تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

مەملىكەتلىك ئەرزىيەت زىددىيەتلىرىنى تۈگىتىشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە نەق مەيدان ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

  چېن چۈەنگو، شۇ شياۋچىن سۆز قىلدى، جاڭ ئېنشى، جۇ خەيلۈن قاتناشتى

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىن 27 – كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك ئەرزىيەت زىددىيەتلىرىنى تۈگىتىشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە نەق مەيدان ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شۇ شياۋچىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  چېن چۈەنگو سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىن يىغىنغا قاتنىشىشقا كەلگەن يولداشلارنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئۇلارغا سەمىمىي ئېھتىرام بىلدۈردى. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹فېڭچياۋ تەجرىبىسى››نى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشقا تەستىق سالغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹فېڭچياۋ تەجرىبىسى››نى راۋاجلاندۇرۇشتا يەنىمۇ چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىشى قەلبىنى مۇجەسسەملىشىمىز، ئاساسنى پۇختىلىشىمىز كېرەك. بىرىنچى، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئىككىنچى، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاممىۋى خىزمەت ۋاسىتىسى ۋە ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئامما بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇنتىزملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل كۈچ ئۇلاپ قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش›› پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ۋە مېھىر – مۇھەببەت بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەرزىيەت زىددىيەتلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تۈگىتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئۈچىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، قاتتىق مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئەرزىيەت خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى، ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش، تەشكىللەپ تۈرتكە بولۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق فۇنكسىيەلىرىنى كۈچەيتىشى، ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى ئىشخانىسى بىلەن ئەرزىيەت ئىدارىسى ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى، ئاساسىي كەسپىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى، ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىغا ئەزا ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زىددىيەتلەرنى دەسلىپىدە تۈگىتىش، ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك. تۆتىنچى، پائال شارائىت يارىتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئەرزىيەت خىزمىتىگە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ئەرزىيەت خىزمىتى ۋە كەڭ ئەرزىيەت كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشى، رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەرزىيەت ئىشلىرى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، پارتىيەگە سادىق، خەلققە قەتئىي مەسئۇل، ئاممىۋى خىزمەتنى ئىشلەشكە ماھىر يۇقىرى ساپالىق ئەرزىيەت خىزمىتى قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىپ، ھەممەيلەن ئەرزىيەت خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەرزىيەت خىزمىتىگە قاتنىشىدىغان، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قوللايدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

  شۇ شياۋچىن سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قولدا مۇقىملىقنى تۇتۇپ، بىر قولدا تەرەققىياتنى تۇتۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىسلاھات – تەرەققىيات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشتە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ۋاسىتە قىلىپ، كادىرلار ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاشنىڭ يېڭى يولىنى ئىزدىنىپ ئاچتى، خىزمەت جەريانىدا شەكىللەنگەن ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى ئۆگىنىشكە، قوللىنىشقا بولىدۇ، ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئەرزىيەت زىددىيەتلىرىنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە ۋەزىپە ئېغىر، مەسئۇلىيەت زور بولۇپ، جەزمەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل بىلەن، ئەرزىيەت زىددىيەتلىرىنى تۈگىتىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەرزىيەت زىددىيەتلىرىنى تۈگىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش سالمىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، نىشاننى كۆزلەپ ئىشنى ئەستايىدىل، پۇختا قىلىپ، ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەرزىيەت زىددىيەتلىرىنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل خىزمىتىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ‹‹فېڭچياۋ تەجرىبىسى››دە يەنىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى باشتىن – ئاخىر مەھكەم چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا، شۇ جايدا ھەل قىلىشقا باشتىن – ئاخىر مەركەزلەشتۈرۈپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىشنى باشتىن – ئاخىر گەۋدىلەندۈرۈپ، تىرىشپ زىددىيەتلەرنى بالدۇر تۈگىتىش، كىچىكىدە تۈگىتىش، ئاساسىي قاتلامدا تۈگىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىشنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ ئېنشى ئەرزىيەت زىددىيەتلىرىنى تۈگىتىش جېڭىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى ‹‹فېڭچياۋ تەجرىبىسى››نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى.

  جېجياڭ ئۆلكىسى، فۇجيەن ئۆلكىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسى، خېنەن ئۆلكىسى، خۇبېي ئۆلكىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى، چېڭدۇ شەھىرى ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئون ئورۇن تەجرىبە تونۇشتۇردى، 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر يازما پىكىر بايان قىلدى.

  دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى گاۋ، سارقىت ئاقان، جۇ چاڭجيې، جەرۇللا ھېسامىدىن قاتارلىقلار يىغىنغا ياكى مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

   يىغىن تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە پىلانى ئايرىم شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتناشقانلار يەنە ئۈرۈمچىدە ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئېكسكۇرسىيەدە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.