تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون جۇڭگو ساياھەت گۇرۇھى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرلىكتە پىلانلىدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 9–ئاينىڭ 19–كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو ساياھەت گۇرۇھى بىلەن ساياھەت تەرەققىياتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، جۇڭگو ساياھەت گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋەن مىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايون ساياھەتچىلىكنى ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپ قىلىپ پىلانلاپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە يولغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم، زور سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ساياھەت كەسپىنىڭ كۆلىمى ۋە ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ساياھەتچىلىكنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتورغا ئايلاندۇردى. جۇڭگو ساياھەت گۇرۇھى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە مەركەز كارخانىلىرى ھەم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەردىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ بىلەن پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىنى گەۋدىلەندۈردى.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايون جۇڭگو ساياھەت گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىش ئۈستىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، جۇڭگو ساياھەت گۇرۇھىنىڭ كەسىپ، بازار، باشقۇرۇش، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، تۈرلەرنى تۇتقا قىلىپ، كاپىتالنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى تىرەك قىلىپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ساياھەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ساياھىتىنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى، قاتلىمى ۋە سەۋىيەسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى