تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز يازغۇچىلىرىدىن فېڭ شوۋ، لى جۈەن لۇ شۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فاڭنىڭ 9–ئاينىڭ 21–كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە: 9–ئاينىڭ 20–كۈنى كەچتە، 7–نۆۋەتلىك لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن، ئاپتونوم رايونىمىز يازغۇچىلىرىدىن فېڭ شوۋ، لى جۈەن ئايرىم–ئايرىم ھالدا ئەدەبىي ئاخبارات مۇكاپاتى ۋە نەسر–فېليەتون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ يازغۇچىسى فېڭ شوۋنىڭ چوڭ ھەجىملىك ھۆججەتلىك ئەسىرى ‹‹غەربىي سەددىچىن سېپىلى›› بۇ نۆۋەتلىك لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ئەدەبىي ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ ئەسەردە بىڭتۈەننىڭ 60 يىللىق سەلتەنەتلىك تارىخى تولۇق كۆرۈنۈشلۈك قايتا نامايان قىلىنىپ، ئىنچىكە، تەسىرلىك يېزىش ئۇسلۇبى ئارقىلىق نەچچە ئەۋلاد بىڭتۈەنلىكلەرنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى گۈللەندۈرگەن، چېگرا رايونغا تۆھپە قوشقان كاتتا ئىش–ئىزلىرى تەسۋىرلەنگەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ياش يازغۇچىسى لى جۈەننىڭ چوڭ ھەجىملىك ئەينەن ۋەقە يېزىلغان نەسرىي ئەسىرى ‹‹يىراقتىكى ئاپتاپپەرەسلىك›› نەسر–فېليەتون مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ ئەسەردە پاساھەتلىك، ئېنىق ۋە جانلىق تىل ئارقىلىق چېگرا رايون تۇرمۇشىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە شېئىرىي تۈسى نامايان قىلىنغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالتە يازغۇچى لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇلارنىڭ لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلىرى شېئىر، نەسر، ئوبزور، ئەدەبىي ئاخباراتتىن ئىبارەت تۆت ئەدەبىيات ساھەسىگە چېتىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى