تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سەنداۋگۇ كەنتى: خاتىرجەم ياشايدىغان گۈزەل يۇرت–ماكان

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

  يېزا–كەنتلەر يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل كارتىنىسى؛ يېزا–كەنتلەر يەنە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئەڭ پۇختا ئاساسى. يېزا – كەنتلەر شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ساھەسى. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق چوڭ رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېزا – كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك.

  يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا بىر قاتار خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يېزا–كەنتلەردىكى كىشىلەرگە، يېزا–كەنتلەردىكى ئىشلارغا، يېزا – كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تەرەققىيات ۋە دەۋر تامغىسى ئېنىق بېسىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ گۈزەل تۈسكە ئايلاندى. تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى›› يېتىپ كېلىش پەيتىدە، گېزىتىمىز ‹‹ئۆزگىچە يېزا – كەنتلەرگە سەپەر›› ئىستونى ئېچىپ، ئوقۇرمەنلەرنى دۆلەت يېزا ئىگىلىكى–يېزا مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن گۈزەل، ئۆزگىچە يېزا – كەنتلەرگە باشلاپ بېرىپ، يېزا – كەنتلەر تەرەققىياتىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتى، گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئۇرغۇپ تۇرۇۋاتقان ھاياتىي كۈچنى تارقىتىپ، يېزا – كەنت تۇرمۇشىدىكى بەخت ۋە گۈزەللىكنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىدۇ.

  سەنداۋگۇ كەنتى ياخشى جاي.

  قانچىلىك ياخشى؟ سەنداۋگۇ كەنتى ئاھالىلىرى بىردەك: شەھەرلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىدىنمۇ ياخشى، دەپ جاۋاب بەردى.

  9 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، ساۋەن ناھىيەسىنىڭ داچۈەن يېزىسى سەنداۋگۇ كەنتىگە بارغىنىمدا، قاتتىقلاشتۇرۇلغان كەڭ، پاكىز يوللار، دېھقانلارنىڭ رەتلىك، پاكىز، ئازادە ھويلىلىرى، ئىلغار ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، قولايلىق ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى كۆز ئالدىمدا نامايان بولۇۋېدى، ئۆزۈمنى ئارامگاھقا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.

  سەنداۋگۇ كەنتى تىپىك شەھەر ئەتراپى كەنتى بولۇپ، كەنتنىڭ ساۋەن ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئۈچ كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدىكەن. ھالبۇكى، ئىلگىرى قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھەنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، سەنداۋگۇ كەنتى تەرەققىيات جەھەتتە ساۋەن ناھىيە بازىرىدىن خېلىلا ئارقىدا قالغان ئىكەن.

  سەنداۋگۇ كەنتى ئاھالىسى شاۋ چېڭگۈي ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ناھىيە بازىرىغا بارىدىغان يول شېغىل يول ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆستەڭ ئايرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئايلىنىپ مېڭىشقا توغرا كېلەتتى. ۋېلىسىپىتتە بىر سائەتتە، پىيادە ئىككى سائەتتە بارغىلى بولاتتى. ئىلگىرى ناھىيە بازىرىغا بېرىش ئاسانغا توختىمايتتى.

  ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى سىجىل داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە بۇ يول ئاسفالت يولغا ئايلىنىپتۇ. ھازىر ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساۋەن ناھىيە بازىرىدىن كەنتكە ئون مىنۇتتىلا بارغىلى بولىدىكەن، بۇ، دېھقانلارنىڭ شەھەرگە كىرىشىنى قولايلاشتۇرۇپلا قالماي، شەھەرلىكلەرنىمۇ كەنتكە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىپتۇ.

  سەنداۋگۇ كەنتى شياڭيۆ تيەنيۈەن تاللا بېغىنىڭ مەسئۇلى چېن جيەنمىڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، سودىمىزمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى. ناھىيە بازىرىدىكى نۇرغۇن ئاھالە بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى دېھقانلار ئارامگاھلىرىغا كېلىپ سەيلە – تاماشا قىلىدۇ، يىغىلىش ئۆتكۈزىدۇ. ھازىر ئائىلە بويىچە دېھقانچىلىق قىلماي، دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ تىجارىتىگە كىرىشىپلا كەتتۇق.

  تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، چېن جيەنمىڭ دېھقانلار ئارامگاھىنى تاللا باغ دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن بولۇپ، باغدا كۆپ خىل كۆكتات، مېۋە – چېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئۈزۈۋېلىشى ئۈچۈن تەمىنلىگەن. ئۇ يەنە تاللا باغقا كىچىك سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ياساپ، باغنى تېخىمۇ خاسلىققا ئىگە قىلغان.

  چېن جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: بىر كۈندە كۆپ بولغاندا 300 كىشىنى كۈتۈۋالالايمىز، ساپ كىرىمىمىز 2000 يۈەنگە يېتىدۇ. ھازىر يەنىلا يەر بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان بولساقمۇ، بىراق ئىلگىرىكىدەك ‹‹تەبىئىي شارائىتقا تايىنىپ جان باقىدىغان›› ھالەتنى ئۆزگەرتتۇق. بىر ئائىلە كىشىلىرى يېڭىچە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، تېخىمۇ باياشات ياشاۋاتىمىز.

  شاۋ چېڭگۈينىڭ تۇرمۇشىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى، بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانمايدىغان بولدى. شاۋ چېڭگۈي خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: كۈندۈزى ناھىيە بازىرىدا سودا قىلسام، كەچتە كەنتكە قايتىپ سەھرا تۇرمۇشىدىن ھۇزۇرلىنىمەن، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى.

  شاۋ چېڭگۈينىڭ ئۆيى سەنداۋگۇ كەنتىدىكى تيەنيۈەنلىجىڭ ئولتۇراق رايونىدا، بۇ ئولتۇراق رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولۇپ، تەنھەرىكەت مەيدانى، يەسلى قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى تولۇق، شەھەردىكى ئولتۇراق رايونلاردىن قېلىشمايدۇ. شاۋ چېڭگۈي مۇنداق دېدى: تيەنيۈەنلىجىڭ ئولتۇراق رايونى سەنداۋگۇ كەنتىدىكى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئولتۇراق رايونى بولۇپ، كەسپىي قۇرۇلۇش ئەترىتى ئۆلچەملىك ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە سالغان، كەنت ئاھالىلىرى بۇ يەردىن ئۆي سېتىۋالسا يەنە سىياسەت خاراكتېرلىك تولۇقلىمىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەنتنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى، ھاۋاسى ساپ بولغاچقا، شەھەرلىكلەر بۇ يەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىغا ھەۋەس قىلىدۇ.

  كەنت ئاھالىلىرى بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، بىكار قالغان كونا ھويلىلار باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلدى.

     ۋاڭ جيەنلىڭ ساۋەن ناھىيەلىك بەيشۇ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان چىلىغان سەي تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ زاۋۇتنى سەنداۋگۇ كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ كونا ھويلىسىغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، كەنتتە تىجارەت قىلىشقا باشلىدى.

  ۋاڭ جيەنلىڭ: چىلىغان سەي تىجارىتىدە پايدا كۆپ ئەمەس، شەھەردىكى زاۋۇت سېخلىرىنىڭ ئىجارە ھەققى بەك يۇقىرى، سەنداۋگۇ كەنتى كارخانىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، دېدى. سەنداۋگۇ كەنتىنىڭ سۇ تۇرۇبا يولى ۋە يۇندى يولى سىستېمىسى مۇكەممەل بولۇپ، ئەتراپتىكى مۇھىت ياخشى، چىلىغان سەي ئىشلەپچىقىرىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ شېرىكى بىلەن ئاھالىلەر ئىشلەتمەيدىغان ھويلىنى سېتىۋېلىپ، كارخانىنى يۆتكەپ كەلدى.

  ۋاڭ جيەنلىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئىشلەپچىقارغان چىلىغان سەي ناھايىتى ياخشى سېتىلىۋاتىدۇ، ئىككى ئايدىلا ئەتراپتىكى دېھقانلار تېرىغان كۆكتاتتىن 50 توننىنى بىر تەرەپ قىلالايمىز، يەنە ئون كەنت ئاھالىسىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدۇق. ھازىر سەنداۋگۇ كەنتىدە يەنە دۇفۇ زاۋۇتى، راڭپىزا زاۋۇتى قاتارلىق كۆپلىگەن كىچىك، مىكرو كارخانىلار قۇرۇلۇپ، كەنتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

  ئوراپ كەنتنى دەل–دەرەخ تىزىلغان قاتار، كەنت سىرتىدا يېشىل تاغ سوزۇلۇپ ياتار. سەنداۋگۇ كەنتىنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنى يېڭى دەۋردىكى يېزا–كەنتلەر توغرىسىدا يېڭى تونۇشقا ئىگە قىلدى، گۈزەل يېزا–كەنتلەر، جۇشقۇن تەرەققىيات، بەختلىك تۇرمۇش يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىناق مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى