تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆزگىچە كىچىك بازار قۇرۇلۇشى شۈيشىگۇ بازىرىنىڭ يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە يېڭى ئۈمىد بېغىشلىدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جۈن خەۋەر قىلىدۇ: 9–ئاينىڭ 20–كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۈيشىگۇ بازىرى فاڭجياجۇاڭ كەنتىدىكى ما شۆيى كەنتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاغزى–ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ مۇنداق دېدى: ‹‹كەنتىمىزنىڭ ھەممە يوللىرى قاتتىقلاشتۇرۇلدى، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىغىمۇ كۆكەرتىش ئەسلىھەلىرى ۋە ھەيكەللەر ئورنىتىلدى، تاملارمۇ تولۇق ئاقارتىلىپ، باش تېمىلىق تام رەسىملىرى سىزىلدى. ئىلگىرى فاڭجياجۇاڭ كەنتىدىكى يوللارنىڭ كۆپىنچىسى توپىلىق ئىدى، يول ياقىسىدا ئەخلەتلەر دۆۋىلىنىپ تۇراتتى، ھازىر كەنتنىڭ مۇھىتى گۈزەللىشىپ، ساياھەتچىلەرمۇ كۆپەيدى، بىزنىڭ سەھرا ئارامگاھى ئېچىش ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى››. بۇ خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۈيشىگۇ بازىرىدا يولغا قويۇلغان قار–مۇز تەنھەرىكىتى ئۆزگىچە كىچىك بازىرى قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسى.

  ئىگىلىشىچە، ئۆزگىچە كىچىك بازار قۇرۇلۇشىغا تەخمىنەن 2 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، پىلاندىكى يەر كۆلىمى 3000 موغا يېقىن بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 400 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىكەن. 2017–يىلى 7–ئايدا باشلانغان بۇ قۇرۇلۇش بۇ يىل 8–ئاينىڭ ئاخىرى تاماملانغان.

  ئۆزگىچە كىچىك بازار ئۈرۈمچى چوڭ نەنسەن تېغى خەلقئارا ساياھەت رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتى مەركىزىگە يېقىن، قار–مۇز ساياھەتچىلىكى(شىمالىي بازار)، مەدەنىيەت–تەنتەربىيە ساغلاملىق كۈتۈنۈشى(جەنۇبىي بازار)، ئويۇن قويۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ فۇنكسىيەلىك بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ كىچىك بازاردا ئۆزگىچە يېمەكلىكلەر، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى پىششىقلاش، ئۆرپ–ئادەت تەسىراتى ھەم مەدەنىيەت ئويۇنى قويۇش بىر گەۋدىلەشكەن، مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئۆرپ–ئادەت ئىستىراھەت تەسىراتى + زامانىۋى ساياھەت ئېلېمېنتىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى ئۆرپ–ئادەت، تارىخ، ئادىمىيەت ھەم ئېكولوگىيەلىك بايلىق ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن.

  شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگىنى ئىشخانا بىناسىدىن يولغا چىقىپ، كەڭرى، پاكىز، ئاسفالتلاشتۇرۇلغان، تۆت ئاپتوموبىل قاتارلىشىپ ماڭالايدىغان يولدا ئۈچ كىلومېتىر يۈرە – يۈرمەيلا، قاتار – قاتار، رەتلىك سېلىنغان ھەم ئالاھىدە ئۇسلۇبتىكى قىزىل ئۆگزىلىك، سېرىق تاملىق بىنالار كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى، پارچە–پارچە يېشىللىق ۋە رەڭگارەڭ گۈل – چېچەكلەر گىرەلىشىپ، كىشى كۆرۈپ تويمايدىغان سەھرا مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەنىدى، مانا بۇ شۈيشىگۇ قار – مۇز تەنھەرىكىتى ئۆزگىچە كىچىك بازىرى ئىدى.

  ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئۆزگىچە كىچىك بازار قۇرۇلۇشىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك چەكلەش رايونى ۋە سۇ مەنبەسىنى يانداپ ئۆتۈپ، تۈر رايونىدىكى دەل – دەرەخ، ئوتلاق قاتارلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ساقلاپ قېلىپ، چىتلاق ياساش، سۇ سېپىپ چاڭ – توزاننى بېسىقتۇرۇش قاتارلىق مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرىنى قوللاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى ناھىيەسى يەنە تۈر رايونىدىكى كۆچۈرۈلىدىغان ئاممىغا بولغان ئىدىيەۋى خىزمەتنى ئىنچىكىلىك بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئون نەچچە كۈندىلا كۆچۈرۈشنى تاماملاپ بولدى.

  ئۈرۈمچى ناھىيەسى ياخشى ساياھەت مۇھىتى بەرپا قىلىش، ئەتراپتىكى دېھقان–چارۋىچى ئاممىنىڭ ئولتۇراقلىشىش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، 450 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۆزگىچە كىچىك بازار ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 24 كىلومېتىر كېلىدىغان ئاسفالت يولنى پىلانلاپ ياسىدى، 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئەتراپ مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزىدى.

  ئۈرۈمچى ناھىيەسى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن، ئۆزگىچە كىچىك بازارنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پۈتۈن ناھىيەدىكى 7000دىن كۆپرەك ئارتۇق ئەمگەكچىنى ئالدىن ئېنىقلاپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەپ، ئۆزگىچە كىچىك بازار تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن كۆپەيتىشكە توغرا كېلىدىغان ئىش ئورۇنلىرىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى تەييارلىق كۆردى.

  ئىگىلىشىچە، ئۆزگىچە كىچىك بازار تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، ھەر يىلى 20 مىليون ئادەم(قېتىم)دىن كۆپرەك ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، تىجارەت كىرىمىنى 250 مىليون يۈەنگە يەتكۈزەلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇرغۇن ساياھەتچى ئۆزگىچە كىچىك بازاردا يېمەك–ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش، ساياھەت، سودا، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىستېمال قىممىتى يارىتىپ، ئەتراپتىكى دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىكەن، ئۆزگىچە كىچىك بازار قۇرۇلۇشى شۈيشىگۇ بازىرىنىڭ يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يېڭى ئۈمىد بېغىشلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى