تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

باش نىشاننىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن

  ئاتۇش شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەھكىمە باشلىقى مۇختەر بىشىر

  مەن ئىزچىل شىنجاڭدا ياشاپ، شىنجاڭدا خىزمەت قىلىپ كەلدىم، پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە قەدەممۇ قەدەم پارتىيەلىك كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم، مەن چىن قەلبىمدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. مەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى قىلمىشىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىمەن، مېنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرگىنى كادىرلار قوشۇنىمىزدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەردۇر، ئۇلار ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن ئېغىز – بۇرۇن يالىشىپ، تىل بىرىكتۈردى. ‹‹كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقىدىغان›› بۇ مۇناپىقلارغا قەتئىي يوشۇرۇنغۇدەك جاي قويمايمىز.

  مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئىمتىھان سوئالىغا تىرىشىپ ياخشى جاۋاب بېرىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

  ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ تەلىپى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كەڭ قاتلامدا ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىغا تۈرتكە بولىمەن. ئىدېئولوگىيە ساھەسى خىزمىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىق – تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى داۋاملىق كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تەنقىدلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى چوڭقۇر پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەيمەن.

  شىنجاڭنىڭ ‹‹تۆت تارىخ››ىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، سىياسەتلەرنى ئەستايىدىل چۈشىنىپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيمەن. ئالاھىدە مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە ئېغىر، مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىشتىكى پۇختا ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈپ، ھەرۋاقىت پارتىيە ئەزاسىغا خاس ئۆلچەم بويىچە ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويىمەن، ئىدىيەدە بوشاڭلىق قىلمايمەن، روھىي جەھەتتە ئىرادىلىك بولىمەن، دىققەتنى باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈشتە تونۇشتا مۈجمەل بولماي، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماي، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەي، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىمەن.

  زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرىمەن. قەتئىي تەۋرەنمەي، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىمەن، بۇ مېنىڭ خىزمىتىم، تېخىمۇ مۇھىمى مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم، شىنجاڭ بىز ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق يۇرت – ماكانى، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇنى قوغدايمەن ۋە ساقلايمەن. قانۇن بىلەن ئوينىشىشقا پېتىنىدىغان، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئاشۇ دۈشمەن ئۇنسۇرلارغا جەزمەن ئېغىر زەربە بېرىپ، ئۇلارنى قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاپ، ئۇلارغا قىلچە يول قويمايدىغان پوزىتسىيە بىلەن قەتئىي زەربە بېرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆزۈمنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈپ، تازىلاپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولىنى پاك – پاكىز قېزىپ چىقىمەن، پاك – پاكىز تۈگىتىمەن، پاك – پاكىز يوقىتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى