تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن

بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرى دوربارتوخا كەنتىدىن جاڭنىلقان قۇۋانىش

  ئاتا–ئانام ئادەتتىكى كەنت ئاھالىسى، ئۇلار چارۋا بېقىپ باققان، يەر تېرىپ باققان، ئاشخانا ئېچىپ باققان، ئىشچىمۇ بولۇپ باققان... ئاتا–ئانام مېنى ۋە ئاچامنى مەكتەپتە ئوقۇتتى، ئۇلار بىزنىڭ ئۆگىنىشتە ئۇتۇق قازىنىپ، چوڭ بولغاندا دۆلەتكە، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىمىزنى ئۈمىد قىلغان.

  2012–يىلى، مەن ھاياتىمدىكى تۇنجى چوققىغا ئۆرلىدىم، يەنى، قاراماي شەھەرلىك 10–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدىم، شۇنىڭدىن باشلاپ كىچىكلا ئۆيدىن ئايرىلدىم. ئۈچ يىلدا نۇرغۇن ھاسىلاتقا ئىگە بولدۇم، مەكتەپنىڭ بىزنى باشلاپ مايبۇلاق، جيۇلۇڭتەننىڭ مەنزىرىسىنى كۆرسەتكەنلىكى؛ شۆبە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مېنىڭ ئەستايىدىل، تەمكىن خاراكتېر يېتىلدۈرۈشۈم ئۈچۈن، ماڭا ئۇدا ئۈچ يىل گېزىت تارقىتىش خىزمىتىنى تاپشۇرغانلىقى؛ ئوقۇش پۈتكۈزگەندە شيې يەن مۇئەللىمنىڭ خوشلىشىش سوۋغىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىپ بەرگەنلىكى... تا ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە.

  2015–يىلى، مەن ھاياتىمدىكى ئىككىنچى چوققىغا ئۆرلەپ، شاڭخەيگە بېرىپ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇدۇم. ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇغان، تۇرمۇش كەچۈرگەن مەزگىلدە، نۇرغۇن ئىشلار مەندە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇردى: مەسىلەن، ھەر بىر قاراردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ بېرەلەيدىغان ليۇ مەكتەپ مۇدىرى ۋە جى دادام؛ ھەممە ئىشلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ياۋ مۇئەللىم... بۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپ تەمىنلىگەن شەخسنىڭ تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈش ساھەلىرىگە پائال قاتناشتىم ۋە بىر قەدەر ياخشى نەتىجىگىمۇ ئېرىشتىم.

  بۇ يىل مەن رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى يەتتە يىللىق مەكتەپ ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇردۇم. بۇ جەرياندا، مەن پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدىم. سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ھەمدە ئىناق، مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت مېنى تېخىمۇ كەڭ زېمىنغا يۈزلىنىپ، ياخشى تەربىيەلىنىش شارائىتىغا ئىگە قىلدى، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىم باشتىن–ئاخىر قەلبىمدە مەۋج ئۇرۇپ تۇرىدۇ. بىر نەچچە يىللىق مەكتەپ ھاياتىمدا، مەن بىلىم ئىگىلەپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەمىمىي مۇھەببىتىگە ئېرىشىپ، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدىم، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە بولغان تونۇشۇم يەنىمۇ ئۆستى. مەن ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئۈلگە بولۇپ، ئەتراپىمدىكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، يۇرتۇمنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە بىر كىشىلىك كۈچ قوشىمەن.

  مەن كۆزۈمنى روشەنلەشتۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى قەتئىي توسۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، كاللامنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، ئىدىيەۋى ھوشيارلىقىمنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم ياشلاردىن بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، دۈشمەن ئۇنسۇرلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر–ئۇرغا قالغاندەك ھالەتكە چۈشۈرۈپ، ئۇلارغا يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالدۇرمايمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەن مەسئۇلىيەتنى، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، ئۆزۈمنى ئىلغار ئىلىم–پەن بىلىملىرى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ، ئىقتىدارىمنى ئاشۇرۇپ، يۇرتۇمنى قۇرىمەن، يۇرتۇمغا مۇلازىمەت قىلىمەن، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى