تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

گۇچۇڭ ناھىيەسىدە سۈپەتلىك بۇغداي يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىندى، مەخسۇس ئۇننىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى بازىرى ئىتتىك بولدى

  مۇخبىرىمىز ليۇ يى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لۇ يەن

  گۇچۇڭ ناھىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىم ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى، بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 1 مىليون مودىن ئاشىدۇ، ئومۇمىي ھوسۇلى 450 مىليون كىلوگىرامغا يېتىدۇ.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايون بۇغداي سېتىۋېلىش، زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، ‹‹ئاشكارا سېتىۋېلىش، ئاشكارا بىۋاسىتە تولۇقلىما بېرىش، ھۆكۈمەت باھا بېكىتىش›› سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشنى توختىتىپ، ‹‹ھۆكۈمەت يېتەكلەش، باھانى بازار بېكىتىش، كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكتلار سېتىۋېلىش، ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا ياردەم پۇلى بېرىش، سۈپەتلىكلىرىنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىش، سۈپەتلىكلىرىگە يۇقىرى تولۇقلىما بېرىش، بازارغا جىددىي ھاۋالە قىلىپ سېتىۋېلىش››تەك بۇغداي سېتىۋېلىش، زاپاس ساقلاش يېڭى مېخانىزمىنى ئورناتتى. يېڭى سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا باشلىدى، ‹‹سۈپەتلىكلىرىنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىش›› گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بۇ يىل بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئالغاندىن كېيىنكى روشەن ئالاھىدىلىككە ئايلاندى.

  9 – ئاينىڭ 24 – كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىبېيۋەن بازىرى ليۇشۇخېزا كەنتى ئاھالىسى جۇ جيا يەر ئاغدۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. جۇ جيا كۈزگى بۇغداي تېرىماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى يەر ئوبوروتى ئارقىلىق جەمئىي 5300 مو يەرنى تېرىپ، شۇ يەردىكى ئاشلىق تېرىيدىغان داڭلىق چوڭ ئائىلە بولۇپ قالدى.

  ‹‹ھازىر بۇغداي تېرىش بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ، دېھقانلارنىڭ قەددى رۇسلاندى››. مول تېرىقچىلىق تەجرىبىسىگە ئىگە جۇ جيا بۇ يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئۈستىدە توختالغاندا ناھايىتى ھاياجانلاندى.

  جۇ جيا خۇشاللىق بىلەن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئاشلىقنى دۆلەت بىر تۇتاش سېتىۋالغاچقا، بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئاشلىق تاپشۇراتتۇق. ھازىر پىششىقلاش كارخانىلىرى، سېتىۋېلىش، زاپاس ساقلاش كارخانىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئالدىمىزغا كېلىپ ئاشلىق سېتىۋالىدۇ، نەچچە پۇلغا سېتىشىمىزنى بازار بەلگىلەيدۇ، بۇغداينىڭ سۈپىتى قانچە ياخشى بولسا، باھاسىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. مەن بۇ يىل تېرىغان شىندۇڭ 22 – نومۇرلۇق بۇغداي ‹‹گۆھەر››گە ئايلىنىپ، ھەر كىلوگىرامىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سېتىۋېلىش باھاسى 2.65 يۈەنگە يېتىپ، دۆلەتنىڭ بازارغا ھاۋالە قىلىش باھاسىدىن 0.3 يۈەن يۇقىرى بولدى، بۇغداي ئېھتىياجنى تەمىنلىيەلمىدى.

  بۇ ئۆزگىرىشلەر بۇ يىلقى بۇغداي سېتىۋېلىش، زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. ئىلگىرى مەھسۇلات مىقدارى ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدىكى باش ئۆلچەم ئىدى، دېھقانلار بۇغداينى قانچە كۆپ ساتسا، كىرىمى شۇنچە كۆپ بولاتتى، لېكىن بازارنىڭ سۈپەتكە بولغان تەلىپى نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ، سۈپەت ئېلىپ كېلىدىغان ئۈنۈم گەۋدىلەنمەيتتى.

  شىنجاڭ خۇامەي شىنلياڭ ئۇنچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ لىدىرى جاڭ شىنۋېن مۇنداق دېدى: شىندۇڭ 22 – نومۇرنىڭ بىرىكىشچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك، باشقا ئۇنلار بىلەن نىسبەتلىك تەڭشەلگەندىن كېيىن ئالاھىدىلىكىنى ساقلىشى ئەڭ ياخشى. بۇغداينىڭ سۈپىتى كارخانىلارنىڭ پىششىقلاش تەلىپىنى قاندۇرالىسىلا، كارخانىلار بازار ئوتتۇرىچە باھاسىدىن يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىشنى خالايدۇ.

  پىششىقلاش كارخانىلىرىدىن باشقا، ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاش ھالقىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش، زاپاس ساقلاش كارخانىلىرىمۇ بازارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلماقتا. چاڭلياڭ گۇرۇھى گۇچۇڭ ئاشلىق، ياغ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ليۇ چى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى سىياسەتكە تايىنىپلا نان تېپىپ يەيتتۇق، ھازىر كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكتلار بازارغا كىرىپ بۇغداي سېتىۋېلىۋاتىدۇ، بىز چوقۇم مەۋقەنى ئۆزىمىزنىڭ ئەۋزەللىكىگە قويۇپ بازارغا ماسلىشىشىمىز كېرەك، ئۇنداق قىلمىساق شاللىنىپ كېتىمىز. ئىلگىرى كارخانىلار بۇغدايلارنى دەرىجىسى بويىچە سېتىۋالاتتى، ھازىر دەرىجىسىگە قاراپلا قالماي، سۈپىتىگىمۇ قاراپ، ئوخشاش بولمىغان باھادا سېتىۋېلىپ، زاپاس ساقلاپ، سېتىپ، بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇۋاتىدۇ.

  بازارنىڭ ئىسلاھاتىغا ماسلىشىشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى جۇ جياغا ئوخشاش ئادەتتىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچى دېھقانلارنى ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىلەندۈرۈش. ‹‹ئائىلىمىزنىڭ بۇغداي بىرلىك ھوسۇلى ئاران 550 كىلوگىرام، لېكىن سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، پايدىسى ئازراقمۇ كەم ئەمەس، زاكاز ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ›› دېدى جۇ جيا خۇشاللىق بىلەن.

  ھازىر گۇچۇڭ ناھىيەسىدە تېخىمۇ كۆپ ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچى دېھقان بۇغداينىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەكتە. شىندۇڭ 22 – نومۇر قاتارلىق بەش ئەلا سۈپەتلىك سورتنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى پۈتۈن ناھىيە بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %60تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. شۇ جايدىكى كارخانىلارنىڭ بۇ ئەلا سۈپەتلىك بۇغدايلاردىن پىششىقلاپ ئىشلەپچىقارغان جۇۋاۋا ئۇنى، بولكا ئۇنى، لەڭمەن ئۇنى قاتارلىق مەخسۇس رېتسېپلىق ئۇنلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى بازىرى ئىتتىك بولماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى