تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ۋەتەنگە بەخت تىلەش: ئىشەنچ ئەڭ سەمىمىي كۆڭۈل ئىزھارى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جياڭ ۋېيچاۋ

 ‹‹ۋەتەنگە بەخت تىلەيمىز، ۋەتەنگە ئىشىنىمىز!›› خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 69 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە، دوستلار چەمبىرىكى بەخت تىلەش بىلەن توشۇپ كەتتى. بۇ بەخت تىلەشلەر ۋەتەن بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەش شادلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ۋەتەن بىلەن باتۇرانە ئىلگىرىلەش ئىشەنچىگە تېخىمۇ تولغان. بۇنداق ئىشەنچ ئاساسسىز ئەمەس، ئۇ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى 60 نەچچە يىل جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ گۈزەل دەۋر قىياپىتىدۇر!

    تەرەققىيات ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنىڭ بىلەي تېشى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى ئارزۇ-ئۈمىدكە تولۇپ، يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. بەش يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولساقمۇ ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولساقمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىرمۇنچە چوڭ ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقىرىلدى. ئۆز يولىدا قامچا ئوينىتىپ ماڭغان جۇڭگو توختىماي ئىلگىرىلەپ، زامانىۋىلىشىش سۈرئىتىنى تېزلەتتى.

  خەلقتە ئىشەنچ بولسا، دۆلەتتە كۈچ-قۇدرەت بولىدۇ. بېسىپ ئۆتكەن يولىمىزغا نەزەر سالساق، ئىشەنچ مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتنى يېڭىش ئارقىلىق چىقىرىلغان چوڭقۇر يەكۈن؛ كەلگۈسىگە يۈزلەنسەك، ئىشەنچ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇقەررەر تاللاش. ھازىرقى مەزگىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ مەزگىلى، دۇنيا بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشنىڭ داۋالغۇش مەزگىلى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ‹‹پەيتى››، تىپ ئۆزگەرتىش ‹‹پەيتى››، تەرەققىي قىلىش ‹‹پەيتى››. ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، خەلقنىڭ ۋەتەنگە بولغان ئىشەنچى خۇددى شەبنەمگە چۈشكەن قۇياش نۇرىدەك، مۈشكۈلاتلاردىن غالىب كېلىدىغان قەتئىي ئىرادىنى يېتىلدۈردى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغان پۈتمەس-تۈگىمەس غەيرەت-جاسارەتنى بارلىققا كەلتۈردى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىكى مول جۇغلانما، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشى تولۇق تەييارلىق بىلەن ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان تەرەققىيات ‹‹يۈزلىنىشى››، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان ئەلرايى ‹‹يۈزلىنىشى››، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ‹‹يۈزلىنىشى››، شۇنداقلا ‹‹پەيت››نى تۇتۇپ ئىلگىرىلەيدىغان قەتئىي غەلىبە قىلىش ‹‹يۈزلىنىشى››دۇر. مەسىلىگە توغرا قاراش ئىشەنچنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىش مەسئۇلىيەتچانلىقنى تېخىمۇ نامايان قىلىدۇ، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، مەردانە ئىلگىرىلىشى تەرەققىياتتا ئەگرى-توقايلىقلاردىن ئۆتۈپ، مۈشكۈلاتلارنى يېڭىپ، يېڭى مەنزىل ئېچىشقا غەيرەت-جاسارەت بېغىشلايدۇ.

    بىر مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ بىر دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى خەلقنىڭ كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنىڭ دەۋر قىياپىتىدە، بىز يېڭى دەۋرگە ئاتلىنىدىغان تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق، ئىلھام بىلەن، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىدىغان كۈرەش ئىرادىسىگە تولۇشىمىز، ئىسلاھات يېڭى بۇرچىنى زىممىگە ئېلىشنىڭ شىددەتلىك ئېقىنىدا باتۇرانە ئىلگىرىلەپ، ئارزۇغا يېتىشنىڭ مەڭگۈلۈك يولىنى تېخىمۇ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. تەرەققىيات چىڭ قائىدە، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ھەقىقىي ئاساس، مەيلى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزىتىش، ئومۇمىيەتنى كۆزلەش، ئەمەلىي ئىش قىلىش ياكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، ئۆزىگە بولغان ئىشىنىش بىلەن كۈرەش قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە بولسۇن، ھەممىسى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى.

  كىشىلەر قەلبىنىڭ ئىنتىلىش يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىسىنى كۆزلەپ، ئىشەنچىمىز بىلەن خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ئەڭ سەمىمىي كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلايلى. ۋەتەن بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئىشەنچ بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىسەكلا، گۈللىنىش يولىدىكى ‹‹ھالقىلىق مۇساپە››نى جەزمەن ياخشى باسالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لەنجوۋ، 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى