تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردىكى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى

  ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا

  خەلق گېزىتى ئوبزورچى ماقالىسى

  يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار زامانىۋىلاشمىسا، پۈتۈن دۆلەت زامانىۋىلاشمايدۇ.

  ‹‹يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيە، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئومۇمىيىتى، تارىخىي ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك، يېڭى دەۋردىكى <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى››. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 8 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر مەزمۇنىنى ئىچكىرىلەپ شەرھلەپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈش، دېھقانلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزنى مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىكى چوڭ دۆلىتى، يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ ئاساسنى پۇختىلاش خەلقنى خاتىرجەم قىلىشنىڭ ئاساسى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ئىش. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتى نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشقا دادىل تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە قارىتا يەنىمۇ ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭى دەۋردىكى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يېزا – كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىش كېرەك.

  زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدە، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى، شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق ياخشى بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىك دەرىجىدە زامانىۋىلىشىشتا غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇشنى بەلگىلەيدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹دۆلىتىمىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى، شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، شارائىتىغا ئىگە بولۇشى، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىشى كېرەك››. 40 يىل ئىلگىرى، بىز يېزا ئىسلاھاتى ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىغانىدۇق. 40 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، بىز يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق، شەھەر – يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك. شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، 2020 – يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، ئەڭ گەۋدىلىك كەمتۈكلۈك ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››دا؛ 2035 – يىلىغا بارغاندا زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا، زور تەرەپ، مۇھىم تەرەپ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››دا؛ 2050 – يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتا، ئاساس ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››دا. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يېڭى دەۋردىكى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى قىلىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەندىلا، يېزا – كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنى تېزدىن دۆلەتنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېتىشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ياخشى مېڭىپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يېڭى دەۋردىكى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى قىلىشتا، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى بۇ باش نىشاننى چىڭ ئىگىلەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ باش فاڭجېندا چىڭ تۇرۇشنى چىڭ ئىگىلەپ، كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي تەلەپنى چىڭ ئىگىلەپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى تۈزۈلمە – مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ تۈزۈم كاپالىتىنى چىڭ ئىگىلەپ، تەپەككۇر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى، ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك؛ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى باشتىن – ئاخىر پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزا – كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق كەسىپكە، دېھقان بولۇشنى جەلپكار كەسىپكە، يېزىلارنى خاتىرجەم ياشايدىغان ماكانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگونى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا، يېزا ئىگىلىكىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش شەرت؛ جۇڭگونى گۈزەللەشتۈرۈشتە، يېزىلارنى گۈزەللەشتۈرۈش شەرت؛ جۇڭگونى بېيىتىشتا، دېھقانلارنى بېيىتىش شەرت. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلىسەكلا، بىز چوقۇم مىليونلىغان دېھقاننى تېخىمۇ كۆپ، ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا، بەخت تۇيغۇسىغا، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئۇل سالالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 28 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى