تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قۇرۇلغانلىقى ھەم يېڭى جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئىشلىرى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 60 يىللىقىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە ئىقتىساد خىزمىتى ئانالىز قىلىندى، مۇزاكىرە قىلىندى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن–ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9–ئاينىڭ 29–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قۇرۇلغانلىقى ھەم يېڭى جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئىشلىرى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 60 يىللىقىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى ئانالىز قىلدى، مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

       يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قۇرۇلغانلىقى ھەم يېڭى جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئىشلىرى دۇنياغا كەلگەنلىكىگە 60 يىل بولغان پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئاخبارات سېپىدىكى كەڭ خىزمەتچىلەرگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات–ئىدىيە سېپىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشى، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، بايراق روشەن ھالدا پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك؛ توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەش، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇش، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىش، ئاكتىپ كۈچنى زورايتىش، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە جامائەت پىكرىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش، ئاخبارات جامائەت پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئىناۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئاممىسى ياراتقان تەجرىبىلەر ۋە دۇچ كەلگەن ئەمەلىي ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئەكس ئەتتۈرۈش، خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىش، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئىسلاھ قىلىش–يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، تارقىتىش ۋاسىتىسى ۋە سۆز قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش، يۇغۇرما تەرەققىياتنى تېزلىتىش، تەشۋىقاتنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيەنىڭ تەشۋىقات–ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇردى، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇردى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئاتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقى سىجىل ئىناق، مۇقىم بولدى، ئىقتىساد سىلىق، ساغلام راۋاجلاندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەش، ئىجتىمائىي ئىناقلىققا، مۇقىملىققا، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىق، تەرەققىياتتا قوش ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشقا ئالاقىدار تۈرلۈك تەدبىرلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنى سىجىل تارقىتىش، ئىناق، مۇقىم ياخشى ۋەزىيەت ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. ئىككىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش كېرەك. ئۈچىنچى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇقىم پۇل مۇئامىلە، مۇقىم تاشقى سودا، مۇقىم چەت ئەل مەبلىغى، مۇقىم سېلىنما، مۇقىم كۆزلىمە خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش، تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى سىجىل قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۆتىنچى، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىر يۈرۈش بەنزە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، بىر يۈرۈش بەنزە زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى تۇتۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈشنى كۈچەيتىش، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بەشىنچى، بېكىتىلگەن خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەش، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى قەتئىي ياخشى قىلىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك مۇھىم نۇقتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئومۇمىيەت خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئالتىنچى، ئۈچ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، 1–كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2–كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش، 3–كەسىپنى كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئۆزئارا ماسلىشىش، ئۆزئارا تۇتىشىش، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەتچىلىكنى زورايتىپ ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كېلىدىغان، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. يەتتىنچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش، ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇش، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىچكى–تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، تۈرلۈك كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسپىنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىش، شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ ‹‹سىرتقا چىقىشى››نى قوللاش، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش، بىر–بىرىنى تولۇقلاش كېرەك. سەككىزىنچى، ئىچكى ئېھتىياجنى پائال كېڭەيتىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئاچقۇچلۇق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا بولغان ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ئاشۇرۇش، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زورايتىش، پۇقراۋى ئىگىلىكنى قوللاش، ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئىستېمال سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىستېمال قىزىق نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش، ئىقتىسادقا ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. توققۇزىنچى، مالىيە، پۇل مۇئامىلىنىڭ تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، مالىيە مەبلىغىنىڭ تۈرتكىلىك رولى ۋە چوڭايتىش ئۈنۈمىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش، تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا پائال مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلەش، قوللاش، تىرىشىپ بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق شارائىت ۋە مۇھىت يارىتىش كېرەك. ئونىنچى، تۈرلۈك سىياسەتلەردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك سىياسەت–تەدبىرلىرىنى كەم–كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ كونكرېت يولغا قويۇش پىكرى تۈزۈش، سىياسەت ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئون بىرىنچى، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا زور كۈچ سەرپ قىلىش، توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇر يولغا قويۇش، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈش كېرەك. ئون ئىككىنچى، ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشى، يېڭى دەۋردە ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىشى ۋە ھەل قىلىشى، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلىشى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، مۇقىم، ساغلام راۋاجلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.