تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گو شېڭكۈن شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

گو شېڭكۈن شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شېڭكۈن 9–ئاينىڭ 17–كۈنىدىن 20–كۈنىگىچە شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شېڭكۈن 9–ئاينىڭ 17–كۈنىدىن 20–كۈنىگىچە شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا تولۇق تايىنىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق–ئىناق، ئاۋات–باي، مەدەنىي–ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  گو شېڭكۈن ئاپتونوم رايونلۇق مۇقىملىقنى قوغداش قوماندانلىق ئىشتابىغا كېلىپ، سىن ئارقىلىق چوڭ بازار، مەنزىرە رايونىنىڭ ئامانلىقنى ساقلاش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، 1–سەپتە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خادىملاردىن ھال سورىدى؛ قەشقەر، خوتەندىكى سوت مەھكىمىلىرى، تۈرمىلەرگە بېرىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقىش، جازا ئۆتەۋاتقانلارنى تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ياخشى ۋەزىيىتى ئاسان قولغا كەلمىدى، بۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەش، داۋاملىق مۇستەھكەملەش كېرەك. سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن قانۇن بويىچە مۇداپىئەلىنىپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. قانۇنچىللىق تەربىيەسى، پىسخىكىلىق يېتەكلەش، ماھارەت يېتىلدۈرۈش قاتارلىق شەكىللەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، جازا ئۆتەۋاتقانلارنى تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇلارنى تىرىشىپ ئۆزگىرىپ، يېڭىباشتىن ئادەم بولۇپ، بالدۇرراق جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كېلىپ، جەمئىيەتكە پايدىلىق، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان پۇقرالاردىن قىلىش كېرەك.

  گو شېڭكۈن كوچىلاردىكى خەلققە قولاي ساقچى ئىشلىرى پونكىتلىرى ۋە يېزىلاردىكى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش مەركەزلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام سىياسىي–قانۇن، ھەرتەرەپلىمە تۈزەش تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي–قانۇن كادىر–ساقچىلىرىنىڭ كەسپىي كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىش، ھەر مىللەت ئاممىغا خىزمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. دائىرىلەشتۈرۈپ مۇلازىمەت قىلىشنى باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىغا تېخىمۇ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى، مۇلازىمەتنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، گو شېڭكۈن ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىلىرىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم يەسلى، كىيىم–كېچەك زاۋۇتىغا بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە پايدا يەتكۈزۈش، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىدا ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىش، ئۇلارنى ھەقىقىي تۈردە ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇش، بەختلىك تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. مەسچىتلەردە، گو شېڭكۈن دىنىي زاتلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنى ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇشقا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى دىنىي قائىدىلەرنى توغرا چۈشىنىشكە يېتەكلەشكە، ئاڭلىق ھالدا ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››كە، گۈزەل يۇرت–ماكانىنى ئورتاق قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن فۇ جېڭخۇا، شى جۈن، لېي دۇڭشېڭ، ليۇ يۆجىن، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرىدىن سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، شۈ خەيرۇڭ، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي، جۇ چاڭجيې، جوۋ جيەنگو، لى فايى، جاڭ ۋېنچۈەن، يەن فېنشىن، گو ليەنشەن ئايرىم–ئايرىم يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.