تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن

  شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى فېڭچېڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونىنىڭ ياردەمچى ئىنژېنېرى نادىرە غالىپ

  مەن قاراماينىڭ 3 – ئەۋلاد نېفىت ئىشچىسى، بوۋام، مومام، ئاپام كومپارتىيە ئەزاسى. مەن ئىككى ئەۋلاد نېفىتچى ئائىلىسىدە چوڭ بولغان، ئائىلىمىزدە بوۋام دائىم مۇنداق دەيتتى: ‹‹شۇنى مەڭگۈ ئېسىمىزدە ساقلىشىمىز كېرەككى، ھازىرقى غەمسىز تۇرمۇشىمىز ئائىلە شارائىتىمىزنىڭ ياخشى بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ۋە ئۇلۇغ پارتىيەمىزنىڭ بىزنى قوغداۋاتقانلىقىدىن كەلگەن، مىننەتدار بولۇشنى، جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىشىڭلار كېرەك››. كىچىك چېغىمدا بۇ گەپلەرگە بولغان تونۇشۇم چوڭقۇر ئەمەس ئىدى، پەقەت بوۋامنىڭ گېپىنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنىلا بىلەتتىم. چوڭ بولغاندىن كېيىن بۇ سۆزلەرنى تەدرىجىي چۈشىنىپ يەتتىم. بىز تىنچ دۆلەتتە ياشاۋاتىمىز، ھازىرقى تۇرمۇشىمىز شۇ قەدەر گۈزەل، بۇ تۇرمۇشىمىز پارتىيەنىڭ ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ جاپالىق، مىسلىسىز كۈرەش قىلىشى ئارقىسىدا ئەمەلگە ئاشقان، بىز بەختلىك تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىللە، مىننەتدارلىقنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ نۇرلۇق، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە قاراپ مېڭىشىمىز كېرەك.

  مەن يەسلىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە، ئىزچىل ھەر مىللەت ھەمراھلىرىم بىلەن بىللە غىزالىنىپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئويناپ چوڭ بولدۇم، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى كىچىكىمدىن باشلاپلا قەلبىمدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلدى، ئۇلارنىڭ دىلى رەھىمسىز، ۋاسىتىسى قەبىھ، تەسىرى يامان بولۇپ، ئادەم قېلىپىدىن چىققان دېيىشكە بولىدۇ. ئايال كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك جىنايى ماھىيىتى ۋە ئېغىر خەۋپىنى ئېنىق تونۇپ، كەڭ ئاياللار، ئاچا – سىڭىللارنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەلىرى ۋە سۆز – ھەرىكەتلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر – ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرىمەن.

  ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ــــ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ـــ ئاپەت. مۇقىم مۇھىت بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ مۇھىملىقىنى ئېنىق تونۇشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق بولمىسا، شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، بىز ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل ئەتىسىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تولۇق تونۇشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز سۆزلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئىشلارنى قەتئىي قىلمايمەن، خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇپ، نادانلىقنى رەت قىلىپ، ئۆزۈمدىكى ئاكتىپ كۈچ ئارقىلىق ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، تۈرتكە بولۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن پۈتكۈل جەمئىيەتكە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى تارقىتىپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق گۈللىرىنى پەرۋىش قىلىمەن.

  بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمدە، دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرى ۋە شىركەتنىڭ تۈرلۈك قائىدە – تۈزۈملىرىگە قاتتىق بويسۇنۇپ، يۇقىرىنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەشتە مۈجمەل بولماي، چېكىنمەي، ھالقىلىق پەيتتە مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن ھالدا ئالدىدا مېڭىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىناقلىقى، ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى