مول ھوسۇل بەختىگە چۆمۈش
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لىن يىڭ
ئالتۇن كۈزدىكى سېنتەبىردە، مول ھوسۇل شادلىقى كىشىلەرنىڭ چېھرىدە جىلۋىلىنەتتى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى مېۋىلەرنىڭ خۇشبۇي ھىدى قاپلىغان بولۇپ، كۈز مەنزىرىسى كىشىگە تولىمۇ ھۇزۇر بېغىشلايتتى. بۇ، بىر يىلدىكى ئەڭ پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان پەسىل، شۇنداقلا زېمىن دېھقانلارنىڭ تىرىشىپ قىلغان ئەمگىكىگە جاۋاب قايتۇرىدىغان پەسىل.
قاراڭ، بىڭتۈەن 2 – شىسىدىكى قىپقىزىل لازىلار ئېتىز ئارىلىقلىرىدىكى قۇرۇتۇش مەيدانىغا يېيىتىلغان بولۇپ، قىپقىزىل دېڭىزدەك كۆرۈنەتتى؛ كېۋەزلەرمۇ بەس-بەستە غوزا ئېچىلىش مەزگىلىگە كىرگەنىدى، كېۋەزلىكلەرگە نەزەر سالسىڭىز، ئالدىراش ئىشلەۋاتقان چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار پاختا تەرگۈچى قوشۇننىڭ ئورنىنى ئالغانىدى؛ ھېزىم سايىم تاغا ياڭاقلىرىدىن مول ھوسۇل ئالدى، ئۇنىڭ چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى؛ تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى پىشتى، ساپاق – ساپاق ئۈزۈملەر باراڭلاردا ساڭگىلىشىپ تۇراتتى، مەخمۇت نەسرۇل ۋە خوتۇنىنىڭ ئېغىزى خۇشاللىقتىن گەپكە كەلمەيتتى؛ چاقىلىقنىڭ چىلانلىرىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، چىلانچى دېھقان چېن شياۋمىڭ توردا بىۋاسىتە تارقىتىش شەكلىدىن پايدىلىنىپ تورداشلارغا چىلانلىرىنى تونۇشتۇردى؛ بىڭتۈەن 10 – شىسىنىڭ ‹‹كىچىك گازىر››ى ‹‹كارخانا + دېھقان + بازا›› ئەندىزىسى ئارقىلىق ‹‹چوڭ كەسىپ››كە ئايلاندى؛ يەنە ئاقسۇنىڭ ئالمىسى، قومۇلنىڭ چوڭ چىلىنى، ئاتۇشنىڭ ئەنجۈرى، قەشقەرنىڭ غەينۇلاسى، گۇمىنىڭ ئانىرى بار...
بۇ گۈزەل پەسىلدە، بىز تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى››نى كۈتۈۋالدۇق. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››غا رىشتە باغلىغانلىقىنىڭ، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››غا غەمخورلۇق قىلغانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭگونى قۇدرەت تاپقۇزىمىز دەيدىكەنمىز، جەزمەن يېزا ئىگىلىكىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىز كېرەك؛ جۇڭگونى گۈزەللەشتۈرىمىز دەيدىكەنمىز، جەزمەن يېزىلارنى گۈزەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك؛ جۇڭگونى بېيىتىمىز دەيدىكەنمىز، جەزمەن دېھقانلارنى بېيىتىشىمىز كېرەك››، دېگەن سۆزىنىڭ ئېنىق جاكاسى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا، بوستانلىقلاردا، ئېتىزلىقلاردا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ مول ھوسۇل ئېلىۋاتقان خۇشاللىق پەيتىدە، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن ئارزۇسىنى بىلدۈرمەكتە.
سۈرەتتە: 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، مەخمۇت نەسرۇل خوتۇنى بىلەن بىللە ئۈزۈملەرنى چۈنچىگە ئاسماقتا. ئابدۇرېھىم ئابدۇراخمان فوتوسى
بۇ يىل تۇرپاندا ئۈزۈمدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرى بۇلاق كەنتىنىڭ ئاھالىسى مەخمۇت نەسرۇل ئائىلىسىدىكىلەر ئالتە مو ئۈزۈملۈكتىن 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشنى مۆلچەرلىدى.
بۇ يىل كۈزدە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 130 مىڭ مو يەردىكى ئانارلار ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، مۆلچەرلىنىشىچە مەھسۇلات مىقدارى 65 مىڭ توننىغا، مەھسۇلات قىممىتى 520 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.
جېمىنەي ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ ئۇلاستى بازىرى بايگۇشىك كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى كەنت ئاھالىسى ۋاڭ جيەنفېڭ (ئوڭدىن 1-كىشى) ئائىلىسىدىكىلەرگە ياردەملىشىپ بۇغداي يېيىتماقتا.
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى
سۈرەتتە: 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر گازىر يىغماقتا. چېن ياڭ فوتوسى
ھازىر بىڭتۈەن 10-شىسىنىڭ گازىر يىغىدىغان پەسلى، 183-تۈەندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر گازىرنى ئامبارغا سۈپەتلىك كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھاۋانىڭ ئوچۇق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ گازىرلارنى يىغىش، قۇرۇتۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى.
ئالتۇن كۈزدىكى سېنتەبىردە، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى 580 مىڭ مو ياڭاقلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى.
بۇ يىل بىڭتۈەن 2-شىسىدىكى 170 مىڭ مو لازىلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى.
بۇ يىل چاقىلىق ناھىيەسىدىكى 230 مىڭ 200 مو يەردىكى چىلاندىن مول ھوسۇل ئېلىندى.
9-ئاينىڭ 19-كۈنى، بىڭتۈەن 6-شىسىدىكى 1 مىليون 700 مىڭ مو كېۋەزلىكتە پاختا تېرىش باشلاندى.