تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى مىليونلىغان دېھقاننىڭ جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۇنجى جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە

شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى مىليونلىغان دېھقاننىڭ جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى تەبرىكلىدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى. 9-ئاينىڭ 23-كۈنى كۈزلۈك كۈن-تۈن تەڭلەشكەن كۈن بولۇپ، دۆلىتىمىز تۇنجى جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى كۈتۈۋالىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى مىليونلىغان دېھقانغا بايراملىق سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلىكىنى بىلدۈردى.
    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى تەسىس قىلىشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلغان، ئۇ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇللۇق ئورنىنى يەنىمۇ نامايان قىلغان تەسىرى چوڭقۇر زور ئىش. كۈزلۈك كۈن-تۈن تەڭلەشكەن پەيتتە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدە دانلىق زىرائەتلەردىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىپ، كەڭ دېھقانلار مول ھوسۇللۇق يىلنى ئورتاق تەبرىكلەپ، خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىلىنىدۇ، بۇ جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ دەل پەيتى.
    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتى، يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ ئاساسنى پۇختىلاش خەلقنى خاتىرجەم قىلىشنىڭ ئاساسى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ئىش. كەڭ دېھقانلار دۆلىتىمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات قاتارلىق ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلىرىدە مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. بۇ يىل يېزا ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، 40 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلتۈرۈلدى. كەڭ دېھقانلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، پۈتۈن جەمئىيەت يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، يېزىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، دېھقانلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، مىليونلىغان دېھقاننىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتى-تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يارقىن سەھىپىسىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.