تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جايلاردا مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ

  مۇخبىرىمىز لى لى خەۋەر قىلىدۇ: دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، مەدەنىيەت سارىيى، مۇزېي، ساياھەت مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى، باغچە قاتارلىق جايلاردا مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ باغچە، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ئارقا – ئارقىدىن پائالىيەت ئۆتكۈزىدۇ: قىزىلتاغ باغچىسى ‹‹مېنىڭ قىزىلتاغ ئەسلىمەم›› سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى، جۇخار گۈلى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدۇ، 9 – ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن 10 – ئاينىڭ 7 – كۈنىگىچە ھەر كۈنى سائەت 30: 20دىن سائەت 00: 24كىچە چىراغلارنى ياندۇرۇپ، جۇلالىق كېچە مەنزىرىسىنى نامايان قىلىدۇ؛ شېنمۇيۈەن چەۋەندازلار كۇلۇبى ئېسىل چەۋەندازلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ؛ قارلىغاچلىق سۇ دۇنياسى ئېتىبار بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ.

  9 – ئاينىڭ 27 – كۈنى باشلانغان جۇڭگو. ماناس 9 – نۆۋەتلىك زۇمرەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى ۋە يىپەك يولى يادرولۇق رايونى ئۈزۈم ھارىقى كەسپى تەرەققىيات يىغىنىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەر 10 – ئاينىڭ 6 – كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، ئاۋام چوڭ ئۇسسۇل سەھنىسى، كىيىم – كېچەك كۆرگەزمىسى، مەززىلىك تائاملار كۆرگەزمىسى، ناخشا – ئۇسسۇل كېچىلىكى، خەلقئارا ‹‹بوكس شاھى››لىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار پائالىيەتلەر نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ماناس ناھىيەسىدىكى بارلىق ساياھەت مەنزىرە رايون (نۇقتا)لىرىنىڭ كىرىش بېلىتى ھەقسىز بولىدۇ. ماناس ناھىيەسىنى چۆرىدىگەن ئون چوڭ ساياھەت مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى خاسلىققا ئىگە، يۇقىرى سۈپەتلىك بىر كۈنلۈك، ئىككى كۈنلۈك ساياھەت لىنىيەسىنى يولغا قويۇپ، كوللېكتىپ ساياھەت، ئائىلە ئاپتوموبىللىق ساياھەت، قوشماق تۇغقانلار ساياھىتى قاتارلىق ‹‹ماناسلىقلار ماناسنى ساياھەت قىلىش›› پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ.

  9 – ئاينىڭ 28 – كۈنى باشلانغان 2018 – يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيەت توغراق بايرىمىدا، قەشقەر شەھىرىدىكى ئاساسىي پائالىيەت مەيدانى ۋە پوسكام ناھىيەسى، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى شۆبە پائالىيەت مەيدانى رايون ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ ئايرىم – ئايرىم ھالدا خاس مەززىلىك تائاملار مۇسابىقىسى، دارۋازلىق قاتارلىق بىر قاتار مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ – ئادەت ساياھىتى، مارالبېشى توغراق مەنزىرە ساياھىتى، پوسكام توغراق مەنزىرە ساياھىتى، پامىر ئېگىزلىكى تەبىئىي مەنزىرە ساياھىتى، مەكىت قۇملۇق ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى قاتارلىق ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرى ئېچىلىدۇ.

  ئويۇن، يېمەك – ئىچمەكتىن باشقا، يەنە نۇرغۇن مەنىۋى زىياپەتلەر بار.

  10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانا دۆلەت تىلىدىكى كىلاسسىك كىتابلارنى پەرزەنتلەر بىلەن بىللە ئوقۇش، لاي ھەيكەل ياساش دەرسلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.

  10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 3 – كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنجۈي تىياتىر ئۆمىكى (شىنجاڭ چىنجۈي تىياتىر ئۆمىكى) ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجۇڭ تىياتىرخانىسىدا ‹‹چىڭفېڭ شىپاڭى››، ‹‹ئارخات ساناش››، ‹‹لى كۈينىڭ ئانىسىنى يوقلىشى››، ‹‹ئەخمەقنىڭ خىيالى››، ‹‹جەن چىنيىڭ››، ‹‹شىخۇ كۆلىنى ساياھەت قىلىش››نى ئورۇنلايدۇ؛ ناخشا – ئۇسسۇللۇق دىراما ‹‹تارباغاتاينى سۆيىمەن›› 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى تارباغاتاي مۇزىكا زالىدا تۇنجى مەيدان رەسمىي قويۇلىدۇ.

  10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 3 – كۈنىگىچە، كۆكتوقاي مۇزىكا بايرىمى كۆكتوقاي دۆلەت كان باغچىسى مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ 10 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت يۇرتى تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك ــــ  ‹‹1 – ئۆكتەبىر››نى تەبرىكلەش ھەم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش خور، مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ.

  نىيە . ئارخېئولوگىيە . ھېكايە ــــ جۇڭگو – ياپونىيە نىيە ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ 30 يىللىق نەتىجىلەر كۆرگەزمىسى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا داۋاملىق كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، 3D كارتون كىنو فىلىمى ‹‹ئەپەندىمنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىسى›› 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا قويۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى