تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 17–نۆۋەتلىك جۇڭگو غەربىي رايون خەلقئارا كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 9–ئاينىڭ 20–كۈنى تېلېگراممىسى. 17–نۆۋەتلىك جۇڭگو غەربىي رايون خەلقئارا كۆرگەزمىسى 9–ئاينىڭ 20–كۈنى سىچۈەننىڭ چېڭدۇدا باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: غەربىي رايون كۆرگەزمىسى جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىدىكى مۇھىم كۆزنەك، ئۇ جۇڭگونىڭ غەربىي رايونلىرىنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشقا قاتنىشىشى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن مۇھىم سۇپا ھازىرلاپ بەردى. جۇڭگونىڭ غەربىي رايونلىرى زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول، پۇرسەتكە تولغان، ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو يولغا قويغان غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيەسىدە زور تەرەققىيات قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگونىڭ غەربىي رايونلىرى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، غايەت زور ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز ئىچكى–تاشقى جەھەتتىن ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشتە ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ نۆۋەتلىك غەربىي رايون كۆرگەزمىسى ‹‹جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋرى، غەربىي رايوننىڭ يېڭى نەتىجىسى››نى باش تېما قىلىپ، دىققەتنى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرگەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ غەربىي رايونلىرىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدا ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە. كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ جۇڭگونىڭ غەربىي رايونلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۆزئارا دوستلۇقنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.