تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت ئامما جۇڭچيۇ بايرىمىنى خۇشال كۈتۈۋېلىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ھېس قىلىشتى

بىللە يۆبىڭ پىشۇرۇش، بىللە كىلاسسىك ئەسەر ئوقۇش

  جۇڭچيۇ بايرىمى تېخى يېتىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، بايرام كەيپىياتى كۈنسېرى قويۇقلىشىشقا باشلىدى. مەيلى مەھەللە ياكى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىدە بولسۇن، ياكى مەكتەپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كەچلىك كۇرسلىرىدا بولسۇن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما بىللە يۆبىڭ پىشۇرۇش، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش شەكلى ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۇ ئەنئەنىۋى بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

  بىرلىكتە يۆبىڭ پىشۇرۇش

  ‹‹كۆپچىلىك قاراڭلار، يۆبىڭ تۈگكەندە قىيمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا دىققەت قىلىڭلار، چۆرىسىنى بويلاپ تۈگۈپ، قېلىپقا سېلىپ بېسىپ قېلىپنى تولدۇرىمىز، شۇنداق قىلغاندىلا شەكلى تولۇق بولغان چىرايلىق يۆبىڭ ياساپ چىققىلى بولىدۇ››. 9–ئاينىڭ 20–كۈنى ئەتىگەندە، بورتالا شەھىرى چىندېل كوچا باشقارمىسى دۇڭفېڭ مەھەللىسىنىڭ مەدەنىيەت ئۆيى قاينام–تاشقىنلىققا تولغانىدى، بۇ يەردە يۆبىڭ پىشۇرۇش ئۇستىسى مەھەللە ئاھالىسىگە يۆبىڭ پىشۇرۇشنى قولمۇقول ئۆگىتىۋاتقانىدى.

  جۇڭچيۇ بايرىمى ھارپىسىدا، دۇڭفېڭ مەھەللىسىدىكى كادىرلار مەھەللە ئاھالىسىگە ئىلگىرىكى يىللاردىكى يۆبىڭ سوۋغا قىلىش ئادىتىنى يۆبىڭ پىشۇرۇش تېخنىكىسى ئۆگىتىشكە ئۆزگەرتىپ، ھەر مىللەت ئاھالىسىنى بىللە ساغلام، يېيىشلىك يۆبىڭ پىشۇرۇپ جۇڭچيۇ بايرىمىنى خۇشال – خۇرام كۈتۈۋېلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. ‹‹قوشنىلار بىلەن بىللە يۆبىڭ پىشۇرسا، كۆپچىلىك خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشايدىكەن، مەن بەك خۇش بولدۇم›› دېدى مەھەللە ئاھالىسى رەيھانگۈل.

  9–ئاينىڭ 18–كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ئۇزۇن سەپەر يېڭى كەنتى مەھەللىسىدىكى يېڭى سېلىنغان ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلىسى›› پائالىيەت ئۆيىگە مەھەللە ئاھالىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى ھەم تەۋەلىك رايوندىكى ئىشلەمچىلەر تەرەپ–تەرەپتىن كېلىپ، چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، تورت پىشۇرۇش ئۇستىسىدىن يۆبىڭ پىشۇرۇشنى ئۆگەندى.

  ‹‹قوشماقلاشقان تۇغقىنىمىز بىلەن بىللە يۆبىڭ پىشۇرساق ھەم ئارىمىزدىكى چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى، ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىغا بولغان تونۇشىمىزنى ئۆستۈرگىلى بولىدىكەن، بەك قالتىس بولدى!›› دېدى مەھەللە ئاھالىسى شى جۈەن ھاياجانلانغان ھالدا.

  كىلاسسىك ئەسەرلەرنى بىرلىكتە دېكلاماتسىيە قىلىش

  ‹‹باھاردىكى دەريا ئېقىنى قۇيۇلدى كەڭ دېڭىز قوينىغا، ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلگەن يورۇق تولۇن ئاي دولقۇنغا تەڭكەش بولۇپ چۈشتى ئۇسسۇلغا...›› 9–ئاينىڭ 19–كۈنى كەچتە، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شىكشىن بازىرى خوردۇن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ دېھقان–چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسىدا، كەنت ئاھالىلىرى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى جېڭ جيەنجۈننىڭ يېتەكلىشىدە، يېقىملىق مۇزىكىغا ئەگىشىپ، تاڭ دەۋرىدىكى شائىر جاڭ روشۈنىڭ ‹‹باھاردىكى گۈزەل كېچە مەنزىرىسى›› دېگەن شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىۋاتاتتى.

  كەنت ئاھالىسى ئابلىز قۇربان مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بالىلىرىم قەدىمكى زامان شېئىر–قوشاقلىرىنى ئوقۇسا بەكلا ھەۋىسىم كېلەتتى، ھازىر خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرىگە ئۆگىتىۋاتىدۇ، بىز قەدىمكى زامان شېئىر–قوشاقلىرىنى ئۆگىنىپلا قالماي يەنە نۇرغۇن خەتنىمۇ تونۇۋالدۇق، شېئىرلار ئېسىل، مۇزىكىلار يېقىملىق، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر تېخىمۇ چىرايلىق.

  خەنفۇ كىيگەن 30دىن ئارتۇق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ كىلاسسىك ئەسەرنى دېكلاماتسىيە قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئوي–پىكىرنى ئويغىتىدىغان بىر سائەتلىك جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت دەرسى، قەلبنى سۇغىرىدىغان كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 78–باشلانغۇچ مەكتەپ زالىدا باشلاندى. 9–ئاينىڭ 20–كۈنى چۈشتىن كېيىن، بۇ مەكتەپ ‹‹جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆسمۈرلەرنىڭ رەڭدار، ئوچۇق قىياپىتىنى نامايان قىلىش›› باش تېما قىلىنغان ‹‹جۇڭچيۇ بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش›› شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. ئوقۇغۇچىلار نەي چېلىش، كىلاسسىك ھېكايىلەرنى سۆزلەش، قاپاق نەي چېلىش، كوتو چېلىش، جىڭجۈ تىياتىرى ئورۇنلاش، تەيجى گۇمپىسى ئويناش ۋە ئۇسسۇل ئويناش قاتارلىق ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلاپ، نەق مەيداندىكى ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا–ئانىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. جاڭ خانىم مۇنداق دېدى: مەكتەپ جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت دەرسلىكىنى تەسىس قىلغاندىن بۇيان، ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنىڭ بارغانسېرى ئىش ئۇقىدىغان، مىننەتدار بولۇشنى بىلىدىغان بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.

  ئىتتىپاقلىقنى سۆزلەپ، قېرىنداشلىق مېھرىنى بايان قىلىش

  9–ئاينىڭ 19–كۈنى، جۇڭچيۇ بايرىمىغا يەنە نەچچە كۈن قالغانىدى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى چىفاڭ تەۋەلىك رايونى ئارشاڭ شىمالىي مەھەللىسى ‹‹يۆبىڭ بىلەن مېھىر – مۇھەببەت يەتكۈزۈش، جۇڭچيۇ بايرىمىنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋېلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. مەھەللە ئاھالىسى ئاتىخان نىزاخۇن تۇغقىنى چېن رۇڭ بىلەن بالدۇرلا مەھەللىدىكى كىچىك مەيدانغا كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە يۆبىڭ پىشۇردى. چېن رۇڭ جىلتىسىنى ئېچىپ بەردى، ئاتىخان نىزاخۇن يۆبىڭنى تۈگدى، باشقا ئاھالىلەر يۆبىڭ پىشۇرۇش ئۇستىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قېلىپ بىلەن يۆبىڭ ياساپ، يۆبىڭ پىشۇردى... مەيداندا پات – پات كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

  بىر ئازدىن كېيىن يۆبىڭ پىشتى. ھەرمىللەت ئاھالىلەر بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ، پاراڭلىشىپ، تېپىشماق تېپىشىپ، قېرىنداشلىق مېھرىنى بايان قىلىشىپ، ئىتتىپاقلىق ھەققىدە سۆزلەشتى. چېن رۇڭ بىر يۆبىڭنى ئېلىپ ئاتىخان بىلەن بىللە يېدى. ئاتىخان نىزاخۇن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى جۇڭچيۇ بايرىمى ئۆتكۈزگەندە، يۆبىڭ سېتىۋېلىپ يەيتتۇق. بۈگۈن مەن يۆبىڭ پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالدىم، تۇغقانلار بىلەن بىللە يۆبىڭ پىشۇرۇپ يېسەك بەك تەملىك بولىدىكەن.

  چېن رۇڭ مۇنداق دېدى: ئاتىخان ئاچام ۋە مەھەللىدىكى ئاچا–سىڭىللار بىلەن بىللە يۆبىڭ پىشۇرۇپ، يۆبىڭ يەپ، بىر–بىرىمىزگە بولغان مېھرىمىزنى كۈچەيتتۇق، مەن يەنە كۆڭۈللۈك جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ جەم بولۇش ھۇزۇرىنى ئالدىن ھېس قىلدىم.

  (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ساۋ شىنلىڭ، جاۋ چۈنخۇا، گاۋ ۋا، جاۋ جۈن، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ شياۋدۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرى لى چياڭلار يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى