تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

توختىخان موماي بايرامنى كۈتۈۋېلىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى داۋجۇڭ

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، 9–ئاينىڭ 21–كۈنى كېرىيە ناھىيەسى شەنبەبازار بازىرىنىڭ ئۇرۇقچىلىق مەيدان كەنتىدىكى توختىخان قۇربان ئائىلىسى قويۇق بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى.

  89 ياشلىق توختىخان موماي ئۆيىنى پاكىز تازىلىدى ھەم ئوغلى بىلەن كېلىنىنى بازاردىن يۆبىڭ، مېۋە–چېۋە سېتىۋېلىپ كېلىشكە بۇيرۇدى.

  توختىخان موماي مېھمانخانىسىدىكى شىرەگە تىزىلغان يۆبىڭنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: بۇ يۆبىڭنى ئۈچ كۈن بۇرۇن بېيجىڭلىق بىر دوست ئەكىلىپ بەرگەن. بېيجىڭلىق بۇ مېھمان ئۆيگە كەلگەندە، كىچىكىدىنلا شىنجاڭ خوتەندىكى قۇربان تۇلۇمنى بىلىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىم شىنجاڭغا ئىش بېجىرىشكە كەلگەن بولۇپ، قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى يۈزتۇرا ئۆگەنمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

  شۇ كۈنى شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى(گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن شەنبەبازار بازىرى ئۇرۇقچىلىق مەيدان كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1–شۇجى خەن يۈباۋ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، تيەنجىندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ ۋەكىللىرى، شەنبەبازار بازىرىدىكى كادىرلار، كەنت ئاھالىلىرى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ توختىخان موماينىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بايرامنى تەبرىكلىدى.

  توختىخان موماينىڭ ئۆيىنىڭ مېھمانخانا تېمىغا رەئىس ماۋزېدۇڭ بىلەن قۇربان تۇلۇمنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈۋاتقان چوڭ سۈرىتى ئېسىلغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2017–يىلىنىڭ بېشىدا توختىخان مومايغا يازغان جاۋاب خېتى چىرايلىق رامكىلاپ تامغا ئېسىپ قويۇلغانىدى. توختىخان موماي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خىزمىتى شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ، ماڭا جاۋاب خەت يېزىشنى ئۇنتۇماپتۇ، بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەندىم. جاۋاب خەتنى نەچچە كۈندە بىر قېتىم نەۋرەمگە ئوقۇتۇپ تۇرىمەن.

  توختىخان موماي تۇغقانلار، مېھمانلار بىلەن بىللە بولغىنىدىن تولىمۇ ھاياجانلاندى. توختىخان موماي بايراملىق نازۇنېمەتلەرگە ئېغىز تەگكەچ، سورۇندىكى ياش ئەۋلادلارغا دادىسى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى. دادىسىنىڭ تەسىرىدە، توختىخان موماي ئىزچىل پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرىگە پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ياخشى ئۆگىنىپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ كەلدى.

  شەنبەبازار بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لو ئەيكې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: توختىخان موماي بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئۇرۇقچىلىق مەيدان كەنتىدە ئىناۋىتى بەك يۇقىرى. توختىخان موماي بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تەسىرىدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ. موماينىڭ چوڭ ئوغلى مەتتۇرسۇن ئەيسا كەنتتە كەپشەرلەش دۇكىنى ئاچتى، ئېيىغا 2000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىدۇ. موماينىڭ قوشنىسى مەڭلەشخان مەتسىدىق كەنتتە گىلەم توقۇش كارخانىسى قۇرۇپ، 20 نەچچە نامرات ئاھالىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

  توختىخان موماي بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا ئىزچىل قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ‹‹ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئائىلە ئاممىۋى پاراۋانلىقى فوندى›› تەسىس قىلدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئۇلار يەسلىدىكى ئائىلىسى نامرات بالىلارغا 5000 يۈەن قىممىتىدە پاختىلىق چاپان، قىشلىق ئاياغ ئاپىرىپ بەردى.

  توختىخان موماينىڭ ئائىلىسى تۇرۇشلۇق ئۇرۇقچىلىق مەيدان كەنتىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 16 كىلومېتىر بولۇپ، ھازىر كەنتتىكى ھەممە ئائىلە سۇ، توك، پار، سۇلۇق ھاجەتخانىسى بار ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇۋاتىدۇ، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. 2017–يىلى بۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 8050 يۈەنگە، كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى 118 مىڭ يۈەنگە يەتتى. پۈتۈن كەنتتە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە 322 بولۇپ، ھازىر ئاساسلىقى خاس باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ.

  جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، كەنت ئاھالىلىرى بايرامغا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. توختىخان موماي مۇنداق دېدى: جۇڭچيۇ بايرىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى، بۇ بايرام دېھقانلارنىڭ ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىلىگە توغرا كەلدى. دېھقانلارنىڭ كۈنى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، كەنتىمىزدە جۇڭچيۇ بايرىمىمۇ بارغانسېرى قاينام–تاشقىنلىققا چۆمۈۋاتىدۇ !

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى