تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىخو شەھىرى شەرقىي شىمالدىن كەلگەن نەچچە مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى

‹‹بىز شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە گۈللەنگەنلىكىنى كۆردۇق››

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ خەيفېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرى ما لىڭ

  ‹‹مېنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى كېلىشىم، بۈگۈن شىخو شەھىرى فوشەن دۆلەت ئورمان باغچىسى دەيفۇسېڭ ساياھەت مەنزىرە رايونىغا كەلدىم. بۇ يەر تېپىلغۇسىز <تەبىئىي ئوكسىگېن ماكانى> ئىكەن، بۇ يەردە يەنە كىشى كۆرۈپ تويمايدىغان قارلىق تاغلار، ئورمانلار، گۈل–گىياھلار بار ئىكەن›› دېدى لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن ساياھەتچى چۇ نەيجيې ھاياجانلانغان ھالدا.

  9–ئاينىڭ 15–كۈنى، لياۋنىڭتارباغاتاي تۇنجى ساياھەت مەخسۇس نۆۋەتچى پويىزىغا ئولتۇرغان 800 ساياھەتچى شىخو شەھىرىگە كېلىپ، دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى شىخو فوشەن دۆلەت ئورمان باغچىسىغا كىردى. ئىپتىدائىي ئورمانلىق بىلەن ياپيېشىل ئوتلاقلار، كۆك ئاسمان بىلەن قارلىق تاغلار بىر–بىرىگە خويمۇ ياراشقانىدى، خۇددى غايەت زور مەنزىرە رەسىمىدەك كۆرۈنىدىغان بۇ مەنزىرىنى شەرقىي شىمالدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئاغزى–ئاغزىغا تەگمەي ماختاشتى.

  بۇ گۈزەل مەنزىرىلەردىن باشقا، يەنە رەڭگارەڭ ئادىمىيەت مەنزىرىلىرىمۇ شەرقىي شىمالدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. دەيفۇسېڭ ساياھەت مەنزىرە رايونىدا، شىخو شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ساياھەتچىلەرگە قازاق مىللىتى، موڭغۇل مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ناخشا–ئۇسسۇللىرىنى كۆرسەتتى، نۇرغۇن ساياھەتچى ئىختىيارسىز ھالدا چاۋاك چېلىپ ئالقىش ياڭرىتىپ، توختىماي سۈرەتكە تارتىشتى. شېنياڭ شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى نىڭ خۇڭيۈ مۇنداق دېدى: مېنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم، مەن كۆپ مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تۇنجى قېتىم ھەقىقىي ھېس قىلدىم، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى كۆردۈم. بۇ قېتىم مەن كۆرۈپ قانمىدىم، كېيىنكى قېتىمدا دوستلىرىمنى، ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ شىنجاڭغا يەنە كېلىمەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 9–ئاينىڭ 15–كۈنىدىن 23–كۈنىگىچە، لياۋنىڭتارباغاتاي ساياھەت مەخسۇس نۆۋەتچى پويىزىدىن ئالتىسى شىنجاڭغا كىرىدىغان بولۇپ، 5000غا يېقىن ساياھەتچى شىخو شەھىرىدە ساياھەتتە بولىدىكەن. شىخو شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى گو يۇڭ مۇنداق دېدى: مېھمانلارنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىش ئارقىلىق، بىز يىراقتىن كەلگەن نۇرغۇن مېھماننى كۈتۈۋالدۇق، بۇ، شىخو شەھىرىنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، ئىككى جاي خەلقىنىڭ ئالاقىسى، چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. مەخسۇس نۆۋەتچى پويىزغا ئولتۇرۇپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كەلگەنلەر بولۇپ، ئۇلار گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، رەڭگارەڭ كۆپ مىللەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىپ، كۆزى قىيماي قېلىشتى. بۇ، كېيىنكى كەڭ ئالاقە ئۈچۈن ئاساس سالدى.

  شىخو شەھىرىنىڭ ساياھەت بايلىقى مول، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان گەنجاخۇ سۆكسۆك ئورمىنى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ لاتقىلىق يانار تاغ توپى ۋە توغراقلىق، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ۋۇشا يەنسىخەي چوڭ جىلغىسى قاتارلىق ئاجايىپ مەنزىرىلەر بار بولۇپ، ئۇنى شىنجاڭ مەنزىرىسىنىڭ ‹‹كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى›› دېيىشكە بولىدۇ. شىنجاڭ تارباغاتاي شىخو پىۋا بايرىمى تەسىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىخو شەھىرىدە ‹‹پۈتۈن رايون ساياھىتى، پۈتۈن مەنزىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ھەممەيلەن قاتنىشىش››تەك ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، ساياھەتچىلەر سانى ۋە ساياھەت كىرىمى شىددەت بىلەن ئاشتى. شىخو شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى گۇڭ خۇڭشىڭ مۇنداق دېدى: شىخو شەھىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بىر يادرو، بىر ھالقا، ئىككى كارىدور، ئۈچ يۇقىرى پەللە، ئۈچ رايون›› پۈتۈن رايون ساياھەت كەسپى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى ھەم شىخو كۈيتۈن مايتاغ ‹‹ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك›› رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شىخو شەھىرىنى ‹‹شىمالىي شىنجاڭ ساياھىتىدىكى يىغىلىش–تارقىلىش مەركىزى›› ۋە ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە رايونى›› قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشماقتا.

  لياۋنىڭ ئۆلكىسى دەندۇڭ شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى نيې خۇڭيىڭ ئون نەچچە يىل ئىلگىرى شىنجاڭغا كەلگەنىدى، بۇ قېتىم ئۇ ئېرى بىلەن بىللە كەلدى، شىخو شەھىرىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ئۇنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: 2004–يىلى، دەندۇڭ شەھىرى بىڭتۈەن 9–شىسىغا نىشانلىق ياردەم بەرگەندە، مەن شىنجاڭغا كەلگەنىدىم. بۇ قېتىم لياۋنىڭنىڭ شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە ياردەم بېرىش پۇرسىتى بىلەن شىنجاڭغا قايتا كەلدىم، شىخو شەھىرىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بوپتۇ، بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ! بىز شىخو شەھىرىدە شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى ۋە گۈللەنگەنلىكىنى كۆردۇق، شۇنداقلا مۇقىملىقنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە پايدا ئېلىپ كەلگەنلىكىنىمۇ ھېس قىلدۇق.

  تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چەي خۇڭخۇا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: لياۋنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى مېھمانلارنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىشنى پائال تەشكىللەپ، ماسلاشتۇردى، بۇ يىل ساياھەت مەخسۇس نۆۋەتچى پويىزىدا 10 مىڭ ساياھەتچىنى شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىش پىلانلاندى. يېقىندا تارباغاتاي ۋىلايىتى يەنە شەرقىي شىمالدىكى 30 نەچچە ساياھەت كوپىراتىپىنى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت مەنزىرە رايون نۇقتىلىرىغا كېلىشكە تەشكىللىدى. كېلەر يىلى ساياھەت مەخسۇس نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش سالمىقى تېخىمۇ زورايتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى