تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كۈرەش قىلىش ئارقىلىق گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى

——جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

  ۋاقىتنىڭ يىل ھالقىلىرىغا كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ئىزلىرى مۆھۈر بولۇپ بېسىلىدۇ. ئۆكتەبىرنىڭ قۇياش نۇرى كەڭ زېمىننى يورۇتقاندا، بىز خەلق جۇمھۇرىيىتى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 69 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق. شىمالدىكى تاغ ئېتەكلىرىدىن جەنۇبىي دېڭىزدىكى خادا تاشلارغىچە، غەربىي قىسىمدىكى ئېگىزلىكلەردىن شەرقتىكى مۇنبەت دالىلارغىچە، مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل–قىزلىرى تولۇپ تاشقان شەرەپ ۋە ئارزۇلار بىلەن بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، گۈللىنىش يولىدا روھىنى ئۇرغۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

  بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق جەۋلان قىلماقتا، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىمەكتە. ئۆتكەن بىر يىلدا، خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دەۋر تارىخىدا يېپيېڭى بىر بەت پۈتۈلدى. پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلدى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدۇق. ئاساسلىق ماكرو كۆرسەتكۈچلەر مۇۋاپىق ئارىلىقتا تۇردى، ئىقتىساد ئومۇمىي جەھەتتىن سىلىق، مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش يۈزلىنىشىنى ساقلىدى؛ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى تۆت چوڭ تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش باھار دولقۇنى مەۋج ئۇردى؛ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى، جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى، چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈچەپ ئالغا سىلجىتىلدى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تۈزەش سالمىقى مىسلىسىز بولدى، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى... جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىغا نەزەر سالساق، يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات نامايان بولماقتا، تۈرلۈك ئىشلار كۈنسېرى يۈكسەلمەكتە، ئىسلاھات، تەرەققىيات گۈللەپ ياشنىماقتا، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلانماقتا.

  بەزى مۇھىم تۈگۈنلەر ۋاقىتنىڭ سالمىقىنى بەلگىلىدى، ئىلگىرىلەشنىڭ كوردىناتىنى بېكىتتى. 1949–يىلى 10–ئاينىڭ 1–كۈنى، تۇنجى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بېيجىڭ ئاسمىنىدا ئاستا–ئاستا كۆتۈرۈلدى. يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى يۈز نەچچە يىللىق جاپالىق كۈرەشنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو خەلقى جۇڭخۇا مىللىتىنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدىغان تاڭ قۇياشىنى كۈتۈۋالدى. 69 يىللىق شانلىق مۇساپىدە، بىز ھەم نامرات، ھەم قالاق بولۇشتەك ئاساستا ئەڭ يېڭى، ئەڭ گۈزەل رەسىملەرنى سىزىپ چىقتۇق؛ 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا، بىز يەر شارى پۇقرالىقىدىن قوغلاپ چىقىرىلىش خەتىرىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇپ، دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە كۈنسېرى يېقىنلاشتۇق. ‹‹ئۆتمۈشنى ئەسلىگىنىمىزدە قاينام–تاشقىنلىق يىللار كۆپ بولدى››. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مىليونلىغان خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، يېڭى جۇڭگونى قۇرۇپ چىقتى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز نامراتلىق ۋە قالاقلىق بىلەن خوشلىشىپ، قايغۇ – ھەسرەت ۋە خورلۇقتىن قۇتۇلدى، ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو، ئۈمىدكە تولغان جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى پارتىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە مىليونلىغان خەلق ئىككى قولىغا تايىنىپ ياراتقان، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگولۇقلار قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ياراتقان. بىز ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىن پەخىرلىنىمىز، ئۇلۇغ خەلقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز.

  بەختنىڭ ھەممىسى كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ، كۈرەشمۇ يەنە جاپالىق، ئۇزاق مۇددەتلىك بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو تارىخنىڭ ھالقىلىق يول ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىدۇ. دۆلەت ئىچىگە قارايدىغان بولساق، ئىسلاھات قىيىن باسقۇچقا، تەرەققىيات ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاشقا توغرا كېلىدۇ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››دە غەلىبە قىلىشتا ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشتا مىنۇت–سېكۇنتنى قولدىن بېرىشكە بولمايدۇ؛ دۆلەت سىرتىغا قارايدىغان بولساق، دۇنيا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، دۇنياۋىلىشىشقا قارشى ئىدىيە دولقۇنى، سودا قورۇقچىلىقى يوشۇرۇن ئېقىمى مەۋج ئۇرۇپ، يېڭى ئېنىقسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە. ‹‹ئالەم توختىماي ئايلىنىپ تۇرىدۇ، كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىپ، توختىماي ئىلگىرىلىشى كېرەك››. مۇشۇنداق پەيتتە، بىز نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىپ، قەتئىي ئىشەنچ، ئاجايىپ ئەقىل – پاراسەت، قورقماس جاسارەت، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  بىز تولۇپ تاشقان قايناق ھېسسىيات بىلەن، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق جۇڭگو يولىنى يەنىمۇ كېڭەيتەيلى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ غايىسى ۋە ئىزدىنىشى يۈكلەنگەن، يۈكسەك ئىرادىگە ئىگە سانسىزلىغان پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى باغلانغان، مىليونلىغان خەلقنىڭ كۈرىشى ۋە ئىجادىيىتى مۇجەسسەملەنگەن. ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەت بۇ يولدا يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە، جۇڭگو يولى ماڭغانسېرى كېڭەيدى، سوتسىيالىزمنىڭ ئەۋزەللىكى بارغانسېرى گەۋدىلەندى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىدىغانلا بولساق، تۈرلۈك خەۋپ–خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن جەزمەن غالىب كېلىپ، دۆلەت ۋە مىللەت تەرەققىياتىنىڭ دەۋر سەھىپىسىنى پۈتەلەيمىز.

  تولۇپ تاشقان قىزغىن ھېسسىيات بىلەن، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئىسلاھات ئۇلۇغ ئىشىنى ئالغا سىلجىتايلى. بۇ يىل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. 40 يىل مابەينىدە، بىز بىر يېڭى يولنى، ياخشى يولنى ئېچىپ، ‹‹دەۋرگە يېتىشىۋېلىش››تىن ‹‹دەۋرنى يېتەكلەش››كە ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۈگۈنكى كۈندە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى، قىممەت يۆنىلىشى تېخىمۇ روشەنلەشتى، ئۇسۇل، يوللار تېخىمۇ ئېنىقلاشتى، كۆڭۈل ۋە نەزەر دائىرە تېخىمۇ كېڭەيدى، بۇ، بىزنىڭ ئىسلاھات ئۇلۇغ ئىشلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشقا تامامەن ئىقتىدارىمىز يېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز جەزمەن مەۋقەنى يېڭى دەۋر شارائىتىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئېچىپ، يېڭى ئىسلاھات زېمىنى يارىتىپ، بۇ توغرا يولدا، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا، خەلقنى بېيىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملىق ياخشى مېڭىپ، خەلق جۇمھۇرىيىتىنى تېخىمۇ گۈللەنگەن، تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  تولۇپ تاشقان قىزغىن ھېسسىيات بىلەن، كۈرەش مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق دەۋرگە شەرەپ كەلتۈرەيلى. ‹‹يېڭى دەۋر يارىتىشقا جۈرئەت قىلىدىغان›› روھ بولمىسا، يېڭى جۇڭگونىڭ 69 يىللىق غايەت زور ئۆزگىرىشلىرى بولمايتتى؛ ‹‹قانلىق جەڭ قىلىپ يول ئاچىدىغان›› جاسارەت بولمىسا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى بولمايتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بىز داۋاملىق ئىمتىھانغا ئۈلگۈرۈش يولىدا مېڭىۋاتىمىز، تارىخىي پۇرسەت بىزنىڭ چىڭ تۇتۇشىمىزنى كۈتۈۋاتىدۇ، شەرەپلىك بۇرچ بىزنىڭ تاماملىشىمىزنى كۈتۈۋاتىدۇ. ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا ئاندىن ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ، كۈرەش قىلغاندىلا ئاندىن ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. پەقەت قۇرۇق خام خىيالدا بولمايدىغان، قۇرۇق ئابرۇي قوغلاشمايدىغان، مەڭگۈ بىپەرۋالىق قىلمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختاۋسىز ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتىنى ساقلىغاندىلا، ئاندىن جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل دەۋر سەھىپىسىنى ياراتقىلى بولىدۇ.

  بارلىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى كۈچ ئۇلاپ ئىزدىنىش، داۋاملىق كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئالدىنقىسىغا كېيىنكىسىنى باغلاش، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش جەريانىدا ئالغا سىلجىتىشقا توغرا كېلىدۇ. گەرچە بىز تۈمەنمىڭ تاغ – دەريانى بېسىپ ئۆتكەن بولساقمۇ، بىراق يەنە ئۈزلۈكسىز تاغ–داۋان ھالقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ؛ گەرچە بىز تۈرلۈك مۇشەققەتلەر ئۈستىدىن غالىب كەلگەن بولساقمۇ، بىراق يەنە ئۈزلۈكسىز قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، دەۋر ئۇلۇغ ئىشلىرىنى پۈتۈپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە ئاتلىنايلى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9–ئاينىڭ 30–كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى