شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ شۇجۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق 9-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك پارتكوم 5-قېتىملىق كۆزىتىش خىزمىتىنى سەپەرۋەر قىلىش-ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئالاقىدار يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، 5-قېتىملىق كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرىنى ھوقۇق بېرىپ ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ئۇلارغا ۋەزىپە تەقسىملەش قارارى ئېلان قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەرقايسى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى ۋە كەڭ كۆزىتىش كادىرلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ‹‹تۇتقىسى››نى چىڭ تۇتۇپ ۋە ‹‹روھى››نى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشقا زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشقا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي كۆزىتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹ئىككىنى قوغداش›› مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ‹‹ئالتىنى چۆرىدەش، بىرنى كۈچەيتىش›› تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئىككىنى قوغداش››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››نى تۈزەش، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئىجرا قىلىش، رەھبىرىي كادىرلار پاك-تەلەپچان بولۇش ۋە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەش، شۇنداقلا كۆزىتىش، تۈزەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش، بولۇپمۇ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.
بۇ نۆۋەتلىك كۆزىتىشتە، ئىككى ئاي ئەتراپىدىكى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، خوتەن ۋىلايىتى، خوتەن ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى، نىيە ناھىيەسى، خوتەن شەھىرى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى، يوپۇغا ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى، مارالبېشى ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى، پوسكام ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرى، ئاقچى ناھىيەسى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى، چىڭگىل ناھىيەسى، جېمىنەي ناھىيەسى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، ئارا تۈرۈك ناھىيەسىدىن ئىبارەت 20 ۋىلايەت، ناھىيەلىك پارتكومنى دائىملىق كۆزىتىش قانات يايدۇرۇلىدۇ. كۆزىتىش گۇرۇپپىسى بىلەن ئالاقىلىشىش شەكلى يېقىندا ئاشكارىلىنىدۇ.