جەمئىي 20 مىليارد 182 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملىدى
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىدىن 64 نۇقتىلىق تۈردە قۇرۇلۇش باشلاپ، جەمئىي 20 مىليارد 182 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملىغان.
يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلانغان نۇقتىلىق تۈرلەر ئاساسلىقى سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە، سانائەت ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ساھەسىگە مەركەزلەشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلانغان تۈر 51، تەييارلىق تۈرلىرى ئىچىدە مۇددەتتىن بۇرۇن قۇرۇلۇش باشلانغان تۈر 13.
بۇ 64 نۇقتىلىق تۈر ئايدىڭكۆلنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش-تۈزەش قۇرۇلۇشى، ئاتۇش شەھىرى توپا سۇ ئامبىرى تۈرى قاتارلىق ئالتە سۇچىلىق تۈرى، ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى، غۇلجا ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى قاتارلىق 11 قاتناش تۈرى، خۇاديەن قومۇل 350×2 مىڭ كىلوۋاتلىق ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى، شىنجاڭ يەكەن دەرياسى زاڭگۇي سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى تۈرى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2018-يىللىق 220 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور قۇرۇلۇشى قاتارلىق 11 ئېنېرگىيە تۈرى، قەشقەر ئىقتىساد-تەرەققىيات رايونى شېنجېن كەسىپلەر رايونى ئۆلچەملىك زاۋۇت ئۆيى(3-قارارلىق) قۇرۇلۇش تۈرى، خارخات ماگنېزىتنى ئۇنىۋېرسال ئېچىپ پايدىلىنىش تۈرى قاتارلىق 15 سانائەت تۈرى، خوتەن شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تۈرى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹شەھەرگە سۇ باشلاش›› تۈرى باشلامچى قۇرۇلۇشى، تېكەس مەدەنىيەت-مائارىپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرى قاتارلىق 21 خەلق تۇرمۇشى تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار نازارەت، ئىدارىلەر بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتىكى قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، كۆپ قېتىم نۇقتىلىق تۈرلەرنى مەخسۇس ماسلاشتۇرۇش-ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەردە قۇرۇلۇش باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولدى.