇرۇشقا بولامدۇ–يوق؟ كەسىپلەشتۈرۈشكە بولامدۇ؟›› دېگەن بۇ ئۈچ مەسىلە جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋاڭ خۇامىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ئىزدىنىۋاتقان مۇھىم نۇقتا.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاكادېمىك ۋاڭ خۇامىڭنىڭ كوللېكتىپى پىرويېكسىيە كۆلىمى بەش كىۋادرات مېتىر بولغان زاپچاستىن تارتىپ پىرويېكسىيە كۆلىمى 16 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان زاپچاسقىچە بېسىپ چىقىرالايدىغان بولدى، ئالاقىدار تېخنىكا ئايروپىلان، توشۇغۇچى راكېتا ۋە سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى قوللىنىش بولدى.

  نۆۋەتتە، جۇڭگۇەنسۈن يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، بىيو ۋە ساغلاملىق، ئەقلىي ياسىمىچىلىق ۋە يېڭى ماتېرىيال، ئېنېرگىيە تېجەش–مۇھىت ئاسراش، زامانىۋى قاتناش، گۈللەنمە مۇلازىمەت كەسپىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ گۈللەنمە كەسىپ توپىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىنىڭ كۆلىمى 2 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى.

  ‹‹جۇڭگۇەنسۈننىڭ تەرەققىيات ئۈنۈمى يۇقىرى، كىشى بېشى ھاسىلاتى يۇقىرى، ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەن.›› بېيجىڭ شەھەرلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ خۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگۇەنسۈن پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش يولىدا مېڭىپ، بېيجىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

  2017–يىلى، جۇڭگۇەنسۈندىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى راۋاجلىنىپ 22 مىڭغا يېتىپ، كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 5 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن، ئىشقا ئاشۇرغان قوشۇلما قىممىتى 735 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي كىرىمى ۋە قوشۇلما قىممىتى 2013–يىلىدىكىنىڭ 1.7 ھەسسىسىگە يەتكەن.

  ئالاقە تورى تېخنىكىسىنىڭ زور تەرەققىياتى ۋە ‹‹قوش يېڭىلىق يارىتىش›› دولقۇنىنىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگۇەنسۈندە رەقەملىك ئىقتىساد، ھەمبەھرە ئىقتىساد، سۇپا ئىقتىسادى قاتارلىقلار تېز تەرەققىي قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يېڭى يول بىلەن، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى يېڭى قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلىدى.

  رايون تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مەنبە، دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە يېڭى ئېگىزلىك

  ——بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگۇەنسۈننىڭ رايونغا تەسىر كۆرسىتىپ يېتەكلەش رولى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىشقا ئاتلاندى

  چۈشتىن كېيىنكى جۇڭگۇەنسۈن، قەھۋەخانىلار، يېتىشتۈرۈش بازىلىرى ۋە تۈرلۈك بىرلەشمە ئىش بېجىرىش رايونلىرىدا ‹‹قوش يېڭىلىق يارىتىش›› پائالىيەتلىرى بىرىگە بىر ئۇلىشىپ ئېلىپ بېرىلماقتا. يېرىم كېچىدىمۇ، قاتار – قاتار ئېگىز ئىشخانا بىنالىرىدا چىراغلار يەنىلا يورۇپ تۇراتتى.

  جۇڭگۇەنسۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش، مەبلەغ سېلىش قەھۋەسىدە ‹‹ئىگىلىك تىكلەش ئامىلى›› بار.

  2013–يىلى، ليۇ شۈنشۈ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنىدىن پۇرسەتنى كۆرۈپ يەتتى. ئۇ، پايتەخت پولات–تۆمۈر گۇرۇھىغا تايىنىپ، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى ئاپپاراتى——بېيجىڭ ئىگىلىك تىكلەش كوپىراتىپى مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى قۇردى. ئىگىلىك تىكلەش كوپىراتىپى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە كۆلىمى ئاران 1700 كىۋادرات مېتىرلا بولۇپ، بۇ كوللېكتىپتا ئۈچ–تۆت ئادەملا بار ئىدى.

  ليۇ شۈنشۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: كۈنبويى قىلىپ تۈگىتەلمەيدىغان ئىشلار بار، ھەر كۈنى پايپىتەك بولۇپ ئالدىراش ئۆتىمىز: كۈندۈزى يىغىن ئاچىمىز، مۇزاكىرە قىلىمىز، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىمىز، سەھەر سائەت 1دىن باشلاپ ماتېرىيال تەييارلاپ، ئەتىگەن سائەت 7دە سېلىشتۇرۇپ تۈزىتىپ، سائەت 8دە تۈپلەيمىز.

  بەش يىل تىرىشىش ئارقىلىق، 6000دىن ئارتۇق ئىگىلىك تىكلەش شىركىتى ئىگىلىك تىكلەش كوپىراتىپىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ زورايدى، ئىگىلىك تىكلەش كوپىراتىپىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى تيەنجىن، تاڭشەن، چاڭچۈن، خاربىن، شيامېن قاتارلىق شەھەرلەرگىچە كېڭىيىپ، جۇڭگۇەنسۈننىڭ ‹‹ئىگىلىك تىكلەش ئامىلى›› پۈتۈن مەملىكەتكە تەسىر كۆرسەتمەكتە.

  بېيجىڭ–تيەنجىن–خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شيۇڭئەن يېڭى رايونى جۇڭگۇەنسۈن پەن–تېخنىكا باغچىسى، تيەنجىن بىنخەي–جۇڭگۇەنسۈن پەن–تېخنىكا باغچىسى قاتارلىق ھەمكارلىق رايونلىرىنى قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، جۇڭگۇەنسۈندىكى كارخانىلار تيەنجىن–خېبېيدا تەسىس قىلغان تارماق ئاپپارات 6100دىن ئاشتى، بېيجىڭ–تيەنجىن–خېبېي ماس يېڭىلىق يارىتىش رايونى زەنجىرى ۋە كەسىپلەر زەنجىرى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

  2017–يىلى، جۇڭگۇەنسۈن باشقۇرۇش كومىتېتى، تيەنجىن شەھەرلىك پەن–تېخنىكا كومىتېتى، خېبېي ئۆلكىلىك پەن–تېخنىكا نازارىتى بىرلىكتە ‹‹جۇڭگۇەنسۈننىڭ ئېنېرگىيە تېجەش–مۇھىت ئاسراش تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بېيجىڭ–تيەنجىن–خېبېينىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش خىزمەت لايىھەسى››نى تارقىتىپ يولغا قويدى. ئۈچ جايدىكى ھۆكۈمەت ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورتاق بەرپا قىلدى، جۇڭگۇەنسۈننىڭ ‹‹مۇھىت ئاسراش تېخنىكىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسى›› بېيجىڭ–تيەنجىن–خېبېي رايونىنىڭ مۇھىت ئاسراشتىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىپ، كارخانىلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ساھەسىدە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  جاۋ خۇڭ مۇنداق قارىدى: جۇڭگۇەنسۈن جۇڭگونىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسىگە ئايلاندى، نۇرغۇن كارخانا باش ئىشتابىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش بىلەن ياسىمىچىلىقنى ئايرىش تەرەققىيات ئەندىزىسى تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق نامايان قىلدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جۇڭگۇەنسۈننىڭ تارماق ئاپپاراتلىرى تېخنىكا، ئەندىزە تەقلىدى ۋە تەسىر كۈچىنى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولدى.

  2017–يىلى، جۇڭگۇەنسۈننىڭ تېخنىكا توختامى پۈتۈشۈش سوممىسى 354 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يېقىن نىسبەتنى ئىگىلىدى. جۇڭگۇەنسۈن باشقا رايونلار بىلەن بىرلىكتە 24 ھەمكارلىق رايونى ۋە پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈش بازىسىنى ئورتاق قۇرۇپ، تېخنىكا چىقىرىش، سىياسەت يەتكۈزۈش، داڭلىق ماركا چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، كۆپلىگەن پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرى دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقماقتا، شۇنداقلا ئۇ چەت ئەللىك زاتلارنىڭ بېيجىڭغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولماقتا.

  دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىنىڭ ئىمزا قويۇش ئۈستىلى ئالدىدا، مىڭشوۋ پەن–تېخنىكىسىنىڭ قۇرغۇچىسى چېن ۋېي بىر ئاز ھاياجانلاندى. ئىمزا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇ كوللېكتىپنى باشلاپ تەتقىق قىلىپ ئاچقان ‹‹دەرىجىدىن تاشقىرى چىراغ››، يەنى گىرافىت ئالكېن LED چىرىغى دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا.

  چىڭخۇا داشۆنى پۈتكۈزگەن كېنىيەلىك يىگىت ما شىياڭ خەيديەن پەن–تېخنىكا سارىيىدىكى ‹‹تېڭمەن خەلقئارا قوش ئىگىلىك تىكلەش بوشلۇقى››دا ئۆزىنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن–تېخنىكىسى كارخانىسىنى قۇرۇپ، جۇڭگۇەنسۈننىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى لايىھەسىنى بىرىكتۈرۈپ، كېنىيەگە ئېلىپ كەتتى.

  بىپايان ئافرىقا زېمىنىدا، ئاۋات ياۋروپا، ئامېرىكا شەھەرلىرىدە، قايناق ھېسسىياتقا تولغان جەنۇبىي ئامېرىكا زېمىنىدا جۇڭگۇەنسۈندىكى كارخانىلارنىڭ سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۆتكەن نەچچە يىلدا، جۇڭگۇەنسۈن باشقۇرۇش كومىتېتى ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ، ئامېرىكىدىكى كىرېمنىي جىلغىسى، كانادادىكى تورونتو، ئەنگلىيەدىكى لوندون قاتارلىق ئون جايدا چەت ئەل ئالاقە باشقارمىسى قۇردى.

  2017–يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگۇەنسۈن ئۈلگە رايونىدىكى 101 كارخانا چېگرا سىرتىدا پېيىنى بازارغا سالدى. 2017–يىلى، ئۈلگە رايونىدىكى كارخانىلار ئىگە بولغان چېگرا سىرتىدا ھوقۇق بېرىلگەن پاتېنت 11 مىڭغا، چەت ئەلدىكى قوشۇۋېلىش سودا سوممىسى 289 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %60تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىنتېل، ئالما قاتارلىق 300دىن ئارتۇق دۆلەت ھالقىغان شىركەتنىڭ تارماق ئاپپاراتلىرى ياكى تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركەزلىرىمۇ جۇڭگۇەنسۈنگە ماكانلاشتى.

  ‹‹جۇڭگو كىرېمنىي جىلغىسى››نى قۇرۇشتىن ‹‹دۇنيانىڭ جۇڭگۇەنسۈنى››نى قۇرۇشقىچە، بۈگۈن بىلەن ئۆتمۈش سېلىشتۇرما قىلىنغان چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر دەل ئېلىمىزنىڭ دۇنياغا قۇچاق ئاچقانلىقىنىڭ جانلىق مىسالىدۇر.

  بېيجىڭ سەددىچىن كارخانا ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دېلۈ مۇنداق قارىدى: كەلگۈسىدە، جۇڭگۇەنسۈن پەن–تېخنىكا دولقۇنىغا يېتەكچىلىك قىلماقچى بولىدىكەن، چوقۇم ھۆكۈمەت يىرىك پىلانى، كارخانا، ئالىي مەكتەپ تەتقىقات ئورۇنلىرى مەركەزلەشكەن بولۇش شەرتى ئاساسىدىكى تەجرىبىلەرنى داۋاملىق خۇلاسىلەپ، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىغا قارىتا تېخىمۇ ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك جۇڭگو لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىشى ھەم ئۇنىڭ بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، ‹‹ئالدىن يۈرگۈچى قىسىم›› بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگۇەنسۈن پەن–تېخنىكىدا ‹‹يەككە نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش››تەك ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە ئۇنىۋېرسال يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈشتەك مۇھىم ۋەزىپىنىمۇ زىممىسىگە ئالغان.

  جەي لىشىن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگۇەنسۈن خەلقئارادا ئالدىنقى قاتارغا توغرىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ۋە دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ‹‹يۇقىرى، سەرخىل، ئىلغار›› ئىقتىسادىي قۇرۇلما بەرپا قىلىشنىڭ ياخشى ئاساسىي ۋاسىتىسى بولۇش، تېخنىكا يېتەكچىلىك ھوقۇقىغا ئىگە كەسىپلەر توپىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت تۆت تەرەپتىن جۇڭگۇەنسۈننىڭ ‹‹دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى››نى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ئۇچقاندەك ئىلگىرىلە، جۇڭگۇەنسۈن!

  (ۋاڭ شياۋمېڭ يېزىشقا قاتناشقان)

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10–ئاينىڭ 2–كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.