تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

داشى كەنتىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى

  شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن لى لىڭ

  9-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 ئەتراپىدا، لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىنىڭ ئۆرپ-ئادەت كوچىسىدا نان سېتىۋاتقان تۇرسۇن رېھىم ئەر-خوتۇن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى. ئوت يېقىپ، خېمىر يۇغۇرۇپ، نان راسلاپ، نان ياقاتتى... ئۇلار كۈندە 400 نان ياقسىمۇ، ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتاتتى. ساياھەتچىلەر نان سېتىۋالغاندا، بىردەم مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ قالسا، تۇرسۇن رېھىم ئۇلارغا چاي قۇيۇپ، مېۋە-چېۋە تۇتۇپ، ئائىلىسى ۋە داشى كەنتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى.

  تۇرسۇن رېھىم مۇنداق دېدى: كەنتنىڭ ياردىمىدە، بۇلتۇر 11-ئايدا ناۋايلىقنى ئۆگەندىم، كىرىمنىڭ بۇنداق ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، بۇ يىل داشى كەنتى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، يۇرتداشلارنى بېيىشقا ئىلھاملاندۇردى، بىز دەل مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلاندۇق.

  داشى كەنتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك ئىپتىخارلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، بىز قىزىل داشى ماركىسى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كەنتتىكىلەرنى دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، «تاماق-ياتاق-قاتناش، ساياھەت-مال سېتىۋېلىش-كۆڭۈل ئېچىش» بىر گەۋدە قىلىنغان «چوڭ داشى» يېزا-كەنت يېزا ئىگىلىك ساياھىتى كەسىپلىرى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردۇق. لوپنۇر ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە داشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1-شۇجى لى يەنفېڭ مۇنداق دېدى: قىزىل داشى مەنزىرە رايونى داشى كۆرگەزمىخانىسىنى مەركەز قىلغان، ئۆرپ-ئادەت كوچىسى ۋە ئەتراپتىكى دېھقانلار ئارامگاھلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر يىلى داشى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان ساياھەتچى 100 مىڭ ئادەم(قېتىم)دىن ئېشىپ كەتتى.

  داشى كەنتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، لوپنۇر ناھىيەسى بۇ يىل گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، 7 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، داشى كەنتىنىڭ ئەسلىدىكى كەنت يولىنى قاتتىقلاشتۇرۇش، ئارام ئېلىپ سەيلە قىلىش يولى ياساش، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى كۆپەيتىش، يېڭىدىن يېشىللىق، گۈللۈك كۆپەيتىش قاتارلىق ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 490 مېتىر، كەڭلىكى 30 مېتىر كېلىدىغان داشى كەنتى ئۆرپ-ئادەت كوچىسىنى قۇرۇپ چىقتى. داشى كۆرگەزمىخانىسىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى شاتگۈل راخمان مۇنداق دېدى: ئۆرپ-ئادەت كوچىسى پۈتكەندىن كېيىن، داشى كەنتىگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، بەزىدە بىر كۈندە ئون نەچچە ساياھەت ئۆمىكى كېلىدۇ.

  ناھىيە بازىرىغا يېقىن بولۇش ئەۋزەللىكى ۋە داشى كۆرگەزمىخانىسىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كەنت ئاھالىلىرى ھويلىسى، تال بارىڭى، باغلىرىنى دېھقانلار ئارامگاھى، ئۆرپ-ئادەت باغچىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ھەرقايسى جايلاردىن ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئارام ئېلىش، مېۋە-كۆكتات ئۈزۈش، ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك، تاللا كاۋاپ ۋە ئائىلىۋى ياتاق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، يېزا ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىن پايدا ئالدى.

  مۇخبىر داشى كەنتىگە كەلگىنىدە، رەتلىك پىلانلانغان داشى ئۆرپ-ئادەت كوچىسى ئادەم بىلەن لىق تولغان بولۇپ، قويۇق مىللىي ئۆرپ-ئادەت كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى؛ ھەممە ئائىلىنىڭ ھويلىسىدا رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، مەرۋايىتتەك ئۈزۈملەر تال باراڭلىرىدا سانجاق-سانجاق ساڭگىلاپ تۇراتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىرايىدا بەخت جىلۋىلىنەتتى... ھەممىلا يەردە بەختلىك، ئاسايىشلىق، خاتىرجەم ياشايدىغان گۈزەل مەنزىرە نامايان بولۇپ تۇراتتى.

  2017-يىلى، داشى كەنتىنىڭ تۈرلۈك كوللېكتىپ كىرىمى 2 مىليون 300 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 30 مىڭ يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، داشىلىقلار «ھەميېنى توم، روھى كۆتۈرەڭگۈ» تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى