تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

‹‹ئۈزۈمچىلىك كەنتى››دىكى مول ھوسۇل پاراڭلىرى

شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرى تيەن دۇڭ

  ۋەي، دى تاغاممۇ؟ ئۆگۈنلۈككە مەن ئېتىزلىقىڭىزغا ئۈزۈم ئالغىلى بارىمەن، بۇ يىل ھوسۇل قانداقراق؟ ئىلمىي تېرىقچىلىق ۋە ئىلمىي باشقۇرۇشقا تايانغاچقا، ھوسۇل بەكلا ياخشى، كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن!

  9–ئاينىڭ 19–كۈنى سائەت 12 لەردە، مەن سانجى شەھىرىدىكى ‹‹ئۈزۈمچىلىك كەنتى›› دېگەن نامى بار داشىچۈي بازىرى يۈتاڭ كەنتىنىڭ 4–تارماق رايونىغا كەلگىنىمدە، كەنت ئاھالىسى دى شېڭخۇانىڭ سودىگەرلەر بىلەن زاكاز توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتقانلىقى يىراقتىنلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

  دى شېڭخۇانىڭ كەينىدىكى ئۈزۈمزارلىقتا، ساپاق–ساپاق قىزىل ئۈزۈملەر پارقىراپ تۇراتتى، ئەتلىك دانە–دانە ئۈزۈملەر خۇددى ھېقىقتىن ئويۇپ قويغاندەك كۆرۈنەتتى. 60 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان دى شېڭخۇا كۈلۈمسىرىگەن ھالدا مۇنداق دېدى: تېلېفوننى خۇنەن چاڭشا شەھىرى ‹‹خۇڭشىڭ›› مېۋە–چېۋە بازىرىدىكى سودىگەر ليۇ شياۋپىڭ ئۇرۇپتۇ، بۇ يىل ئىككىمىزنىڭ ھەمكارلاشقىنىغا توققۇز يىل بولدى، ليۇ شياۋپىڭ ھەر يىلى كەنتىمىزدىن 1000 توننىدىن ئارتۇق ئۈزۈم سېتىۋالىدۇ. مۆلچەرىمچە، بۇ يىل 30 مو يېرىمدىن بۇلتۇرقىدىن 3000 كىلوگىرامدىن ئارتۇقراق ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە، بۇلتۇرقىدىن 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمەن.

  يۈتاڭ كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ ئەزاسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شې يىنجۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2008 – يىلىدىن باشلاپ، كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت››ى ‹‹ياچېيكا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى››دىن ئىبارەت يېڭىچە كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى باشلامچى بولىدىغان، ۋاسىتىچىلەر يېتەكلەيدىغان ئۈزۈمچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئۈچنى قۇردى. كېيىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۈزۈمنى ئۈزمەي تۇرۇپ يېڭىچە ساقلاش تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، ئۈزۈمنىڭ باراڭدا تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق ۋاقىت پەرقىنى ئەپچىللىك بىلەن بىرتەرەپ قىلىپ، ھەر كىلوگىرام ئۈزۈمنىڭ باھاسىنى نورمال ۋاقىتتا ئۈزۈلگەن ئۈزۈملەرنىڭكىدىن 15 يۈەندىن 20 يۈەنگىچە ئۆستۈرۈپ، مو بېشى مەھسۇلات قىممىتىنى 50 مىڭ يۈەندىن 70 مىڭ يۈەنگىچە ئاشۇرۇپ، ئۈزۈم ئۆستۈرگۈچىلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتتى.

  ھازىر دى شېڭخۇا ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچ قېتىم ئائىلە ئاپتوموبىلىنى ئالماشتۇردى، 1.2 مو يەرگە ئايرىم–ئايرىم 160 كىۋادىرات مېتىرلىق، 80 كىۋادىرات مېتىرلىق ئۆي سالدى، 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ بەش قەۋەتلىك مېھمانخانا سالدى، يەنە سانجى شەھىرىدىن بىنا ئۆي سېتىۋالدى، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كەتتى.

  كەنت ئاھالىسى رىزۋان ئائىلىسىنىڭ ئۈزۈم بارىڭىدا، ئۈزۈم تاللىرى مېۋىسىنى كۆتۈرەلمەي ئېگىلىپ كەتكەنىدى. ئۇ بىرتەرەپتىن ماڭا چاي قۇيغاچ: ھازىر كۈنلىرىمىز كۈندىن–كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، دېدى.

  52 ياشلىق رىزۋان بىلەن ئېرى ئەركىننىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈۋاتقىنىغا ئون يىل بوپتۇ، بۇ يىل مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى 2.5 توننىغا يېتىدىكەن. ‹‹بۇ يىل ئون مو يېرىمدە قىزىل ئۈزۈم، جۈفېڭ قاتارلىق ئىككى خىل سورتلۇق ئۈزۈم ئۆستۈردۈم، ھازىر، ئۈزۈمنىڭ سېتىلىشى ياخشى، ساتالمىغانلىرىمىزنى سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدا ساقلاپ قويساق بولىدۇ››، دېدى ئۇ.

  رىزۋان ئېيتقان سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى 4–تەۋەلىك رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىي بۇرجىكىگە جايلاشقان ‹‹چىشىن›› ئۈزۈمنى يېڭى پېتى ساقلاش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى تىجارەت قىلىدىغان ئىسكىلات ئىدى. مەن بۇ يەرگە كەلگەندە، يەشىكلەرگە قاچىلانغان ئۈزۈملەر تاغدەك دۆۋىلەنگەنىدى، كەنت ئاھالىلىرى تەرتىپلىك ھالدا ئۈزۈملەرنى تارازىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاپتوموبىلغا قاچىلاۋاتاتتى.

  شې يىنجۇڭ ماڭا مۇنداق دېدى: 2009–يىلى 5–ئايدا قۇرۇلغان ‹‹چىشىن›› ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا 110 كىشى پاي قوشقان، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 2000 مودىن ئارتۇق ئۈزۈمزارلىقى، 50 سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى بار، 8000 توننىدىن ئارتۇق ئۈزۈمنى يېڭى پېتى ساقلىيالايدۇ. نۆۋەتتە يۈتاڭ كەنتىنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمى 6000 موغا، يىللىق ئۈزۈم ساقلاش مىقدارى 10 مىڭ توننىغا يېتىدۇ، ئۈزۈمنى ئۈزمەي يېڭى پېتى ساقلايدىغان پارنىكىدىن 33ى، ئۈزۈمنى يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتىدىن 103ى بار، يېڭى ساقلانغان ئۈزۈملەر مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغىچە سېتىلىدۇ، ھەتتا قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ ئېكسپورت قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى