سۈرەتتە: بۇ شىركەتنىڭ ئىشچىلىرى 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى پاختا تېرىش ماشىنىسىنى قۇراشتۇرماقتا.
ۋاڭ يۈتاڭ فوتوسى
شايار ناھىيەلىك ‹‹بوشىرەن›› ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چەكلىك شىركىتى شايار ناھىيەسىنىڭ 2018 – يىللىق نۇقتىلىق سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى ھەم جياشىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى بولۇپ، 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، بۇ تۈر بۇ يىل 9 – ئاينىڭ 16 – كۈنى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، يىلدا چوڭ تىپتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھوسۇل يىغىش ماشىنىسىدىن 300نى، ئوتتۇراھال، كىچىك تىپتىكى ھەر خىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىدىن 2000نى ئىشلەپچىقىرالايدۇ، 800دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ.