تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 4–يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 4–يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قويۇش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9–ئاينىڭ 20–كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 9–ئاينىڭ 20–كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 4–يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، قىيىن نۇقتىسىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ بۈگۈنگە قەدەر، ئىسلاھاتنى تۇتۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنىڭ پايدىلىق شارائىتى بارغانسېرى كۆپەيدى، ئىسلاھاتنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى، ئەمەلىيەت ئاساسى، تۈزۈم ئاساسى، ئەلرايى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچ، تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قويۇش كېرەك.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا ‹‹يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان رايون ماس تەرەققىيات يېڭى مېخانىزمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھات–يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىر››، ‹‹سىستېمىسى مۇھىم بولغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر››، ‹‹ۋاكسىنا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹يىرىك پىلان سىستېمىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلان ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹كىچىك دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە تەرەققىيات تەپەككۇرىنى بېكىتىش، ئىقتىسادىي سىياسەت تۈزۈش، ماكرولۇق تەڭشەشنى يولغا قويۇشنىڭ تۈپ تەلىپى، تۈزۈم مۇھىتىنى تېز بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسى، ئۆلچەم سىستېمىسى، ئىستاتىستىكا سىستېمىسى، نەتىجە–ئۈنۈمىنى باھالاش ۋە سىياسىي نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش چارىسىنى ماسلاشتۇرۇپ بەرپا قىلىش كېرەك. ياسىمىچىلىق، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر، مۇلازىمەت كەسپى ھەم ئۇل ئەسلىھەلەر، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سىياسىتىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بىر پۈتۈن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان رايونلار ماس تەرەققىيات يېڭى مېخانىزمى ئورنىتىشتا، پارتىيەنىڭ رايونلار ماس تەرەققىيات خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ھەرقايسى رايونلارنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىشكە قويۇپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ راۋانلىشىش دەرىجىسىنى بىر قەدەر تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسى ئومۇمەن تەڭ بولۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت قاشاسى ۋە سىياسەت توسۇقىنى قەتئىي يوقىتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاش كۈچلۈك بولغان، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان، يېشىل، ماس، ھەمبەھرە، ئورتاق پايدا ئالىدىغان رايون تەرەققىيات يېڭى مېخانىزمىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات–يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاش پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىغا تېخىمۇ زور ئىسلاھ قىلىش، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى بېرىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر. ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىش، سودىنى قولايلىقلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئادەم كۈچى بايلىقى ساھەسىدە ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىسلاھ قىلىش ھوقۇقى بېرىشنى زورايتىپ، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، سىياسەت ياردىمى بېرىپ، خاس ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىخەتەرلىك خەۋپ–خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەشكە دىققەت قىلىپ، تۆۋەن چەكنى قەتئىي ياخشى ساقلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىستېمىسى مۇھىم بولغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، چوڭ تىپتىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تىجارەت قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ–خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–مۇداپىئەلىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. سىياسەت يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىستېمىسى مۇھىم بولغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى پەرقلەندۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىشتا تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش بولۇشنى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ مۇقىم، ساغلام ئايلىنىشىنى ئۈنۈملۈك قوغداش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ۋاكسىنا خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىغا، ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، جامائەت ساقلىقىنى ساقلاش بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. ۋاكسىنا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، چوقۇم ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، مۇھىمى ماھىيەتتىن تۈزەپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، بازار ئىجازىتىنى چىڭىتىپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوبوروت، يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەملەشنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلارنى قەتئىي ئېتىپ، قانۇن – بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى تايانچ كارخانىلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا يېڭىلىق يارىتىش، تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە سۈپەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالاقىدار قانۇن–نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ۋاكسىنا دورا بۇيۇملىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا تەننەرخى تۆۋەن بولۇش، جازا سالمىقى ئاجىز بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تېزدىن ھەل قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈش ھەم ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش، جامائەت بايلىقىنى تەقسىملەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولۇپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە تۈزۈشنىڭ ھەقىقىي كاپالىتى ھېسابلىنىدۇ. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىرىك پىلان سىستېمىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يىرىك پىلان مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يىرىك پىلاننى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىرىك پىلان سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يولغا قويۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈمى مۇكەممەل، ئىلمىي–قېلىپلاشقان، ئايلىنىشى ئۈنۈملۈك بولغان يىرىك پىلان تۈزۈلمىسىنى تېز ئورنىتىپ، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى مالىيە، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق سىياسەتلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كىچىك دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئائىلە ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىشنى كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەمدىكى ئىگىلىكنى يېتەكچى قىلىش بىلەن ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىنى ياخشىلاش، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىنى بېيىتىش تەلىپىگە ئاساسەن، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تەشكىللىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى شارائىتىنى ياخشىلاپ، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئەنئەنىۋى كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ زامانىۋى كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىگە ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچى ۋە ئۇنىڭدىن بىۋاسىتە نەپ ئالغۇچىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئىسلاھات خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېڭىشىش، تەدبىر بەلگىلەش جەھەتتە ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، يەنە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش جەھەتتىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. جايلار، تارماقلار، بولۇپمۇ بىرىنچى قول رەھبەرلەر مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن، ئىسلاھاتنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى قانچە چوڭ بولغانسېرى، قىيىن نۇقتىلارغا تېگىشكە شۇنچە جۈرئەت قىلىپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي ئۆزگەرتىش، دەرھال ئۆزگەرتىش شەرت. ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك، خەلقنىڭ بەخت–سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەرنى ئىلمىي، بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئالدىن ھەل قىلىش كېرەك. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ھەم ئومۇمىيەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۇتۇپ، ھەم قىسمەنلىكنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۇتۇپ، ئومۇملۇق بىلەن قىسمەنلىكنىڭ بىر تاختا شاھمات بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئىسلاھاتنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ تۇتۇپ، كىرىم تەقسىماتى، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش، تۇرالغۇ، مۇھىتنى تۈزەش، كۈتۈنۈش، يېمەكلىك–دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى، ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قاراتمىلىققا ئىگە ھالدا يولغا قويۇش كېرەك. ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ساختىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى بىر–بىرلەپ ھەل قىلىشقا قويۇپ، قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، مەسىلىنى چوڭقۇر ئويلاپ، ئىنچىكە ئويلاپ، ئېنىق ئويلاپ، قانداق مەسىلە بولسا شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، كىمنىڭ مەسىلىسى بولسا شۇ ئۆزى ھەل قىلىشى كېرەك. جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق ئىسلاھاتنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.