تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئالاتاۋ پورتىنىڭ 1-ئايدىن 8-ئايغىچە ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىنغان مال مىقدارى ۋە سودا قىممىتى مۇقىم ئاشتى

  بورتالا گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جاڭ شياۋمىن، ئىختىيارىي مۇخبىرى لى ۋېن خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئالاتاۋ پورتى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە ئالاتاۋ پورتىدىن ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىنغان يۈك مىقدارى 14 مىليون 473 مىڭ 500 توننا بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %11.5 ئاشقان. ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 48 مىليارد 757 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %6.1 ئاشقان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئالاتاۋ پورتى ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق يولى پورتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ يۈك ئۆتكۈزۈش مىقدارى ئۇدا نەچچە يىل ئېلىمىزدىكى قۇرۇقلۇق پورتلىرىنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. دۆلىتىمىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئالاتاۋ پورتىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىنغان يۈك مىقدارى ۋە سودا قىممىتى مۇقىم ئېشىپ، ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى