تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«قومۇل چوڭ چىلىنىنىڭ يەنە بىر مول ھوسۇللۇق يىلى»

 شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرى خاۋ جىڭ

  9-ئاينىڭ 22-كۈنى، قومۇل شەھەرلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك رايونى فۇمىن دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى دېھقان چى جوۋجوۋنىڭ چىلانلىقىدا، شاخلاردىكى قىپقىزىل، يوغان، سانجاق-سانجاق قومۇل چوڭ چىلىنىنىڭ خۇش ھىدى چىلانلىقنى بىر ئالغانىدى، چى جوۋجوۋ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل قومۇل چوڭ چىلىنىنىڭ يەنە بىر مول ھوسۇللۇق يىلى بولدى!

  چى جوۋجوۋ چىلان ئۆستۈرۈشنىڭ كەسىپ ئەھلى بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 30 مودىن ئارتۇق يەردە قومۇل چوڭ چىلىنى ئۆستۈردى، كۆپ يىل ئىزدىنىپ، چىلان كۆچىتىنى قويۇق تىكىپ پەرۋىش قىلىدىغان بىر يۈرۈش ئۇسۇلنى خۇلاسىلەپ چىقىپ، ئۆلچەملەشكەن، ئىنچىكە پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسى ئارقىلىق پاكار ئۆسىدىغان، قويۇق تىكىلگەن سەرخىل چىلانلىق بەرپا قىلدى.

  چى جوۋجوۋ مۇنداق دېدى: مەن خۇلاسىلەپ چىققان بۇ بىر يۈرۈش چىلان ئۆستۈرۈش ئەندىزىسى قومۇلنىڭ تۇپراق ۋە كىلىمات شارائىتىغا ماس كەلگەچكە، چىلاننىڭ ھوسۇلى ئېشىپلا قالماي، سۈپىتىمۇ ئۆستى.

  2016-يىلى قومۇل شەھىرى ‹‹مىزو›› يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى، قومۇل چوڭ چىلىنى بۇنىڭ قاتارىدا بولۇپ، چى جوۋجوۋ چوڭ چىلان يېتىشتۈرۈش ئۇستىسى بولۇپ باھالاندى.

  چوڭ چىلان ئەمدىلا پىشىش مەزگىلىگە كىردى. ئىلگىرى، ھۆل چىلان تەبىئىي شامالدا قۇرۇپ قۇرۇق چىلانغا ئايلىناتتى، كۆپ ھاللاردا 11-ئايغىچە ساقلانغاندىن كېيىن، زور تۈركۈملەپ سېتىلاتتى، چى جوۋجوۋ چوڭ چىلاننىڭ سېتىلىشىدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلاتتى. لېكىن بۇ يىل چوڭ چىلان پىشىشى بىلەنلا، شىركەتلەر ئۆزى كېلىپ ھۆل چىلاننى سېتىۋالدى، بۇنداق يېڭى ئۆزگىرىش چى جوۋجوۋ ۋە چىلان ئۆستۈرگەن باشقا دېھقانلارنى ناھايىتى خۇش قىلىۋەتتى.

  شىنجاڭ چاڭگېدېگو يېمەكلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل زاۋۇت باشلىقى ما ۋېيجۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل، بىز سېتىۋالىدىغان قومۇل چوڭ چىلىنىنىڭ دانىسى چوڭ، يوغان، قىپقىزىل بولۇشىنى تەلەپ قىلدۇق. ھەر كىلوگىرام ھۆل چىلاننىڭ سېتىۋېلىش باھاسى 3.5 يۈەندىن 5 يۈەنگىچە بولدى، ھۆل چىلاننى سېتىۋېلىش چىلان ئۆستۈرگەن دېھقانلارغا سېتىش يولىنى بالدۇرلا ئېچىپ بەردى.

  چى جوۋجوۋ مۇنداق دېدى: بىر نەچچە كىلوگىرام ھۆل چىلان شامالدا قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن، بىر كىلوگىرام قۇرۇق چىلانغا ئايلىنىدۇ، ھۆل چىلاننى ساتسا پايدىسى كۆپ بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، يەنە بىر سېتىش يولى كۆپىيىدۇ. ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا، ئەتىدىكى چىلان ئۈزۈش ئىشىنى پىلانلاشقا باشلىدى.

  ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ چاڭگېدېگو يېمەكلىك پاي چەكلىك شىركىتىنى خېنەن خاۋشياڭنى چىلانچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بولۇپ، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق تۈرى، شىركەت 5-ئاينىڭ بېشىدا سىناق تەرىقىدە ئىشلەپچىقىرىشنى باشلاپ، توڭلىتىلغان قۇرۇق مېۋە، كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش تۈرىگە 175 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان. ھازىر قومۇلنىڭ تۈرلۈك يەرلىك مېۋىلىرىدىن 600 توننىدىن ئارتۇق سېتىۋالغان.

  ما ۋېيجۈن مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز چوڭ چىلاننى ئىنچىكە پىششىقلاشتىن ئىگىلىك تىكلىگەن، قومۇل چوڭ چىلىنى قومۇلنىڭ خاس كەسپى، ھازىر چىلان ئۆستۈرگەن دېھقانلارنىڭ ھۆل چىلىنىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەم ئەۋەتتۇق، قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك سېتىۋېلىشنى تەشەببۇس قىلدۇق. سېتىۋېلىشنى باشلاپ ئۈچ كۈندىلا، شىركىتىمىز يەتتە توننا ئەتراپىدا ھۆل چىلان سېتىۋالدى.

  بۇ يىل، قومۇل شەھىرى جەمئىي 200 مىڭ موغا يېقىن يەردە قومۇل چوڭ چىلىنى ئۆستۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قومۇل شەھىرى باغ-ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكىسىنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قومۇل چوڭ چىلىنىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ھازىرغىچە 294 مەيدان(قېتىم)دا تۈرلۈك خادىملاردىن 10 مىڭ 800 ئادەم (قېتىم) تەربىيەلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، چىلان دەرىخىنىڭ ئېتىز پەرۋىشى ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاددىيلاشتۇرۇش ۋە قويۇقنى شالاڭلاشتۇرۇش تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، باغ-ئورمانچىلىقتىكى كېسەل ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-يوقىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئادەم كۈچى تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى؛ شۇنداقلا پۈتۈن شەھەر بويىچە جەمئىي 2800 مو كېلىدىغان چىلان پەن-تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدىن ئوننى تەسىس قىلىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش رولىنى ئوينىدى؛ يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، گۇاڭجوۋ، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمە قىلىشقا ئاكتىپ تەييارلىق قىلىپ، بازارنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى