تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 29–قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 9–ئاينىڭ 20–كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 29–قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار تارماقلار دوكلات قىلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ 6–قېتىملىق يىغىنىنىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالىنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىن دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى(تۈزىتىلمە لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى (لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھاراق تۈرلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى››، ‹‹<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى> قاتارلىق يەتتە يەرلىك قائىدە–نىزامنى مەركەزلىك تۈزىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپى(لايىھە)››نى قاراپ چىقىش ئەھۋالىنى، ‹‹جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنى قوغداش–باشقۇرۇش نىزامى››، ‹‹قاراماي شەھىرىنىڭ بوران ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى››نى قاراپ چىقىش ئەھۋالىنى، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا قانۇن بويىچە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)››نى قاراپ چىقىش ئەھۋالىنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەم كادىرلارنى تەيىنلەش–قالدۇرۇش تەكلىپ لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالىنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ، يۇقىرىقى قارالما (لايىھە) قاتارلىقلارنى دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىن دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پوچتا نىزامىنى تۈزىتىش لايىھەسى(لايىھە)››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى(لايىھە)››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نىزامى(لايىھە)››نى قاراپ چىقىش ئەھۋالىنى ئاڭلاپ ئۆتتى، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، يۇقىرىقى نىزام(لايىھە) قاتارلىقلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ دەلىللىگەن ۋە تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىن، كېيىنكى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  يىغىن يەنە دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا ۋە ئاپتونوم رايوندىكى پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالى، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››نىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالى، ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خىزمىتى ئەھۋالى دوكلاتىغا قاراپ چىقىش پىكرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش توغرىسىدىكى كۆزدىن كەچۈرۈش دوكلاتىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالىنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى يىغىپ رەتلەپ، تەرتىپ بويىچە ھۆكۈمەتنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قادىلبەك قامزا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى باھارگۈل سەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى