تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ

  مۇخبىرىمىز شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئېلان قىلغان دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە (10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 7 – كۈنىگىچە) بىر قېتىم ئوتتۇراھالدىن كۈچلۈكرەك سوغۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، 10 – ئاينىڭ 2 – كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 10 – ئاينىڭ 3 – كۈنى كېچىگىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، قومۇل شەھىرىدە روشەن ھۆل – يېغىن، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، بايرامنىڭ باشقا ۋاقىتلىرىدا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسمىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە زور بولمايدىكەن، سەپەرگە چىقىشقا ۋە ساياھەت قىلىشقا پايدىلىق بولىدىكەن.

  10 – ئاينىڭ 2 – كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 10 – ئاينىڭ 3 – كۈنى كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، قومۇل شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلاردا سۇس، ئازراق يامغۇر (تاغلىق رايونلاردا قار ئارىلاش يامغۇر ياكى قار) ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا ئوتتۇراھال، قارا يامغۇر ياكى قار ياغىدىكەن، ئىلى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر ياكى قاتتىق قار ياغىدىكەن. يۇقىرىدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى سەككىز – توققۇز بالغا يېتىدىكەن، ئالاتاۋ ئېغىزى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ لاۋفېڭكۇ ئېغىزى ۋە مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ نوقاي شامال رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋانچىڭدىن تۇرپان شەھىرىگىچە بولغان 30 چاقىرىملىق شامال رايونى قاتارلىق شامال ئېغىزى رايونلىرىدا شامال كۈچى ئون بال ئەتراپىغا يېتىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەش سېلسىيە گىرادۇستىن سەككىز سېلسىيە گىرادۇسقىچە چۈشىدىكەن، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا تېمپېراتۇرا سەككىز سېلسىيە گىرادۇستىن ئون سېلسىيە گىرادۇسقىچە چۈشىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭدا 10 – ئاينىڭ 4 – كۈنىدىن 5 – كۈنىگىچە قىسمەن رايونلاردا قۇم – توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. 10 – ئاينىڭ 4 – كۈنىدىن 7 – كۈنىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، شامال كۈچى ئانچە زور بولمايدىكەن، تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ئۆرلەيدىكەن.

  ئۈرۈمچىدە 10 – ئاينىڭ 3 – كۈنى كۈندۈزى ئازراق، ئوتتۇراھال يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا ئالتە سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا چۈشىدىكەن. باشقا ۋاقىتلاردا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، شامال كۈچى ئانچە زور بولمايدىكەن، تېمپېراتۇرا ئاۋۋال يۇقىرى، كېيىن تۆۋەن بولىدىكەن. شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا 13 سېلسىيە گىرادۇستىن 24 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، تۆۋەن تېمپىراتۇرا تۆت سېلسىيە گىرادۇستىن 12 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى قار – يامغۇرلۇق ھاۋارايى مەزگىلىدە يامغۇر (قار)، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە بوراننىڭ قاتناش تىرانسپورت، باغ – ئورمانچىلىق، سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىش ھەم چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە چارۋا ماللارنى يۆتكەشكە بولغان پايدىسىز تەسىرىدىن مۇداپىئەلىنىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى