تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

ئۇنىڭ ھاياتى مېھىر–مۇھەببەتكە تولغان

  ـــ كۈنەس ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى قارابۇغرا بازارلىق ئەدلىيە ئورنىنىڭ سابىق باشلىقى لو يۈمىڭ خاتىرىسىگە

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋۇ چيۇڭ

  2018 – يىلى 2 – ئاينىڭ 7 – كۈنى، لو يۈمىڭ قىسقا لېكىن ئەھمىيەتلىك، ئاددىي لېكىن شانلىق ھايات مۇساپىسىنى تاماملىدى. 38 ياشلىق لو يۈمىڭ ئاساسىي قاتلامدا ھوقۇقنى قوغداش ۋە قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنى مۇرەسسە قىلىش جەريانىدا ھارماي – تالماي، زېرىكمەي ئىشلىدى، ئالتە يىلدا 400دىن ئارتۇق ماجىرانى مۇرەسسە قىلىپ، ئاخىرىدا ھاردۇق يېتىپ خىزمەت ئورنىدا يىقىلدى.

  خىزمەتداشلىرى خىزمىتىنى تۈگەتمىگىچە ئارام ئالمايدىغان ‹‹پىداكار يىگىت›› لو يۈمىڭنىڭ كېتىپ قالغانلىقىغا ئىشەنمەي قالدى؛ دوستلىرى سەمىمىي لو يۈمىڭنىڭ كېتىپ قالغانلىقىغا ئىشەنمەي قالدى؛ ئائىلىسىدىكىلەر ھەممىگە قادىر ‹‹خاسىيەتلىك ئادەم لو يۈمىڭ››نىڭ كېتىپ قالغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشەنمەي قالدى...

  ‹‹ئۇ ئىش قىلغاندا ئەزەلدىن شەرت قويمايتتى››

  ‹‹ئۇ مۇشۇ ئورۇندا ئولتۇراتتى››. يېقىندا، مەن كۈنەس ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىدە زىيارەتتە بولغىنىمدا، ئىشخانىدىكى ما جيەنمېي ئىشىكتىن كىرىپلا ئوڭ تەرەپتىكى ئورۇننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ئورۇننى كۆرسەملا لو يۈمىڭنىڭ ئالدىراش ئىشلەۋاتقان تۇرقى ئېسىمگە كېلىدۇ.

  2015 – يىلى، كۈنەس ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ئىشخانىسى لو يۈمىڭنى خىزمەتكە ياردەملىشىشكە يۆتكەپ ئەكەلگەن. ‹‹ئۇ پولنىڭ مەينەت بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تازىلايتتى؛ ئۈستەلگە گېزىت – ژۇرناللار قالايمىقان تاشلاپ قويۇلسا، رەتلىك يىغىشتۇرۇپ قوياتتى؛ قەغەز قىيىش ماشىنىسى ئىچىگە قەغەز توشۇپ كەتسە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆكۈۋېتەتتى...›› بۇ كۆرۈنۈشلەر، ما جيەنمېينىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمەيتتى. ‹‹ئۇ خىزمەتكە قاتناشقان 15 يىلدا، يەتتە يىل مۇنەۋۋەر مەمۇر بولدى، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بەش قېتىم مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى بولۇپ باھالاندى. مانا مۇشۇنداق بىر مۇنەۋۋەر يىگىتنىڭ كېتىپ قالغانلىقى بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى!›› دېدى ما جيەنمېي ھەسرەتلەنگەن ھالدا.

  2011 – يىلىنىڭ ئاخىرى، لو يۈمىڭ كۈنەس ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى قارابۇغرا بازارلىق ئەدلىيە ئورنىغا يۆتكەلدى. بۇ كىچىككىنە ئەدلىيە ئورنىدا، لو يۈمىڭ دائىم ‹‹ئوت ئۆچۈرگۈچ››لۈك رولىنى ئوينىدى. خەلق ئارىسىدىكى قىيىن، مۇرەككەپ ماجىرالاردا ئۇ ھەمىشە ئاممىنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، قانۇن، قائىدە بويىچە پائال مۇرەسسە قىلىپ، سەمىمىي قەلبى بىلەن جېدەل – ماجىرالارنى بېسىقتۇرۇپ، ھەم دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىدى، ھەم قوشنىلار ئارىسىدىكى ئۇششاق ماجىرالارنىڭ چوڭ ھەق – تەلەپ، جىنايى ئىشلار دېلوسى ۋە يۇقىرىغا ئەرز قىلىش دېلوسىغا ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

  لو يۈمىڭ كۈندىلىك مۇرەسسە قىلغان زىددىيەت – ماجىرالار ئىچىدىكى نۇقتىلىق تىپ، كۆپ يۈز بېرىدىغان تىپلارغا ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان ساھەدىكى ئاممىغا قارىتا قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى ئېلىپ باردى. قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ۋەرەقى تارقىتىلىدىغان بازار كۈنىدە، لو يۈمىڭ زىددىيەت، ماجىرالارنى بىر – بىرلەپ رەتكە تۇرغۇزۇپ، تەكشۈرۈپ تىزىملاش جەدۋىلى ۋە قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش خاتىرىسى جەدۋىلىنى ئېلىۋېلىپ، ئاممىنىڭ زىددىيەت، قىيىنچىلىقلىرى ۋە ھەل قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى بىر – بىرلەپ تىزىملاپ، جاۋاب بەرگىلى بولىدىغانلىرىغا نەق مەيداندا جاۋاب بەردى.

  كۈنەس ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى دۇ سىچۈەن مۇنداق دېدى: ئۇ كۆزى كۆرگەنلا ئىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەيتتى، ئەزەلدىن شەرت قويمايتتى.

  تاماملانمىغان خىزمەت كۆڭۈلدىكى ئەڭ چوڭ ئەندىشە

  لو يۈمىڭ كېسەل بولۇپ قالدى. 2017 – يىلى 4 – ئايدىن باشلاپ، ئۇنىڭ يۆتىلى توختىماي، دائىم قىزىتمىسى ئۆرلەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، كېسىلىنى ئادەتتىكى زۇكام دەپ بىلىپ، دائىم ئامبۇلاتورىيەدە ئاسما ئوكۇل ئاسقۇزۇپلا خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى.

  بىر قېتىم، ئۇ ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىگە ئىش بېجىرگىلى بارغاندا، كۆرۈشمىگىنىگە ئۇزاق بولغان خىزمەتدىشى رۇمەننا بالتاي ئۇنى تونۇيالمىغىلى تاس قالدى. ‹‹ئۇ بەك ئورۇقلاپ كېتىپتۇ، ھەم قارىداپ، ھەم ئورۇقلاپ، ئېغىز ئەتراپلىرىنى يارا بېسىپ كېتىپتۇ، مەن نېمە بولدۇڭ؟ دېسەم، ئۇ، ئىسسىقتا قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ قاپتىمەن، تاماق يېيەلمەيۋاتىمەن، دېدى.›› رۇمەننا ئۇنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلغاندا، لو يۈمىڭ: ھەممەيلەن ئالدىراش ئىشلەۋاتسا، رۇخسەت سورىسام قولۇمدىكى ئىشنى باشقىلارغا بېرىشكە توغرا كېلىدىكەن، رۇخسەت سوراشتىن خىجىل بولدۇم، دېدى.

  2017 – يىلى 10 – ئاينىڭ بىر كۈنى، لو يۈمىڭ خىزمەت ئورنىدا تۇيۇقسىز ھوشىدىن كەتتى، خىزمەتداشلىرى ئۇنى تېزدىن ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ ئارىلىق ماددىلىق ئۆپكە ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقىلىپ، ئۇنى باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكەپ داۋالىتىشقا توغرا كەلدى. كېيىنكى ئايدا، ئۇ ئۈرۈمچىگە بېرىپ داۋالاندى.

  رۇمەننا تېلېفون بېرىپ ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سورىغاندا، ئۇ ئىشلەپ بولالمىغان خىزمىتىنى كۆپرەك تىلغا ئالدى.

  ئىلگىرى بىللە خىزمەت قىلغان دوستى شيې سەيچېڭ فۇكاڭدىن ئۇنى دوختۇرخانىغا مەخسۇس يوقلاپ كەلدى، ئۇ نەپەسلەندۈرگۈچ تاقىغان، بىر تېرە – بىر سۆڭەك بولۇپ قالغان لو يۈمىڭنى كۆرۈپ كۆزىدىن تاراملاپ ئېقىپ چۈشكەن يېشىنى توختىتالمىدى.

  خىزمەتداشلار، دوستلارنىڭ خاتىرىسىدىكى لو يۈمىڭ خەۋپ – خەتەرگە پىسەنت قىلمايدىغان ئادەم ئىدى، ئۇ ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتكەن ئادەمنى قۇتقۇزغاندا، كىران ئارغامچىسى كۆكرىكىگە تېگىپ كەتكەندىمۇ، ئادەمنى قۇتقۇزۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن دوختۇرخانىغا تەكشۈرتۈشكە باردى؛ كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدىكى لو يۈمىڭ ئۇششاق ئىشلارغا ئارىلىشىشقا ئامراق ئادەم ئىدى، ناھىيەنىڭ خەلق مەيدانىدا، ئۇ ئىككى سائەت سەرپ قىلىپ ئۇششاق – چۈششەك ئىشلار ئۈچۈن ئۇرۇشقان ياشلارنىڭ جىدىلىنى ئايرىدى...

  ‹‹ئۇ تېخى ھايات، ماڭا يوشۇرۇن يۆلەك بولۇۋاتىدۇ››

  قارابۇغرا بازىرىنىڭ قۇمتۆپە كەنتى لو يۈمىڭنىڭ خوتۇنى ياڭ ۋېينىڭ يۇرتى. لو يۈمىڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇ بەش ياشقا كىرمىگەن ئوغلى لو ئەيياڭ بىلەن بۇ جايدا تۇردى.

   ياڭ ۋېي ئالبومنى ئېچىپ، لو يۈمىڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى بىر نەچچە پارچە سۈرىتىنى تېپىپ: ‹‹بۇ سۈرەتتە ئۇ كىيىم تىكىش ماشىنىسى بىلەن پەردە تىكىۋاتىدۇ؛ بۇ سۈرەتتە ئۇ ئاپامغا جۇۋاۋا تۈگۈشۈپ بېرىۋاتىدۇ ...›› دېدى. ئالبومدا ئۇلارنىڭ توي سۈرىتى يوق ئىدى.

  ‹‹ئۇ ھەممىنى قىلالايتتى، مېنىڭ ھەرقانداق تەلىپىمنى ئۇ ئامال قىلىپ قاندۇراتتى، ئۇ خاسىيەتلىك ئادەمدەك ھەممىگە قادىر ئىدى.›› ‹‹ھازىر مەن ئۆزۈمگە بەك ئىشىنىمەن ھەم قەيسەرمەن، ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىنمۇ قورقمايمەن، ۋۇجۇدۇمغا ئۇنىڭ كۈچى سىڭگەندەك، ئۇ تېخى ھاياتتەك، ماڭا يوشۇرۇن يۆلەك بولۇۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن›› دېدى ياڭ ۋېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى