تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2018–يىللىق شىنجاڭ داشۆگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭ داشۆنىڭ ‹‹قوش ئالدىنقى قاتار›› قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9–ئاينىڭ 20–كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2018–يىللىق شىنجاڭ داشۆگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئاتتى، شىنجاڭدا ئومۇملۇق مۇقىم بولغان، ۋەزىيەتنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان، ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت شەكىللەندى، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەر، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خالىس ياردەم بەرگەنلىكى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بولۇپمۇ بىر يىلدىن بۇيان، 12 ئالىي مەكتەپ دىققەتنى شىنجاڭ داشۆنىڭ ‹‹قوش ئالدىنقى قاتار›› قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كوللېكتىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر قاتار قالتىس ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ داشۆنىڭ ‹‹قوش ئالدىنقى قاتار›› قۇرۇلۇشىدا باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹قوش ئالدىنقى قاتار›› قۇرۇلۇشى، ‹‹مىنىستىرلىق، ئاپتونوم رايون بىرلىكتە قۇرۇش›› مۇھىم، زور پۇرسىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيە بايرىقىنى مائارىپ ئوقۇتۇش بازىسىدا جەۋلان قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نۆۋەتتە شىنجاڭ داشۆ ‹‹قوش ئالدىنقى قاتار›› قۇرۇلۇشىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئادەم تەربىيەلەش سىستېما قۇرۇلۇشى ۋە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەر تەرەپلىمە، سىستېمىلاشقان، ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى››دىكى ياردەم بېرىپ قۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شىنجاڭ داشۆ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش، جۇڭگوچە خاسلىققا ئىگە بولۇش، شىنجاڭنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزلەشكە كۈچەپ، ‹‹قوش ئالدىنقى قاتار›› قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  يىغىندا چىڭخۇا داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى چېن شۈ نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 12 ئالىي مەكتەپكە ۋاكالىتەن شىنجاڭ داشۆ بىلەن نىشانلىق ياردەم بېرىش ئومۇمىي كېلىشىمى ئىمزالىدى. شىئەن قاتناش داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاڭ مەيزېڭ قاتارلىق نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى رېن خۇا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى