تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈش، دېھقانلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 8-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى:

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈش، دېھقانلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا 8-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيە، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئومۇمىيىتى، تارىخىي ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ باش تۇتقىسى. بىز بۇ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەگە بولغان چۈشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى باشتىن-ئاخىر پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تەپەككۇر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈش، دېھقانلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

    ئۆگىنىش باشلانغاندا، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە ئالاقىدار مەخسۇس فىلىم قويۇلدى. ئارقىدىن يولداش خەن چاڭفۇ، ليۇ يۇڭفۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى، ئۇلار ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تەسىراتى ۋە پىكرى ئۈستىدە توختالدى.

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

    شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار زامانىۋىلاشمىسا، پۈتۈن دۆلەت زامانىۋىلاشمايدۇ. زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدە، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى، شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق ياخشى بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىك دەرىجىدە زامانىۋىلىشىشتا غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇشنى بەلگىلەيدۇ. دۆلىتىمىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى، شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، شارائىتىغا ئىگە بولۇشى، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزدىكى كەڭ دېھقانلار سانائەتلىشىش، شەھەر-بازارلىشىشنى ئالغا سىلجىتىشقا غايەت زور تۆھپە قوشتى. يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە يېزا قۇرۇلۇشىدىمۇ كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. دۆلىتىمىزدە 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە بولۇپ، سانائەتلىشىش، شەھەر-بازارلىشىش سۈرئىتىنىڭ قايسى دەرىجىگە يېتىشىدىن قەتئىينەزەر، شەھەرلەر بىلەن يېزىلار ئۇزاق مۇددەت بىللە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن 40 يىل ئىلگىرى بىز يېزا ئىسلاھاتى ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىغانىدۇق. 40 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، بىز يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ باش نىشانى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش باش فاڭجېن، كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان بولۇش، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلەپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى تۈزۈلمە-مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈش تۈزۈم كاپالىتى. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ لايىھەلەش، تەڭ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتىدىن يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتىگە ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەبلەغ سېلىش، ئامىللارنى تەقسىملەش، جامائەت مۇلازىمىتى، كادىرلارنى سەپلەش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تېزدىن تولۇقلاپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ پەرقىنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق كەسىپكە ئايلاندۇرۇش، دېھقان بولۇشنى جەلپكار كەسىپكە ئايلاندۇرۇش، يېزىلارنى خاتىرجەم ياشايدىغان ماكانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىنىڭ بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يېزىلارنى گۈزەل يۇرت-ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنى ھەم ھاياتىي كۈچكە تولدۇرۇپ، ھەم ئىناق، تەرتىپلىك قىلىپ، كەڭ دېھقانلار ئاممىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.
    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، ئالدى بىلەن قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىش كېرەك. بىزدەك 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە بار چوڭ دۆلەتتە، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىلگىرىكىلەر قىلىپ باقمىغان، كېيىنكىلەر قىلىپ بولالمايدىغان ئۇلۇغ ئىجادىيەت بولۇپ، تەييار، پايدىلىنىشقا بولىدىغان، كۆچۈرۈشكە بولىدىغان تەجرىبە يوق. دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىدىن ئىبارەت ئىككى خىل يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىياتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئۇنى قوش قاتلاملىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىنىڭ يېڭى مەزمۇنىغا ئىگە قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، مەزمۇنى مول ۋە چوڭقۇر بولۇپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى ھېسابلىنىدۇ. ئۆزى ئىدارە قىلىش ۋە قانۇن ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش بىلەن بىللە، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قائىدە-يوسۇنلۇق دۆلەت، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە-مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، كۆپ مەنبەلىك سېلىنما كاپالىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تۇتاشتۇرۇش، راۋانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىختىساسلىقلار، يەر، كاپىتال قاتارلىق ئامىللارنىڭ شەھەرلەر بىلەن يېزىلار ئارىسىدا قوش يۆنىلىشلىك يۈرۈشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنىڭ تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ يېزىلارغا كېڭىيىشى، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يېزىلارنى قاپلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى ئالدىنقى ۋەزىپە. نامرات كەنتلەر ۋە شۇ كەنتلەر تۇرۇشلۇق ناھىيە، يېزىلارنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بولۇپ، نىشاننى ئۆزگەرتمەسلىك، مەركىزىي ھالقىدىن چەتنىمەسلىك، قانالنى يۆتكىمەسلىك كېرەك.
    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە پارتىيە تەشكىلاتلىرى چوقۇم رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكى، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەپ، يېزا يېرىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىك خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە كوللېكتىپ ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئورتاق بېيىش يولىغا مېڭىش كېرەك. يېزا-كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق، ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ياخشى قۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنى كۈچلۈك قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى، يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرى خىزمىتى تۈزۈلمە-مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا-كەنتلەردە ھازىر بار بولغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، شەھەرلەردىكى تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى يېزا-كەنتلەردە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش كېرەك.
    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش داۋامىدا، تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بىرىنچى، ئۇزاق مەزگىللىك نىشان بىلەن قىسقا مەزگىللىك نىشاننىڭ مۇناسىۋىتىدە، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئىلمىي پىلانلاش، سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىش، سالماق قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر ئىشنى بىر ئىشقا ئۇلاپ بېجىرىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، چوڭ ئىشقا ئېسىلىۋېلىش، تېز بولۇشنى تەلەپ قىلىشتىن، شامالغا ئەگىشىپ ھەرىكەت قوزغاشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەش، ئەگرى يولدا مېڭىش، ئىشنى بۇزۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئىككىنچى، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن ئاساسىي قاتلامدا ئىزدىنىشنىڭ مۇناسىۋىتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، جايلار ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ پەرقىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، كەنتلەرنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مىليونلىغان دېھقاننىڭ سۇبيېكتلىق رولى ۋە ئىجادكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىي ئىجادىيىتىنى خۇلاسىلەشكە ماھىر بولۇشى كېرەك. ئۈچىنچى، بازارنىڭ ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىدە، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلاپ يېتەكلەش، سىياسەتتە قوللاش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇنچىللىق كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش بىلەن تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۇيغۇنلىشىشنىڭ مۇناسىۋىتىدە، دېھقان ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكنى تېزدىن تولۇقلاپ، مىليونلىغان دېھقاننى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، ھالىغا بېقىپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتتىن چەتنىگەن نىشاننى ئوتتۇرىغا قويماسلىق، تېخىمۇ مۇھىمى شەكىلۋازلىق ۋە «ئوبراز قۇرۇلۇشى»نى قەتئىي قىلماسلىق كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.